ئۇيغۇرلار «جۇڭخۇا مىللىتى» ئەمەس، خىتاي ئېيتىمىدىكى «ئانارنىڭ دانىسى» مۇ ئەمەس!
2024.09.29
شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنى «ئانارنىڭ دانىسىدەك» دەپ تەرىپلەش ھۆكۈمەت ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە «مودا» بولۇشقا باشلىدى. خىتاينىڭ نەزەرىدە شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى بەرپا قىلماقچى بولغان «جۇڭخۇا مىللىتى» بىر دانە چوڭ ئانارغا، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئانار دانىلىرى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە ۋەكىللىك قىلاتتى. ھالبۇكى، بۇنداق ئوخشىتىشنىڭ ئىچ يۈزىگە دىققەت قىلىنسا، چوڭ ئانارنىڭ پەقەتلا خىتاي مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. چۈنكى بۇ «چوڭ ئانار» نىڭ سىرتقى قىزىل يۈزى پەقەتلا خىتاي تىلى، خىتاي مەدەنىيىتى، خىتاي كىملىكى بىلەن بويالغان بولۇپ، ئانارنىڭ سىرتىدىكى مۇستەھكەم پوستى بولماي تۇرۇپ ئانار دانىلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. دېمەك، بۈگۈن ئۇيغۇرلار ھايات قېلىش ئۈچۈن، ئانار پوستى ئىچىگە ئورناشقان سانسىزلىغان «ئانار دانىلىرى» نىڭ پەقەتلا بىرى بولۇشى، يەنى باشقا ئانار دانىلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر پۈتۈن ئانارنى تەشكىل قىلغان «جۇڭخۇا مىللىتى» گە سىڭىپ كېتىشى كېرەك!
مانا بۈگۈن، يەنى 27-سېنتەبىر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەرنى تەقدىرلەش» چوڭ يىغىنىدا يەنە بۇ سۆزنى تەكرارلىدى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولى» نى يۈز يىللىق ئىزدىنىشتىن كېيىن ئاخىرى تېپىپ چىققانمىش؛ خىتاي كومپارتىيەسى مىللىي زۇلۇمغا، مىللىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تەڭ-باراۋەرلىك ھەقلىرىنى قوغداپ، ئۇلارنى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئورتاق خوجايىنىغا ئايلاندۇرغانمىش؛ «جۇڭخۇا مىللىتى» 5000 يىللىق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە ئۇلۇغ بىر مىللەتمىش؛ «جۇڭخۇا مىللىتى» تەركىبىدىكى ھەرقايسى مىللەت ۋە ئېتنىك توپلار ئۆزئارا قان-قېرىنداش بولۇپ، ئورتاق مەدەنىيەتكە ئىگەمىش… شۇڭىمۇ «جۇڭخۇا مىللىتى» بولۇپ شەكىللىنىش ۋە ئۇيۇشۇش، ھەممە مىللەتنىڭ ئورتاق نىشانى، تارىخنىڭ مۇقەررەرلىكى ۋە ئومۇمىي يۈزلىنىشىمىش؛ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ «بىر بىرىگە سىڭىپ كېتىشىنى تېزلىتىش، ھەر مىللەت خەلقى ئارىلاش ئولتۇراقلىشىش ۋە ياشاش مۇھىتىنى كېڭەيتىش، ھەرقايسى مىللەتلەرنى «ئانارنىڭ دانىسىدەك بىر-بىرىگە مەھكەم باغلىۋېتىش» كېرەكمىش؛ قىسقىسى، خىتاي بولمىغان بارچە مىللەتلەر خىتاي ياساپ چىققان بۇ غەيرىي «ئانار» نىڭ ئىچىگە كىرىپ مەھكەم ئورۇنلىشىشى، ئۆزىنى بۇ «چوڭ ئانار» ئىچىدىكى «ئاجرالماس دانە» دەپ بىلىشى ۋە ئېتىراپ قىلىشى كېرەكمىش!
