«كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسى ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىمۇ» دېگەن سوئال نېمە ئۈچۈن قايتىدىن باش كۆتۈردى؟

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.05.31
«كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسى ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىمۇ» دېگەن سوئال نېمە ئۈچۈن قايتىدىن باش كۆتۈردى؟ پرېزىدېنت جو بايدىن دۆلەتلىك ساغلاملىق تەتقىقات ئورنىدىكى ۋىرۇس كېسەللىكلىرى تەجرىبىخانىسىنى زىيارەت قىلغاندا سۆز قىلماقتا، يېنىدا دۆلەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئانتونىي فاۋچى. 2021-يىلى 11-فېۋرال.
AP

مىليونلىغان ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ئەجەللىك ۋابا-كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىدىن ئېھتىياتسىزلىقتىن چىقىپ كېـتىپ تارقىلىپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر قايتىدىن باش كۆتۈردى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن مەخسۇس ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى ھەققىدىكى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشنى، ئۆزىگە 90 كۈن ئىچىدە دوكلات سۇنۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇندىن باشقا يەنە ئامېرىكادىكى يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلغان ھالقىلىق شەخس، دۆلەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئانتونىي فاۋچى بىر يىغىندا: «مەن بۇ ۋىرۇسنىڭ تەبىئىي پەيدا بولغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. مېنىڭچە، بىز خىتايدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى داۋاملىق تەكشۈرۈشىمىز كېرەك،» دېگەن.

ئەسلىدە ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنىڭ ۋۇخەندىكى ۋىرۇس تەتقىقات مەركىزى تەجرىبىخانىسى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى پاراڭلار سابىق پرېزىدېنت ترامپ مەزگىلىدىمۇ ئوتتۇرىغا چىققان، ئەمما ئۇ چاغدا بۇ «سۇيقەست نەزەرىيەسى» دەپ قارىلىپ قەتئىي رەت قىلىنغان ئىدى. بىراق يېقىندا ئامېرىكانىڭ بىر ئىستىخبارات دوكلاتىدا ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدا ئىشلەيدىغان بىر قانچە خىتاي تەتقىقاتچىنىڭ 2019-يىلى نويابىردا، يەنى تۇنجى كورونا ۋىرۇسى ۋەقەسى كۆرۈلۈشتىن بىر ئاي بۇرۇن ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى بىلەن دوختۇرخانىدا ياتقانلىقى ئاشكارىلىنىشى ۋە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈشلەردە ئىزچىل خەلقئارا بىلەن ماسلىشىشنى رەت قىلىشى گۇماننىڭ كۈچىيىشىگە ۋە نەتىجىدە جوۋ بايدېننىڭ ۋىرۇس مەنبەسىنىڭ ۋۇخەن تەجرىبىخانىسى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى نەزەرىيەنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈشگە سەۋەب بولغان ئىكەن.

ئامېرىكادىكى تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسىسىى گوردون چاڭنىڭ بىزگە ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قارمىقىدىكى تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ خىزمەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىشى دىققەت قوزغىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خادىملىرىنىڭ بۇ يىل 2-ئايدا خىتايدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە ئۇلارنىڭ كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈشى، بولۇپمۇ 174 نەپەر بىمارنىڭ ئۇچۇرىنى بېرىشنى رەت قىلدى. بۇ ئەسلىدە سەھىيە تەشكىلاتى ھەيئىتىنىڭ يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيانقى 3-سەپىرى. دەسلەپتىكى ئىككى سەپىرىگە كىشىلەر ئانچە ئېتىبار قىلمىدى. بۇ 3-نۆۋەتلىك ھەيئەت يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كىشىلەر خىتاينىڭ خەلقئارالىق تەكشۈرۈشكە ماسلاشمايۋاتقانلىقىنى كۆردى ۋە خىتاي نېمىنى يوشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ، دەپ سوئال قويۇشقا باشلىدى.»

