ۋاڭ خۇنىڭنىڭ «جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى» ۋە ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

ئامستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2024.10.25
wang-huning-ma-xingrui-xoten-bashlanghuch-1024 خىتاي مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ (ئوڭدىن ئۈچىنچى كىشى) خوتەن شەھەرلىك 12-باشلانغۇچ مەكتەپ بارغان. 2024-يىلى 23-ئۆكتەبىر، خوتەن
Xinhua

خىتاي مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 21-ئۆكتەبىردىن 24-ئۆكتەبىرگىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىنى تەكشۈرۈشكە بارغان. ئۇيغۇر نوپۇسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كەلگەن بۇ رايونلاردا ۋاڭ خۇنىڭ، ئاتالمىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاساسىي قاتلامدا، مەكتەپتە ۋە خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كىچىكىدىن باشلاپ بالىلارنىڭ ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن. ۋاڭ خۇنىڭنىڭ قەشقەر ۋە خوتەندە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل ھاياتىغا سىڭدۈرۈۋېتىشنى تەكىتلىشى سەۋەبسىز ئەمەس ئەلۋەتتە! چۈنكى ئۇ دەل ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىدىن بىرىدۇر.

ۋاڭ خۇنىڭ دېگەن بۇ كىشى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا شى جىنپىڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ ۋە دېڭ شياۋپىڭ قاتارلىق خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىدەك ئۇنچە تونۇشلۇق ئەمەس. ھەتتا كۆپىنچە ئۇيغۇرلار ۋاڭ خۇنىڭنىڭ كىم ۋە نېمە قىلىدىغانلىقى، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك قاتلىمىدا قانداق ۋەزىپىسى بارلىقى، شۇنداقلا بۇ ئادەمنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن ئالاقىسىنىڭ بار ياكى يوقلۇقى ھەققىدە ئېنىق بىر مەلۇماتقا ئىگىمۇ ئەمەس. ئەمما دەل بۇ شەخس خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى ۋە خەلقئارادىن يوشۇرۇلۇشىدا ئەڭ مۇھىم رول ئوينىغان. شۇنداقلا ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى جەنۇبىي «شىنجاڭ سەپىرى» نىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبىمۇ يەنىلا ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇ مۇناسىۋەتنى بىز ۋاڭ خۇنىڭنىڭ ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر ۋە خوتەنگە بېرىشى ۋە ئۇ يەردە قانداق كۆرسەتمىلەرنى بەرگەنلىكىدىن چۈشىنەلەيمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ۋاڭ خۇنىڭ ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە ھاسىل قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

ۋاڭ خۇنىڭ تاشقى دۇنيادا شى جىنپىڭنىڭ ئەقىل كۆرسەتكۈچىسى دەپ تەرىپلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئۇ خىتاينىڭ 19-قۇرۇلتىيىدىن باشلاپ خىتاي مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7 ئەزاسى قاتارىغا كىرگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ خەلقئارادا ۋاڭ خۇنىڭغا بولغان دىققەت كۈچەيگەن. ئەمما ۋاڭ خۇنىڭنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى، ئۇنىڭ 19-قۇرۇلتايدىن باشلاپ يۇقىرى رەھبەرلىك قاتلىمىغا كىرگىنىدىن كېيىن بولغان ئىش ئەمەس ئەلۋەتتە. ئەمەلىيەتتە ۋاڭ خۇنىڭ 90-يىللاردىن باشلاپلا خىتاينىڭ سىياسىي ساھەسىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كەلگەن. يەنى ۋاڭ خۇنىڭ ھەققىدىكى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئۇ جياڭ زېمىنغا «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»، خۇ جىنتاۋغا «پەننىي تەرەققىيات قارىشى» ۋە 19-قۇرۇلتايدىن كېيىن شى جىنپىڭغا «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى» قاتارلىق خاس ئىدىيەلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىش مەسلىھەتىنى بەرگەن.