دەرۋەقە، شى جىنپىڭ ياكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتايلارنى ئۇل قىلغان «جۇڭخۇا مىللىتى يارىتىش» پىلانى ئەمەلىيەتتە خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ ئاشقۇن شەكىلدىكى ئىپادىسىدۇر. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا ۋە كوممۇنىست خىتاينىڭ تۇنجى «ئاساسىي قانۇنى» ئېلان قىلىنغاندا، «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى كۆپ مىللەتلىك دۆلەت» دېگەن دۆلەت خاراكتېرى بېكىتىلگەن. يەنى خىتاي ئۆزىنى خەلقئاراغا «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى 56 مىللەتتىن تەشكىل تاپقان كۆپ مىللەتلىك دۆلەت» دەپ جاكارلىغان. ئەمدىلىكتە خىتاينىڭ «كۆپ مىللەتلىك خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى» نى ئىنكار قىلىپ، خىتايلارنى ئۇل قىلغان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى»، يەنى تەك مىللەت ۋە تەك ئۇلۇس بەرپا قىلىش تەشۋىقاتى، كوممۇنىست خىتاينىڭ 70 نەچچە يىلدىن بۇيان جار سېلىپ كەلگەن پۈتكۈل تەشۋىقاتلىرىغا، ھەتتا خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا بېكىتىلگەن «دۆلەت خاراكتېرى» گىمۇ تۈپتىن خىلاپ قىلمىشتۇر.
دەرۋەقە، يېقىنقى يىللاردا، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان كوممۇنىست خىتاينىڭ ئىلگىرىكى تەشۋىقات ئەنئەنىسىگە «ئۇلۇغ گۈللىنىش» «بىرلىككە كېلىش»، «ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇش» دېگەندەك يېڭى تېرمىنلار قوشۇلۇپ تەشۋىق قىلىنىدىغان بولدى. خۇددى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا 1950-يىللاردىن كېيىن «ئىلغار ئورۇس مىللىتى» نى ئۇل قىلغان، باشقا بارلىق مىللەتلەر ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان «سوتسىيالىستىك سوۋېت مىللىتى» بەرپا قىلىش تەشۋىقاتى ئوتتۇرىغا چىققىنىدەك، كوممۇنىست خىتايمۇ يېقىندىن بۇيان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى»، يەنى خىتايلارنى ئۇل قىلغان باشقا بارلىق مىللەتلەرنى يۇغۇرۇپ تاشلىغان «تەك ئۇلۇس دۆلىتى» بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، 2018-يىلى ئېچىلغان خىتاينىڭ «13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى» دا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق كىملىكى» يارىتىش نىشانى خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا رەسمىي كىرگۈزۈلدى.
بۇ ھەقتە خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى فوندى قوللىغان چوڭ تىپتىكى تەتقىقات تۈرى- «مىللەت قۇرۇلۇشى نۇقتىسىدىن ئاپتونوم رايونلارنىڭ نەزەرىيەۋى پىرىنسىپلىرى، ئەمەلىي تەجرىبىسى ۋە رېئال خىرىسلىرى» ناملىق تەتقىقات تېمىسى دىققىتىمىزنى چېكىدۇ. بۇ چوڭ تۈرنىڭ باسقۇچلۇق نەتىجىسى دەپ قارالغان ۋە «غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 2018-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان شيۇڭ ۋېنجاۋ ۋە ۋاڭ چۇكې ئاپتورلۇقىدىكى بىر چوڭ ماقالە، خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى قەدەم-باسقۇچلىرىنى ئاشكارىلىغان. ماقالىنىڭ تېمىسى «‹جۇڭگو مىللىتى› ئۇقۇمى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلدى» بولۇپ، ماقالىدا بۇ ئۇقۇمنىڭ كېلىپ چىقىشى، قېلىپلاشقان چۈشەندۈرۈلۈشى ۋە ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلۈش سەۋەبلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن. بولۇپمۇ ماقالىدىكى بىر ئابزاس خىتاينىڭ بۇ ئاتالغۇنى ئورتاق كىملىك سۈپىتىدە ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈشىنىڭ كەينىدىكى ئەسلى مەقسىتىنى ئېنىق يورۇتۇپ بەرگەن. ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «تۆت-بەش پارچىغا بۆلۈنۈپ كەتكەن بىر دۆلەت ئەسلا ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەيدۇ. ‹جۇڭخۇا مىللىتى› دېگەن بۇ ئۇقۇم سىرتقا نىسبەتەن مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولسا؛ ئىچكى قىسمىغا نىسبەتەن مانجۇلارنىڭ سىياسىي ۋە تارىخىي مىراسلىرىغا ئورتاق ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇش يولىنى توستى. ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، مىللەتچىلىكنىڭ ئىلغارلىقى شۇ بولدىكى، ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، مىللەت ئۇقۇمى كۈچىيىشكە يۈزلەندى. بۇنداق بولۇشىنى ئىمپېرىيالىستلارغا قارشى تۇرۇش يۈزلىنىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مىللەت دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ مۇھىم بىر خەلقئارالىق قانۇن ئۇقۇمى سۈپىتىدە دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىدا ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنغانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئەمما مانجۇ ئىمپېرىيەسى ئاغدۇرۇلۇشنىڭ ھارپىسىدا ‹جۇڭخۇا مىللىتى› ئۇقۇمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، خىتاينى خەلقئارا قانۇن سىستېمىسىدىكى قاراشلارغا بويسۇندۇرۇپلا قالماي، بەلكى يەنە خەلقئارادا ئورتاق تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان ‹مىللەت ئۇقۇمى› غىمۇ ماسلاشتۇردى ۋە بۇ ئۇقۇم تەدرىجىي ھالدا كىشىلەرنىڭ قەلبىگە سىڭىپ، خەلقنىڭ مىللىي ئىپتىخارلىق، مىللىي ئىشەنچ تۇيغۇسىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى».
يۇقىرىقى ئىبارىلەردىن قارىغاندا، خىتاي ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» نى خەلقئارا قانۇنلاردىكى «ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بار» دېگەن ئۇقۇمغا تەدبىقلىغانلىقى ئاشكارا. يەنى ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ قانداق قارىشى، نېمىنى خالىشى ۋە قانداق يولدا مېڭىشنى تاللىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارغا «جۇڭخۇا مىللىتى» كىملىكىنى سىڭدۈرۈش، ئۇلارنى مۇستەقىللىقتىن ۋاز كەچتۈرىدىغان بىردىنبىر يولدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھەتتا «جۇڭخۇا مىللىتى» ناملىق بۇ ياسالما كىملىكنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلغان. بۇ كىملىكنىڭ ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلۈشى مۇقەررەر ھالدا مەزكۇر كىملىككە قارشى چىققۇچىلارنى «جۇڭخۇا مىللىتى» نىڭ ئورتاق دۈشمىنىگە ئايلاندۇرىدىغانلىقى ئېنىق.
دەرۋەقە، زامانىۋى دۆلەتچىلىك قۇرۇلۇشىدا بىر تارىخىي ئۆزگىرىش ياكى ئىسلاھاتنىڭ بولۇشى ئېنىق. بۇ نۇقتىدىن ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، موڭغۇللار ياكى خىتايدىكى خىتاي بولمىغان ھەرقانداق مىللەتنىڭ خىتايلارغا ئوخشاشلا ئۆز مىللىي مۇستەقىللىقىنى قوغلىشىش ھەقلىرى بار! بۇ ھەقلەرنىڭ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» ناملىق ساختا كىملىككە قۇربان قىلىۋېتىلىشى قوبۇل قىلغۇسىز بىر جىنايەت! چۈنكى «جۇڭخۇا مىللىتى» كىملىكى خىتايلىشىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان نەزەرىيە بولۇپ، ئۇنىڭ يادروسىدا خىتاي مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۇ ھەقتە يۇقىرىقى ماقالىدىمۇ ئېنىقلىما بېرىلگەن. تارىخقا قارايدىغان بولساق، 20-ئەسىردىن ئىلگىرىكى خىتاي تارىخىدا ھېچ ۋاقىت «جۇڭخۇا مىللىتى» دەيدىغان بىر ئۇقۇم بولغان ئەمەس. بۇ ئۇقۇم 1902-يىلى لياڭ چىچاۋ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ سۆز تاكى بۈگۈنگىچە پەقەت خىتاي مىللىتىنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى شەكلىدە ئىستېمال قىلىنىپ كەلگەن. بۈگۈن شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى 5000 يىللىق ئۇزۇن تارىخقا ئىگە» دېيىشى سېپى ئۆزىدىن ئالدامچىلىقتۇر. چۈنكى بۇ نامنىڭ پەيدا بولغىنىدا ئەمدىلا يۈز يىلدىن ئاشتى، كوممۇنىست خىتاي تېخى 6 يىلنىڭ ئالدىدا، 2018-يىلى ئاندىن بۇ ئاتالغۇنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزگەن بولدى.