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەيئىتى بۇ يىل 3-ئايدا خىتاي بىلەن بىرلىشىپ تۇرۇپ ئېلان قىلغان خۇلاسە دوكلاتىدا بۇ ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن چىقىپ كەتكەنلىك ئېھتىمالىنى رەت قىلغان ئىدى. بىراق BBC نىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار بۇ ھەيئەتنىڭ بۇ ئېھتىماللىق ئۈستىدە يېتەرلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ ئېھتىماللىقنى تامامەن نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ھەتتا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش دېرىكتورى، دوكتور تېدروس گېبرېيۇسمۇ بۇ ھەقتە يېڭى تەكشۈرۈش ئەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ: «ھەرخىل پەرەزلەرنىڭ ئېھتىماللىقى يەنىلا مەۋجۇت ھالەتتە تۇرماقتا. بۇ تەتقىقاتلارنىڭ داۋام قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ،» دېگەن.

بىراق 25-ماي كۈنى خىتاي تەرەپ بولسا ئىككىنچى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈشكە يول قويمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. خىتاي تەرەپ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ ۋىرۇس مەنبەسىنى ئىنچىكلەپ تەكشۈرۈش تەلىپىنىمۇ قاتتىق تەنقىد قىلغان. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 27-ماي كۈنىدىكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن:

«ئامېرىكادىكى بىر قىسىم كىشىلەر پاكىتقا، ئىلىم-پەنگە كۆز يۇمۇپ، خىتايدا داۋاملىق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. بۇ ئۇلارنىڭ پاكىت ياكى ھەقىقەتكە پىسەنت قىلمايدىغانلىقىنى، ئىلىم-پەننى ئاساس قىلغان ئەستايىدىل تەتقىقاتقا قىزىقمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىتى كېسەللىكتىن پايدىلىنىپ كەمسىتىش ۋە سىياسىي كونترول قىلىش ئارقىلىق ئەيىبلەش ئوبىكتىنى ئۆزگەرتىش،» دېگەن.

ھالبۇكى، گوردون چاڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنىڭ زادى نېمە بولۇشى ئەمدى مۇھىم ئەمەس ئىكەن. چۈنكى ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇس تارقالغانلىقىنى دۇنيادىن يوشۇرۇپ ئۇنىڭ خەلقئاراغا كەڭ تارقىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەنلىكىدەك پاكىتنى ئۆزگەرتەلمەيدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«بىز شۇنى ئۇنتۇپ قالمايلى، مەيلى ۋىرۇس مەنبەسى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاي رەھبەرلىرى 2019-يىلى دېكابىردا ۋە 2020-يىلى يانۋاردا بۇ ۋىرۇسنىڭ خىتاي چىگراسىدىن ھالقىپ تارقىلىشىغا شارائىت ياراتتى. ئۇلار ئەينى چاغدا خىتاينى تولۇق تاقىغان تۇرۇقلۇق، باشقىلارغا بۇ ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتمىدى، باشقا دۆلەتلەرگە خىتاي ساياھەتچىلەرنى چەكلىمىسىز قوبۇل قىلىش ھەققىدە بېسىم ئىشلەتتى. مانا بۇ ۋىرۇس تارقىلىشىنىڭ يامان نىيەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلەنگەن جىنايەتتۇر.»

گوردون چاڭ ئەپەندى سۆزىدە ئەسكەرتىپ: «بۇ ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى، ئۇنىڭ ئەسلىدە بىر بىئولوگىيەلىك قورال ئىكەنلىكى ھەققىدىكى پەرەزلەر ئىسپاتلانسۇن ياكى ئىسپاتلىنالمىسۇن، مەن ئۈچۈن بەرىبىر. خىتاي بۇ ۋىرۇسنى يوشۇرۇش ئارقىلىق ئوخشاش ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. دۇنيادا 3 يېرىم مىليون ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى،» دەيدۇ.

قىزىقارلىقى، فېيىسبۇك ۋە تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانى ئۆزگەرگەن. فېيىسبۇك تورى بۇ يىل 2-ئايدا كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ خىتاي تەجرىبىخانىسىىدىن چىققانلىقىنى ئىشارەت قىلىدىغان ھەرقانداق يوللانمىنى ئۆچۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى ئۆزگەرتىشىگە ئەگىشىپ فېيسبۇك شىركىتىمۇ قارارىنى ئۆزگەرتىپ، ئەمدى بۇ چەكلىمىسىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. تىۋىتتېر تېخى بۇ ھەقتە بىر ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.