ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتىلگەن «ئالاھىدە ئىشتاتلىق خىتاي ئوقۇتقۇچىلار» نىڭ «ۋەزىپىسى» زادى نېمە؟

ئامستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2024.08.27
«نوپۇس مۇستەملىكىسى» دىن تۇغۇلغان پىكىرلەر: ئۇكرائىنا ۋە ئۇيغۇرلار تارىم نېفىتلىكىگە كۆچۈرۈلگەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئەتىگەنلىك بەدەن چېنىقتۇرۇشتا. 2003-يىلى 14-سېنتەبىر، تەكلىماكان.
REUTERS

20-ئاۋغۇست شاڭخەي شەھىرىنىڭ پۇدۇڭ يېڭى رايونى مائارىپ ئىدارىسىدە «ۋەزىپە بىلەن چېگرا رايونغا بېرىپ، قىزغىنلىق بىلەن تەرەققىياتقا ياردەم بېرىش» تېمىسىدىكى «شىنجاڭ مائارىپىغا ياردەم» بېرىدىغان ئىختىساسلىقلارنىڭ سەپەردىن ئاۋۋالقى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان. مەزكۇر سۆھبەت يىغىنىدا پۇدۇڭ يېڭى رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گاۋ گوجۇڭ، «شىنجاڭغا ياردەم» گە ماڭىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا مەزكۇر خىزمەتنىڭ مۇھىملىقىنى ئېنىق تونۇپ يېتىش؛ سىياسىي ۋە ئومۇمىيلىق نۇقتىسىدا تۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەش؛ «شىنجاڭغا قان بېرىش بىلەن قان ئىشلەپچىقىرىش» نى بىرلەشتۈرۈپ، يەرلىكنىڭ مائارىپىنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەكىتلىگەن.

ئۇنداقتا، خىتاي نېمە ئۈچۈن شاڭخەيدىن ئالاھىدە ۋەزىپە بىلەن ئاتالمىش «شىنجاڭ مائارىپىغا ياردەم بېرىدىغان ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچى» لارنى ئۇيغۇر ئېلىغا ئەۋەتمەكچى بولىدۇ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسەت زادى نېمە؟

خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتى» دىن كېيىن يولغا قويغان ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم پىلانى» غا نۆۋەتتە 30 يىل بولاي دېدى. «شىنجاڭ مائارىپىغا ياردەم بېرىش» ئەنە شۇ پىلاننىڭ ئىچىدىكى ئەڭ بۇرۇن ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن ۋە ئەڭ مۇھىم بولغان تۈرلەرنىڭ بىرىدۇر. ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم پىلانى» 1996-يىلى ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېررورىزمغا باغلاشتا مۇھىم رول ئوينىغان «7-نومۇرلۇق ھۆججەت» تىن ئىككى ئاي كېيىنلا ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان. بۇنداق بىر پىلان يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن قىسمەتلەرگە نەزەر سالىدىغان بولساقلا، بۇ پىلاننىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن مۇئەييەن باغلىنىشلىقى بارلىقىنى كۆرۈپ يېتەلىشىمىز تەس ئەمەس!

1996-يىلى 19-مارتتا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتى ھەققىدىكى تەتقىقات يىغىنى» چاقىردى. «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ھەققىدىكى 7-نومۇرلۇق ھۆججەت» بولسا، دەل بۇ يىغىننىڭ مەھسۇلىدۇر. «7-نومۇرلۇق ھۆججەت» ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېررورىزم بىلەن باغلاپ، بۈگۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئاساسىنى يارىتىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارمۇ دەل بۇ ھۆججەت سەۋەبلىك خىتاي ئىچى ۋە خەلقئارادا ئوبرازى خۇنۈكلەشتۈرۈلۈش، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىش، ھەق-ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىش. . . ئاقىۋەتتە 2002-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى خەلقئارا تېررورىزمغا باغلىنىشتەك قىسمەتكە دۇچ كەلدى. 2002-يىلى 11-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكادا يۈز بەرگەن «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» گە دەل بىر يىل بولغان كۈنىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى «1267- ۋە 1390-نومۇرلۇق قارارلار» نى ماقۇللاپ، ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. «خەلقئارا تېررورلۇق تىزىملىكى» گە قوشۇلۇپ قېلىش ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق كۈرەشلىرىگە چۈشكەن بىر قارا داغ بولۇپ قالغانىدى. دەرۋەقە، بۇ ھادىسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى خۇنۈكلەشتۈرۈلۈپ، دۇنيانىڭ نەزەرىدىن يىراقلاشتۇرۇلۇپ، يېتىم قالدۇرۇلدى. شۇنداق دېمەي تۇرالمايمىزكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىغا چۈشۈرۈلگەن بۇ قارا داغ، تاكى بۈگۈنگىچە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم كوزىرى قىلىنماقتا!