19-ئەسىردىن بۇيانقى دۇنيا تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، غەربتە باش كۆتۈرگەن زامانىۋى دۆلەت قۇرۇش ئۇقۇمى، خەلقئارادا مىللەتچىلىك ئېڭىنىڭ ئويغىنىشىغا ئاساس سالغانىدى. ئىمپېرىيالىزمنىڭ چۆكۈشى ۋە مىللىي دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىمۇ دەل بۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ ئوتتۇرىغا چىققان. گەرچە بۇ جەرياندا نۇرغۇن مىللەتلەر ئۆز مىللىي مۇستەقىللىقىنى قولىغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر قاتارلىق بىر قىسىم مىللەتلەرگە نىسبەتەن مىللىي مۇستەقىللىق تۈرلۈك مۇشكۈلاتلارغا لىق تولغان بىر ئۇزۇن ۋە مۈشكۈل سەپەرگە ئايلىنىپ قالدى. بۇنداق بولۇشىمۇ دەل خىتاينىڭ ئۆز مىللىي كىملىكى بولغان خىتاي مىللىتى (خەنزۇ) نىڭ ئورنىغا «جۇڭگولۇق» ياكى «جۇڭخۇا مىللىتى» (Chinese Nation) كىملىكىنى قوللىنىشى، خەلقئارالاشتۇرۇشى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى دۇنيا تارىخىدا CHINA دەپ ئاتالغان جۇغراپىيەلىك رايونلارنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشى ئۈچۈن ئىدى.
شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن «جۇڭخۇا مىللىتى» (Chinese nation) دېگەن كىملىك ئۇقۇمىنى قوبۇل قىلغان ئەمەس، شۇنداقلا تارىختا مەيلى تىل، مەدەنىيەت، ئېتنىك كېلىپ چىقىش ۋە پىسخىك ئالاھىدىلىك جەھەتتىن ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» گە باغلانغان ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ نەزەرىدە، «جۇڭخۇا مىللىتى» دېگەنلىك «خىتاي» دېگەنلىكتۇر. ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ شەكىللىنىش تارىخى ئاران يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» كىملىك ئۇقۇمىدىن كۆپ ئۇزۇن تارىخقا ئىگىدۇر. شۇنداقكەن، ئۇيغۇر خەلقى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» دېگەن بۇ يات كىملىكنى قانداقمۇ ئۆزىگە تاج قىلالىسۇن؟ خۇددى 1933-يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال جەمئىيىتى تەرىپىدىن قەشقەردە نەشر قىلىنغان «ئىستىقلال» مەجمۇئەسىدە ئېنىق دېيىلگىنىدەك، «شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە خىتايلارنىڭ ئۆزىمۇ ھەم سۆزىمۇ كېرەك ئەمەس!»
شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، مىللەت كىملىكى شۇ مىللەتنى شەكىللەندۈرگەن ماكان ۋە تۇپراققا باغلانغان كىملىكتۇر. ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى مەلۇم بىر تۇپراققا ھەمدە جۇغراپىيەلىك مەدەنىيەتكە باغلانغان بولىدۇ. تۇپراقسىز مىللەت شەكىللىنەلمىگىنىدەك، مىللەتسىز تۇپراقنىڭ تارىخىي ئىزلىرىمۇ بولمايدۇ. مىللەت كىملىكىدىن ۋاز كېچىش، ئۆز تارىخىدىن ۋە زېمىنىدىن ۋاز كېچىش دېمەكتۇر. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق شانلىق تارىخىدا شەكىللەندۈرگەن ئۇيغۇر دېگەن بۇ شانلىق كىملىكىدىن ئەسلا ۋاز كەچمەيدۇ. چۈنكى بۇ كىملىك ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىن ھەققىگە شاھىت بولغان، ھۆرلۈك ئارزۇلىرىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىش يولىدىكى بىر مەشئەلدۇر!
[مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]