ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى بولماي تۇرۇپ ھۆرلۈكى ئەمەلگە ئاشمايدۇ

ئامستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2024.02.15
dolqun-eysa-2018-jenwe-namayish.jpg مىڭلىغان ئۇيغۇرلار ب د ت باش شتابى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشىدا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نۇتۇق سۆزلىمەكتە. 2018-يىلى 6-نويابىر، شىۋېتسىيە.
RFA

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «كىشىلىك ھوقۇقمۇ ياكى مۇستەقىللىقمۇ؟ » مۇنازىرىسى ئىزچىل قىزىق تېما بولۇپ كەلدى. ھەتتا يېقىندا «كىشىلىك ھوقۇق دەۋاسى» دىن ئۈمىدسىزلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تاشلىۋېتىپ، مۇستەقىللىق ئۈچۈنلا كۈرەش قىلىش» تەكلىپلىرى كۈچىيىشكە باشلىدى. بەزىلەر ھەتتا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى پەقەتلا مۇستەقىللىق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى. ئۇنداقتا بىز بۈگۈن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە «كىشىلىك ھوقۇق دەۋاسى» نىڭ رولى راستتىنلا يوقمۇ؟ كىشىلىك ھوقۇق بىلەن مىللىي مۇستەقىللىقنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ دېگەن سوئاللار ئۈستىدە مەخسۇس توختىلىمىز.

بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىلەن قانداق ئالاقىسى بارلىقى ھەققىدە توختىلىشتىن ئاۋۋال، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ زادى نېمىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۆرەيلى.

1948-يىلى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنىپ، دۇنيا جامائىتى ئورتاق قوبۇل قىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئايلانغان. شۇنداق بولۇپلا قالماستىن يەنە، «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» شۇنىڭدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن ھەرقانداق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرى ۋە باشقا قانۇنلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا باش پىرىنسىپ قىلىنغان. ئۇنداقتا كىشىلىك ھوقۇق دېگەن زادى نېمە؟

 «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» نىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن كىشىلىك ھوقۇق دېگىنىمىز، ئىنسانغا ھېچقانداق دۆلەت، تەشكىلات ياكى باشقىلار تەرىپىدىن بېرىلگەن بولماستىن، يارىلىشىمىزدىن بېرى بىزگە مەنسۇپ بولغان ھوقۇقتۇر. يەنى، ئىنسان يارىلىشى بىلەن تەڭ بار بولغان «تەبىئىي ھەقلىرى» كىشىلىك ھوقۇق دەپ ئاتىلىدۇ.

بۇ ھوقۇق ئىنسانغا ياراتقۇچى تەرىپىدىن بېرىلگەن ھەق-ھوقۇق بولغىنى سەۋەب، مەيلى قايسى ئىرققا، قايسى مىللەتكە، قايسى ئېتىقادقا، قايسى ئىدىيەگە، قانداق تىل ۋە يېزىققا، قايسى دۆلەتكە ياكى قانداق سالاھىيەتكە ئىگە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر «تەبىئىي ھەق-ھوقۇقلار» دا باراۋەردۇر. كىشىلىك ھوقۇق ئەركىن ياشاش، قۇل قىلىنماسلىق، زۇلۇمغا ئۇچرىماسلىق، پىكىر ۋە قاراشلىرىنى ئەركىن بايان قىلىش، خىزمەت قىلىش، مائارىپ تەربىيەسى ئېلىش، ئېتىقاد ھوقۇقى قاتارلىق تۈرلۈك ھوقۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇتۇقلىرىدىن بىرىمۇ، دەل كىشىلىك ھوقۇق قانۇن تۈزۈلمىسى تۈزۈپ چىققانلىقىدۇر.