«بۈگۈنكى خىتاينىڭ نوپۇزلۇق تەبىرى ناملىق خىتاي ھۆكۈمەت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭغا ياردەم سىياسىتى» ھەققىدىكى «تەبىر» دە، ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى 7-نومۇرلۇق ھۆججەت» بىلەن «شىنجاڭغا ياردەم پىلانى» نى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئېنىق يورۇتۇلغان. يەنى مەزكۇر ماقالىدە، خىتاينىڭ 1996-يىلى «شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىقىنى قوغداش ھەققىدە مەركەزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك چوڭ پىلان تۈزگەن ۋە بىرىنچى قارارلىق شىنجاڭغا ياردەم پىلانىنى باشلىغان» لىقى بايان قىلىنغان. دېمەك، يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك، ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم پىلانى» نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغانلىقى ئاشكارا!

ئۇنداقتا، شاڭخەينىڭ پۇدۇڭ يېڭى رايونىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا «ياردەم» گە كېلىدىغان خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە قاراپ باقايلى.

2020-يىلى سېنتەبىردە ئېچىلغان ئاتالمىش «مەركەزنىڭ 3-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا شى جىنپىڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ ئۆزى، سىياسىي تونۇش ۋە خەلقنىڭ مايىللىقى مەسىلىسىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىشتۇر» دېگەن. «شىنجاڭ مائارىپىغا ياردەم بېرىش» پىلانىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىدەك ماھىيىتىدىن قارىغىنىمىزدا، ئۇيغۇر ئېلىغا تۈركۈملەپ كېلىۋاتقان «ئالاھىدە ئىشتاتلىق خىتاي ئوقۇتقۇچىلار» نىڭ قانداق ۋەزىپىسى بارلىقىنى پەرەز قىلىشىمىز ئانچە تەس ئەمەس. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ «سىياسىي كىملىك قارىشى» نى ئۆزگەرتىش، بۇ خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرىدۇر!

سىياسىي كىملىك دېگىنىمىز بىر ئىنساننىڭ ئۆزى تەۋە دەپ قارىغان دۆلەت، جۇغراپىيەلىك رايون، سىياسىي پارتىيە، مەلۇم ئىجتىمائىي توپلۇق، ياكى مىللىي تۈركۈمىنى كۆرسىتىدىغان تەۋەلىك ئۇقۇمىدۇر. بۇ خىل سىياسىي كىملىك كىشىلەردە تەبىئىي ھالدا ئۆزى تەۋە بولغان دۆلەت، مىللەت، جۇغراپىيەلىك جاي. . . قاتارلىقلارغا بولغان كۈچلۈك سۆيگۈ ۋە ساداقەتمەنلىك تۇيغۇسىنى قوزغىتىدۇ. خىتاي تەتقىقاتچىسى لى شياۋشيانىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت، مىللەت ۋە دىنىي كىملىكى تونۇشى» ھەققىدىكى بىر تەتقىقات دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت كىملىكى بولغان تونۇشىنىڭ ھەممىدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى مەنسۇپ دەپ قارىغان سىياسىي كىملىكى - ئۇيغۇرلۇقتۇر!