ئەمەلىيەتتە، ۋاڭ خۇنىڭ ھەققىدە يەنە ئازراق ئىزدىنىدىغان بولساق، ئۇنىڭ 80-يىللاردىكى دېڭ شياۋپىڭ دەۋرىدىمۇ، خىتاي سىياسىتىدىكى تەسىرىنى كۆرەلەيمىز. يەنى، ئۇ چاغلار دەل خەلقئارادا كوممۇنىست دۆلەتلەرنىڭ بىر-بىرلەپ ھالاكەتكە يۈزلىنىۋاتقان دەۋرى بولۇپ، سابىق كوممۇنىست دۆلەتلىرىدە كۈچلۈك سىياسىي داۋالغۇشلار يۈز بېرىۋاتقانىدى. دۇنيا مىقياسىدا كۆتۈرۈلگەن بۇ خىل دېموكراتىيەلىشىش يۈزلىنىشى ئۇيغۇرلارغىمۇ زور ئۈمىدلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن تىنچلىق كۈرەشلىرىنى باشلىغانىدى. يەنى 1985-يىلى ۋە 1988-يىلىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى دەل بۇ كۈرەشلەرنىڭ مىساللىرىدۇر. دەرۋەقە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى دېڭ شياۋپىڭمۇ بۇ ھادىسىلەرنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىمۇ ئاغدۇرۇپ كېتىش گىردابىغا ئېلىپ بېرىشىدىن تولىمۇ ئەنسىرەۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. ھەتتا بۇ ۋاقىتتا، ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنى سىياسىي ئىسلاھات دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش تەلەپلىرى خىتايلار ئارىسىدىمۇ ئەۋجىگە چىققانىدى. ئاقىۋەتتە، بۇ ئەھۋال 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولغان. ۋاڭ خۇنىڭ 1988-يىلى فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار گېزىتىدە «زامانىۋىلىشىش يولىدىكى سىياسىي رەھبەرلىك ئۇسۇلى ھەققىدە ئىزدىنىش» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسى دەل خىتاينىڭ شۇ ۋاقىتتىكى سىياسىي يۆنىلىشىنى باش تېما قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سىياسىي يۈزلىنىشىنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمگە ئەمەس، بەلكى مۇستەبىت تۈزۈمگە قاراپ تەرەققىي قىلىشى كېرەكلىكىنى، شۇنداق قىلغاندىلا ئىجتىمائىي بايلىقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مەزكۇر ماقالىسىدە يەنە، مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ خىتاينىڭ ھوقۇق قاتلىمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە ھوقۇق بېرىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان بۆلگۈنچىلىك، چوڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى، دېموكراتىك زامانىۋىلاشتۇرۇشقا قارىغاندا، مۇستەبىت زامانىۋىلىشىشنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىدەك قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ۋاڭ خۇنىڭنىڭ 1995-يىلى فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىدىن خىتاي مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي تەتقىقات ئىشخانىسىغا يۆتكەلگەن بولۇپ، 2002-يىلى بۇ ئىشخانىنىڭ مۇدىرى بولغان. شۇنداقلا بۇ خىزمەتنى 2020-يىلىغىچە داۋام قىلغان. خىتاي مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي تەتقىقات ئىشخانىسى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەت پىلانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئورگان بولۇپ، كونكرېت ئېيتقاندا بۇ ئورگان خىتاي دۆلەت ئاپپاراتىنىڭ قوماندانى ياكى ئەقىل ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ.

ۋاڭ خۇنىڭ ھەققىدىكى يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن مەلۇمكى، ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرىنى لايىھەلىگۈچى ئەڭ مۇھىم شەخسلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭ خوتەن ۋە قەشقەرلەردىكى زىيارىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولغانلىقىمۇ چۈشىنىشلىك. يەنى ئۇنىڭ بۇ بۇ قېتىملىق سەپىرىدە قىلغان سۆزلىرىدىن بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈپ يېتەلەيمىز. يەنى ۋاڭ خۇنىڭ خوتەن ۋىلايىتى كۇنگاڭ (昆冈) ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ۋە ئالاقىدار كارخانىلارنى تەكشۈرگەندە، «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىگە ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش» نى، قەشقەردىكى ئەركىن سودا سىناق رايونى سودا مۇلازىمەت مەركىزى، ئوتتۇرا غەربىي ئاسىيا خەلقئارا سودا بازىرىغا بارغاندا بولسا، «شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئېچىۋېتىش يېڭى يولىدا مېڭىپ، خىتاينىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش بازىسى بەرپا قىلىش» ى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ۋاڭ خۇنىڭ زىيارەت قىلغان ئاتالمىش ئەركىن سودا سىناق رايونى سودا مۇلازىمەت مەركىزى ۋە ئوتتۇرا غەربىي ئاسىيا خەلقئارا سودا بازارلىرى بولسا، 2000 يىللىق تارىخقا ۋە قويۇق ئۇيغۇرچە پۇراققا ئىگە بولغان ئەسلىدىكى قەشقەر چوڭ بازىرىنىڭ چېقىۋېتىلىشى بەدىلىگە قۇرۇلغان بازارلاردۇر. يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان تاشقى دۇنيا بىلەن سودا ئالاقىسى ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئاساس بولغان بۇ بازار، 2022-يىلى خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن چېقىپ تاشلانغان. دېمەك، ۋاڭ خۇنىڭنىڭ بۇ يەردە زىيارەتتە بولۇشى ۋە «شىنجاڭنى ئۆزگىچە ئېچىۋېتىش يولىدا مېڭىش» ىنى تەكىتلىشى، ئەمەلىيەتتە دەل ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملىق يوقىتىشنى تەكىتلەۋاتقانلىقى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.