گەرچە ئىنسانلار تۇغۇلۇشىدىن بۇيان باراۋەر ھەقلەرگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما تارىختىن بۇيان ئىنسانلار ئارىسىدا پەرقلىق قاراش، پەرقلىق ئېتىقاد، پەرقلىق ئىرق، پەرقلىق سالاھىيەت ۋە نۇرغۇن پەرقلەر تۈپەيلى تەڭسىزلىك ئىزچىل يۈز بېرىپ كەلدى. شۇنداقلا تاكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، دۇنيا يېڭى كۈن تەرتىپكە كىرگۈچە بولغان ئارىلىقتا ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشتىن ئىگە بولغان تەبىئىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىكى تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىدە بىرلىككە كېلىپ باقمىغانىدى. ئەمما ب د ت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئېرىشكەن قانلىق ئىبرەتلەر تۈرتكىسىدە، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ بىردىنبىر ئاساسى پەقەت ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىكەنلىكىدە دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ دۆلەتلەر ئورتاق قاراش ھاسىل قىلدى. مانا بۇ ئورتاق قاراش ئاساسىدا 1948-يىلى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» خەلقئاراغا جاكارلاندى. شۇنىڭدىن بۇيانقى يەتمىش نەچچە يىل مابەينىدە، مەزكۇر خىتابنامە، كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك بارلىق خەلقئارا قانۇن ۋە نىزاملارنىڭ تۈزۈلۈشىدىكى باش پىرىنسىپ ۋە ئاساسلىق ئامىل قىلىندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارخىپىغا ئاساسلانغاندا 1945-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرى مۇستەملىكە ئاستىدا ئىكەنلىكى خاتىرىلەنگەن. 1948-يىلى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىنغان ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا قانۇن، نىزام ۋە كېلىشىملەرنىڭ تۈرتكىسىدە، بۈگۈنگە قەدەر دۇنيادىكى 80 دىن ئارتۇق مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەر مۇستەقىللىققا ئېرىشتى. بولۇپمۇ «يەرلىك مىللەتلەر ۋە قەبىلىلەرنىڭ ھوقۇقى خىتابنامىسى (1957) » ۋە «مۇستەملىكە ئاستىدىكى دۆلەت ۋە خەلقلەرگە مۇستەقىللىق بېرىش ب د ت 1514-نومۇرلۇق قارارى (1960) » قاتارلىقلار مۇستەملىكىلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداشتا مۇھىم ئوينىدى. ھەتتا يېقىنقى زاماندا خوڭكوڭ ۋە ماكاۋنىڭ (ئاۋمېننىڭ) خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشىمۇ، دەل «مۇستەملىكىلىكنى يىلتىزىدىن يوقىتىش ھەرىكىتى» سەۋەبلىك يۈز بەردى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

يۇقىرىقى ئەمەلىي مىساللاردىن شۇ نۇقتا ئېنىق بولدىكى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكىنى دەل ب د ت «كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ۋە بۇ ئاساستا بارلىققا كەلگەن كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا دائىر خەلقئارا قانۇن ۋە نىزاملاردۇر.

دېمەك، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئالدى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى پىرىنسىپ قىلغان. بۇ ۋەجىدىن، ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئورتاق قارىشى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق بولغانلىقتىن، ھەتتا خىتايمۇ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش جىنايىتىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. يەنى خىتاي بۇ جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن مۇنداق بىر قانچە تۈرلۈك يولنى تۇتۇپ كەلدى.

بۇلارنىڭ بىرى، «شەرقىي تۈركىستانچىلار» دېيىش، ئۇيغۇرلار دېمەسلىك؛ خىتاي بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى، ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستانچىلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ۋە دۆلەتنى پارچىلاش ھەرىكىتى» دەپ بۇرمىلاپ، ئۆزىنىڭ ب د ت ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ بولغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى يوشۇرۇش مەقسىتىگە يەتتى؛

ئىككىنچى: ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭسىزلىككە قارشى ھەرىكەتلىرىنى مىللىي قارشىلىق دېمەستىن، «تېررورلۇق» دەپ بۇرمىلاش؛ خىتاي بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي ھەق-ھوقۇق ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرىنى، خەلقئارا تېررورىزمىغا باغلىدى. شۇنداقلا مەسىلىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنىڭ ماھىيىتىنى بۇرمىلاش مەقسىتىگە يەتتى.

گەرچە ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتلىرىدا قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ب د ت غا ئەزا بولغان كۆپ سانلىق دۆلەتلەر، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، ھەتتا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خىتاينىڭ چۈشەندۈرۈشى بويىچە قوبۇل قىلىپ كەلمەكتە. بۇ ۋەجىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا ھەر قېتىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە يۈرگۈزگەن جىنايەتلىرى سوراق قىلىنغىنىدا، خىتاي داۋاملىق ئۈستۈنلۈك بىلەن ئاقلىنىپ كەلمەكتە.

ئەمما بۇ يەردە بىر نەرسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەككى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ب د ت يەنىلا نۆۋەتتىكى مەۋجۇت شارائىتتا بىردىنبىر يول ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى خىتاي مەيلى قانچىلىك كۈچلىنىپ، ھەتتا ئامېرىكادەك دۆلەتلەر بىلەن كۈچ سىناشقۇدەك دەرىجىگە كەلگەن تەقدىردىمۇ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە يەنىلا مەۋجۇت دۇنيا كۈن تەرتىپى ۋە قائىدە-نىزاملىرى بويىچە ئىش كۆرۈشكە مەجبۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى جىنايەتلىرىنى ئاقلاشتا يەنىلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئىسپات كۆرسىتىشكە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى خەلقئارانىڭ سوئال-سوراقلىرىغا جاۋاب بېرىشكە تېخىمۇ مەجبۇر. بۇ ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنىلا ئۆز مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا چىقىش يولى ۋە ئۈمىدتىن دېرەك بېرىدۇ.

ئەمما بۇ يەردە خىتاينى ئۆز جىنايەتلىرى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا جاۋاب بېرىشكە قىستايدىغىنى «شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرىنى باستۇرغانلىق جىنايىتى» ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدۇر ئەلۋەتتە.