ئۇيغۇرلار گەرچە بۈگۈنكى دۆلەت تەۋەلىكى نۇقتىسىدىن خىتاي پۇقراسى دەپ قارالسىمۇ، ئەمما كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلار ئۆزىنى خىتايغا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىغا مەنسۇپ مىللىي توپلۇق دەپ تونۇپ كەلگەن. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇيغۇرلار تاكى يېقىنقى يىللارغا قەدەر ئۆزلىرىنى «خىتايلىق» (جۇڭگولۇق) دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنمىگەن. ئەپسۇسلىنارلىقى، يېقىنقى بىر قانچە يىلدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان 2017-يىللاردىن بۇيان، خىتايدىن تارقىتىلىدىغان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى «خىتاي پۇقراسى» (جۇڭگولۇق)، «جۇڭخۇا مىللىتى» دەپ تونۇشىغا ئائىت ئۇچۇرلار بىردىنلا كۆپىيىشكە باشلىدى. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، ئۆزىنىڭ «خىتاي» كىملىكىدىن پەخىرلىنىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سىن كۆرۈنۈشلىرىنىڭ تەشۋىق قىلىنىشى ئىدى. بۇنداق ھادىسىلەر كىشىلەرگە سەل غەلىتىدەك تۇيۇلسىمۇ، لېكىن بۇ بىر تاسادىپىيلىق بولمىغانلىقى ھەم خىتاينىڭمۇ ھەم ئۇيغۇرلارنىڭمۇ كۆڭلىگە ئايان ئىدى. يەنى بۇ «ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي كىملىكىنى ئۆزگەرتىش» ۋەزىپىسى بىلەن كەلگەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى «خىتاي» كىملىكىگە سىڭدۈرۈۋېتىش خىزمىتىنىڭ يۈزەكى نەتىجىسى، ئەمما ھەرگىزمۇ ئاخىرقى نەتىجە ئەمەس! چۈنكى مىللەت دېگەنلىك كۆپىنچە ھالدا قانداشلىقتىن سىرت، ئورتاق بولغان تارىخ، مەدەنىيەت، ئەنئەنە، تىل ۋە ئۆرپ-ئادەتلەر ئاساسىدا شەكىللەنگەن بىر ئورتاق گەۋدىدۇر. مىللىي كىملىك تونۇشى بولسا، بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. مىللەت كىملىكىدىكى ئورتاقلىق ئىنسانلارنىڭ ئۆزى تەۋە بولغان مىللەتكە بولغان مەنسۇبىيەت تۇيغۇسىدا ئىپادىلىنىدۇ. مىللىي مەدەنىيەت بولسا مىللىي مەۋجۇتلۇقنىڭ يەنە بىر خىل ئىپادىلىنىش شەكلى بولۇپ، بۇ خىل مەدەنىيەت بىر خەلقنىڭ ياشاش ئادىتى، قىممەت قارىشى، ئېتىقادى قاتارلىقلار بىلەن مۇستەھكەم باغلانغان بولىدۇ. يەنى مىللىي مەدەنىيەت شۇ مىللەتنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈشتە ئەڭ مۇھىم رول ئوينايدۇ.

دەرۋەقە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشىمۇ، نەچچە مىڭ يىللىق ئۇزاق تارىخ جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، بۇ خىل مىللەت كىملىكىنى ھاكىمىيەتنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزگەرتىشمۇ بىردەمدىلا روياپقا چىقىدىغان ئىش ئەمەس. گەرچە خىتاي زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنى خىتايغا ئومۇميۈزلۈك سىڭدۈرۈۋېتىشكە تىرىشسىمۇ، بۇنداق بىر تىرىشچانلىقنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ خىتاي كۆزلىگەندەك نەتىجىلەرنى بېرەلمەيدىغانلىقى تارىختا نۇرغۇن ئۆرنەكلەر بىلەن ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلىنىپ بولغان!

[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
ۋەزىيەت- مۇلاھىزە
DeepSeek-suniy-eqil-1920
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.