ئۇيغۇرلار مەسىلىسى سەۋەبلىك ۋولكسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتى تاقىلامدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2023.02.28
Volkswagen-markel-wen-jiabao.jpg گېرمانىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئانجېلا مېركىل(Angela Merkel)، ۋولكسۋاگېن شىركىتىنىڭ باشلىقى مارتىن ۋىنتېركورن(Martin Winterkorn) ۋە خىتاي سابىق باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ۋولكسۋاگېن باش شىتابىدا. 2012-يىلى 23-ئاپرېل، ۋولفسبۇرگ شەھىرى، گېرمانىيە.
AP

گېرمانىيەنىڭ ۋولكسۋاگېن شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنىڭ كۆلىمى تارايتىلغان، ئىشچىلار قىسقارتىلغان.

2012-يىلى 4-ئايدا گېرمانىيەنىڭ سابىق باش مىنىستېرى ئانجېلا مېركىل بىلەن خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستېرى ۋېن جىياباۋ ۋولكسۋاگېننىڭ باش شىتابى جايلاشقان گېرمانىيەنىڭ ۋولفسبۇرگ شەھرىدە ئۇچرىشىپ، «يىپەك يولىدىكى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولغان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ غايەت زور تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئۈمىد بىلەن قاراپ»، بۇ شەھەردە ۋولكسۋاگېننىڭ بىر تارماق زاۋۇتىنى قۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزگەن. بۇ ھەقتىكى خەۋەر مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، مەركىزى ميۇنخېن شەھرىدە بولغان د ئۇ ق بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە 2013-يىلى ۋولكسۋاگېن باش شىتابىغا خەت يېزىپ، «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئېغىر بولغان ئۇيغۇرلار رايونىدا زاۋۇت قۇرۇش توغرا ئەمەس، ئەگەر چوقۇم زاۋۇت قۇرىمىز دىسەڭلار، ئاز دېگەندە ئىشچىلارنىڭ يېرىمى ئۇيغۇرلاردىن بولۇشى كېرەك» دېگەندەك تەلەپلەرنى سۇنغان. ۋولكسۋاگېننىڭ باش شىتابى د ئۇ ق غا يازغان جاۋاب خېتىدە «ئىشچىلارنىڭ يېرىمى ئۇيغۇرلاردىن بولۇشى كېرەك» دېگەن تەكلىپلەرگە ئېتىبار بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئىشلار بۇندىن 10 يىل ئىلگىرى بولۇپ ئۆتكەن ئىدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، مەزكۇر زاۋۇت قۇرۇلۇش مەزگىللىرىدە ۋە قۇرۇلغاندىن كېيىن ۋولكسۋاگېن گورۇھىغا قارشى نۇرغۇنلىغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، خەلقئارانىڭ بېسىمىغا قارىتا ۋولكسۋاگېننىڭ داۋاملىق سۈكۈتتە تۇرۇۋالالمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا مەڭگۈ كۆز يۇمۇۋېلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ئەسكەرتتى.

2016-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ئۇيغۇرلار رايونىدا جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ 2019-يىلىدىن بۇيان خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى خەلقئاراغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە تارماق زاۋۇت قۇرغان ۋولكسۋاگېن شىركىتى خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىد نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى.

ھالبۇكى، يىللاردىن بۇيان خەلقئارادا ۋولكسۋاگېنغا قارشى بىرلەشمە باياناتلار ئېلان قىلىنىپ، نامايىشلار ئۆتكۈزۈلۈپ ۋە نارازىلىق مەكتۇپلىرى يوللىنىپ تۇرغان بولسىمۇ، ھەتتا گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋولكسۋاگېن شىركىتىنىڭ خىتايدىكى زاۋۇتلىرىنى بىخەتەرلىك سۇغۇرتىسى بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق ۋولكسۋاگېن قۇلىقىنى يوپۇرىۋېلىپ، ئۆز زاۋۇتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىدىغان ياكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىدىغان جىنايەتلەرنى سادىر قىلمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى ماڭدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. يېقىندىن بۇيانقى مەلۇماتلار، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبلىك خەلقئارادا پەيدا بولغان كۈچلۈك بېسىملارنىڭ ۋولكسۋاگېنغا تەسىر قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.

گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «دۇنيا» گېزىتى 27-فېۋرال «ئۇيغۇرلار: ۋولكسۋاگېن ئۆزىنىڭ خىتاي مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى-زاۋۇت كۆرۈنەرلىك كىچىكلىدى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە بايان قىلىشىچە، ب د ت نىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى كومىتېتى ئۆتكۈزگەن خىتاينىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە رىئايە قىلىش ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنىدا خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن زۇلۇملىرى توغرىسىدا ئۆزلىرىنى ئاقلاشقا مەجبۇر بولغان 16-17-فېۋرال كۈنلىرى، ۋولكسۋاگېننىڭ خىتايدىكى زاۋۇتلىرىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى رالف براندشىتېتتېر ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولغان. ئۇ ۋولكسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش جەريانىدا، زاۋۇت ئاشخانىسىدا تاماق يەپ ئولتۇرغان 7 نەپەر ئىشچى بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆزلەشكەن. بۇ ئىشچىلار ئۇنىڭغا «ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن رازى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. رالف براندشىتېتتېر ئۈرۈمچىدىكى بىر يېرىم كۈنلۈك بۇ زىيارىتى توغرىسىدا توختالغاندا، «مەنمۇ رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت دوكلاتلارغا بەك كۆڭۈل بۆلىمەن. ئەمما بىزنىڭ بۇ زاۋۇتتا كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۈز قىلىنغانلىققا ئائىت ھېچقانداق دەلىل يوق» دېگەن.

رالف براندشىتېتتېر بېيجىنغا قايتىپ كېلىپلا ۋولكسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرىنى قىسقارتىپ، ئىشچىلارنىڭ سانىنى ئەسلىدىكى 700 دىن 240 غا چۈشۈرۈپ قويغان. ئۇ بۇ ھەقتە بەرگەن ئىزاھاتىدا، «سودا ئەندىزىسىدە ئۆزگىرىش بولدى» دېگەن. ۋولكسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنىڭ ئەمدى ماشىنا قوراشتۇرۇش ئەمەس، بەلكى تەييار ماشىنىلارنىڭ ئاخىرىقى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش خىزمەتلىرىنى بىجىرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 50 مىڭ ماشىنا ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بۇ زاۋۇتتىن 2023-يىلى 10 مىڭ ماشىنا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

ماقالىدە تەكىتلىشىچە، ۋولكسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى تارماق زاۋۇتى پۈتكۈل ۋولكسۋاگېن گورۇھى ئۈچۈن ئېغىر مەسىلىگە ئايلانغان. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش گورۇھى بولغان ۋولكسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبلىك ئوبرازى ئېغىر دەرىجىدە زىدىلەنگەن. بىراق خەلقئارنىڭ بېسىمى قانچىلىك يۇقىرى بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۈرۈمچىدىكى بۇ زاۋۇتنىڭ 50 پىرسەنت پايچېكى خىتايغا تەۋە بولغاچقا، خىتاي تەرەپ قوشۇلمىسا، زاۋۇتنى دەرھال تاقاش ياكى ئېلىپ چىقىپ كېتىش قولاي بولمايدىكەن.

ۋولكسۋاگېننىڭ ئەمەلدارلىرى بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان مەزگىلدە ۋولكسۋاگېننىڭ باش شىتابى جايلاشقان گېرمانىيەنىڭ ۋولفسبۇرگ شەھرىدە د ئۇ ق ۋەكىللىرى نامايىش ئۆتكۈزگەن، د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ نامايىش جەريانىدا د ئۇ ق تەرىپىدىن ھازىرلانغان نارازىلىق خېتىنى ۋولكسۋاگېن شىركىتىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا تاپشۇرغان ئىدى. ئۇ بۈگۈن بىزنى بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى.

ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪە ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩېيىلگەن: «ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺯﺍﯞﯗﺕ ﻛﯚﭖ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘئﺎﺭﺍﻧﯩﯔ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺖ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺭﻩﮪﯩﻤﺴﯩﺰﻟﻪﺭﭼﻪ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ. ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﯜﺯﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍ ﻻﮔېرﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﻮﻻﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ سۈرمەكتە.»

2022-ﻳﯩﻠﻰ 8-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 31-ﻛﯜﻧﻰ ﺏ ﺩ ﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻛﻮﻣﯩسسارلىقى ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻤﯘ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭۈﺸﻰ ﻣۇﻣﻜﯩﻨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.