دەرۋەقە، خىتاينى ب د ت دا جاۋابكارلىققا تارتىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل دەل ئۇيغۇرلار ئۈستىدە جىنايەت ئۆتكۈزگەن ياكى ئۆتكۈزمىگەنلىكىدۇر!

ھەقىقەت شۇكى، خىتايدا ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرى» ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. مەۋجۇت بولغىنى ھەق-ھوقۇقلىرى پۈتۈنلەي تارتىۋېلىنغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇق مەسىلىسىدۇر.

بۇ يەردە يۇقىرىقى قاراشنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە مۇنداق بىر مەسىلىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. نۆۋەتتە خىتاي تۈرمىسىدە جازالىنىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى 2005-يىلى «شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر» ناملىق دوكلاتىنى يېزىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ھەقسىزلىكلەرنى بىر قانچە نۇقتىدىن ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەكلىكى تەكلىپىنى بەرگەن. ھەتتا مەزكۇر دوكلاتتىن كېيىن ئىلھام توختى تەشكىللىگەن «مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تەتقىقاتى» گۇرۇپپىسى 2009-يىلى ئۆكتەبىردىن دېكابىرغىچە ۋە 2010-يىلى مايدىن سېنتەبىرگىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى، خوتەن، قەشقەر، ئاتۇش، كورلا، غۇلجا شەھىرى ۋە غۇلجا ناھىيەسى، كۇچا ناھىيەسى قاتارلىق ئالتە شەھەر ۋە ئىككى ناھىيەدە، شۇنداقلا بېيجىڭ، شاڭخەي، تيەنجىن قاتارلىق خىتاينىڭ ئۈچ شەھىرىدە راي سىناش جەدۋىلى تارقاتقان ۋە سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ئىلھام توختى ئەپەندى يۇقىرىقىدەك راي سىناش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، مەسىلىنىڭ ئۇيغۇرلاردا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھەقلىرىنى كاپالەتلەندۈرمىگەنلىكى ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەتنى پاكىت بىلەن ئىسپاتلاپ بەرگەن. بۇ ئىش خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئۆز خەلقى ئىچىدىمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرگەن. چۈنكى يىللاردىن بېرى خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزلىرىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ قانچىلىك ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە خىتايلاردىن پەرقلىق بولغان تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى، ھەتتا پىلانلىق تۇغۇت، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە خىتاي ئاھالىلىرى «ھەۋەس قىلىدىغان» كۆپ بالىلىق بولۇش، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش قاتارلىق سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن. ھەتتا بۇ سەۋەبلىك خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە بولغان كۈچلۈك مىللىي ئۆچمەنلىك تۇيغۇسىنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.

دەل مۇشۇنداق بىر پەيتتە، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا يۇقىرىقىدەك «ھەق-ھوقۇقلىرى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، ھەتتا خىتاي پۇقرالىرىدىنمۇ ئۈستۈن بولغان ئىنسانلىق ھەقلىرىگە ئىگە قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا بۇنىڭغا رازى بولمىغانلىق، بۆلگۈنچىلىك قىلىۋاتقانلىق» بىلەن قارىلاپ تەشۋىق قىلىۋاتقاندا، ئىلھام توختىنىڭ يۇقىرىقى دوكلاتى ۋە راي سىناش نەتىجىسى خىتاينىڭ يالغانلىرىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن. ئىلھام توختىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەۋا قىلغان» دەپ ئەمەس، بەلكى «مۇستەقىللىق، بۆلگۈنچىلىك» قىلغان دەپ قارىلىنىشى، خىتاينىڭ قورقىدىغىنىنىڭ ئوخشاشلا «كىشىلىك ھەق-ھوقۇق دەۋاچىلىرى» ئىكەنلىكىنىڭ پولاتتەك ئىسپاتىدۇر. دېمەك، ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇققا ئېرىشكەندىلا ئاندىن ئۆز ئارزۇلىرىنى ھېچنېمىدىن قورقماستىن ئەركىن ھالدا ئوتتۇرىغا قويالايدۇ. بۇ ئارزۇ ئەلۋەتتە خىتاي بىلەن بىرگە ياشاشنى تاللاش ياكى مۇستەقىل بولۇش ئارزۇسىدۇر. يەنى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى خىتاينىڭ ئۈستىگە يۈكلىيەلمەي تۇرۇپ، خىتاينى خەلقئارادا جىنايى مەسئۇلىيىتىنى ئېتىراپ قىلدۇرماي تۇرۇپ، مۇستەقىللىق قەدىمىنى باسالمايدۇ. پۈتۈن دۇنيا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن كىشىلىك ھوقۇقنى ۋەيران قىلىش جىنايىتىنى بىردەك ھالدا تونۇپ، ئۇنى جازالىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىمۇ خەلقئارا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدۇ.

تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇيغۇرلارنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق دەۋاسى» مۇستەقىللىقنىڭ تۈپ ئاساسلىرىدىن بىرى بولۇپ، «كىشىلىك ھەق-ھوقۇق» دەۋاسىدىن ۋاز كەچكەندە، «مۇستەقىللىق» ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس!

*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.