ۋاڭ خۇنىڭ يەنە لوپ ناھىيەسىدىكى راۋاق بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى ۋە قەشقەر شەھەر پىلانلاش سارىيىغا بارغاندىن كېيىن بولسا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» نى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن-ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، شۇنداقلا بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ۋاڭ خۇنىڭ تىلغا ئالغان «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» بولسا، خىتاي دۆلەت كىملىكىنى، جۇڭخۇا مىللىتى كىملىكىنى، خىتاي مەدەنىيىتىنى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنى، خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزمنى ئېتىراپ قىلىش دېگەنلىكتۇر. يەنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت، دىن، مەدەنىيەت، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەجبۇرىي ۋاز كەچتۈرۈلۈشتە قوللىنىلغان سىياسەتلەرنىڭ بىرى دەل ۋاڭ خۇنىڭ تەكىتلىگەن «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» سىياسىتىدۇر. دېمەك ئۇنىڭ بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ھەققىدە يوليورۇق كۆرسىتىۋاتقانلىقى ئاشكارا. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ خوتەننىڭ مەسچىتلىرىنى ياكى قەشقەردىكى ھېيتگاھنى زىيارەت قىلماستىن، بەلكى لوپ ناھىيەسىدىكى بۇددا راۋىقىنى ۋە قەشقەر شەھەر پىلانلاش سارىيىنى نېمىشقا زىيارەت قىلىدۇ؟

ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇر ئېلىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى تارقاقلاشتۇرۇپ ئازايتىش، خىتاينىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىللاردىكى ئەڭ مۇھىم سىياسەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى بىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىش نامىدىكى كوللېكتىپ كۆچۈرۈش سىياسىتى، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدىكى كۆچۈرۈش سىياسىتى قاتارلىقلاردا ئېنىق گەۋدىلىنىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر نوپۇسىنى خىتايلار بىلەن ئارىلاش ئولتۇراقلاشتۇرۇشمۇ، دەل ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئازايتىشتىكى مۇھىم سىياسەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئارىلاش ئولتۇراقلىشىش قۇرۇلۇشلىرى دەل شەھەر پىلانلاش سارىيى تەرىپىدىن لايىھەلىنىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. دېمەك، ۋاڭ خۇنىڭنىڭ لوپ ناھىيەسىدىكى بۇددا راۋىقى بىلەن قەشقەر شەھەر پىلانلاش سارىيىغا زىيارەتكە بېرىشىنىڭ كەينىدە، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش، قىسقىسى، قەشقەر ۋە خوتەندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئورنىنى تېز سۈرئەتتە خىتاي نوپۇسىغا ئالماشتۇرۇشنى ئىما قىلىۋاتقانلىق دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. يەنى ۋاڭ خۇنىڭ بۇ يەردە بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنى يۇغۇرۇۋېتىش سۆزىنى قوشۇپ تىلغا ئېلىشتا، دەل ئۇيغۇرلارنى بىڭتۈەننىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئاسسىمىلياتسىيە قىلدۇرۇۋېتىشنى تېزلىتىشنى نەزەردە تۇتقان دېيەلەيمىز.

 خۇلاسىلىگەندە، ۋاڭ خۇنىڭ خىتاينىڭ ئەڭ يۇقىرى سىياسىي پىلانلىرىنى تۈزۈش ئورنىنىڭ مۇدىرى سۈپىتىدە، جياڭ زېمىن دەۋرىدىن تارتىپ، شى جىنپىڭ دەۋرىگىچە خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ بىۋاسىتە «ئىنژېنېرى» دۇر. ئۆتكەن 20-30 يىلدىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى بارلىق سىياسەتلەر ئەمەلىيەتتە دەل ۋاڭ خۇنىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي سىياسىي تەتقىقات ئىشخانىسى تەرىپىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەمىنلىگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ ۋەجىدىن ۋاڭ خۇنىڭنىڭ بۇ قېتىم قەشقەر ۋە خوتەندە بىۋاسىتە زىيارەتتە بولۇشىمۇ، قانداقتۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ياكى رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئەمەس. ئەكسىچە، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆزى بىۋاسىتە تۈزۈپ چىققان، «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈلۈشىگە كۆرسەتمە بېرىش، ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق «جەنۇب سەپىرى» نىڭ ئاساسىي مەقسىتى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.