«ۋۇخەن ۋىرۇسى» تارقالغان مەزگىلىدە خىتاينىڭ «كومپارتىيە ساداقىتى» نى تەكىتلىشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020.01.30
wuxen-virus-qizil-bayraq.jpg «كورونا ۋىرۇسى» تارقالغان مەزگىلىدە، ماشىنانىڭ كەينىگە قىزىل بايراق ئېسىلىپ، «كومپارتىيە ساداقىتى» تەشۋىق قىلىنماقتا. 2020-يىلى 29-يانۋار، ۋۇخەن.
AP

نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا خىتايدىن تارقالغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى»، يەنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى كۈچەيتمەكتە. ئەمما مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ جايلاردىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن يۇقۇملىنىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرلىكتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» دىن يۇقۇملىنىش باشلانغاندىن بۇيانقى خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ئۈزلۈكسىز ھالدا «ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش ھەققىدە يالغان خەۋەرلەرنى تارقىتىشقا زەربە بېرىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش» تەكىتلىنىپ كەلمەكتە. 29-يانۋار كۈنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «خەلق گېزىتى» دە «پارتىيەنىڭ قىزىل بايرىقى يۇقۇمدىن ساقلىنىش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە لەپىلدىتەيلى» سەرلەۋھەلىك باش ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە «جايلاردىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان كومپارتىيە خادىملىرى باش سېكرېتار شى جىڭپىڭنىڭ يوليورۇقىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ئورگانلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك،» دېگەن چاقىرىق باش تېما قىلىنغان.

خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن، ئامېرىكادىكى «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى 2008-يىلدىكى «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبى خۇ جيا ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خۇ پىڭ ئەپەندى ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر ۋاقىت ئۆز مەنپەئەتىنى خەلق مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ كەلگىنى ئۈچۈن خەلقنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە تۇرۇۋاتقان مۇشۇنداق مەزگىلدىمۇ مۇقىملىقنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويغان. ئۇ بۇنى بۇ قېتىملىق «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمىنىڭ دۇنيا خاراكتېرلىك ۋەھىمىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ قارايدىكەن.

خۇ پىڭ ئەپەندى 2019-يىلى 12-ئاي كىرىشى بىلەنلا ئاشكارىلانغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ قاتمۇ-قات ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ، تاكى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋۇخەن شەھىرى قامال قىلىنغۇچە يۇقۇملىنىشتىن مۇداپىيە كۆرۈشتىكى ئەڭ ھالقىلىق پەيتتىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھازىر بۇ ۋىرۇسنىڭ پۈتكۈل خىتاي مىقياسىغا، ھەتتا دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە تارقىلىشىدا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئاساسلىق جاۋابكار ئىكەن. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق بىر پەۋقۇلئاددە مەزگىلدىمۇ مۇقىملىقنى تەكىتلىشى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت سىستېمىسىغا كېلىدىغان مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەن.

خۇ پىڭ ئەپەندى سۆزىدە «خەلق گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان باش ماقالە ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسى ھەر ۋاقىت ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ مەنپەئەتىنى يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ كەلدى. شۇڭا خىتايدا ھەرقانداق بىر ئەھۋال يۈز بەرگەندە مۇقىملىق ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولۇپ كەلدى. بۇ قېتىم ‹ۋۇخەن ۋىرۇسى› تارقالغاندىمۇ ئوخشاش ئەھۋال تەكرارلاندى. ئەسلى خىتاي دۆلىتى بۇ قېتىم 2003-يىلى يۈز بەرگەن SARS يۇقۇمى مەزگىلىدىكى تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قارىتا جىددىي تەدبىر قوللىنىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇ قېتىمقى ۋىرۇس ۋەھىمىسى بىر قېتىملىق دۇنيا خاراكتېرلىك ئاپەتكە ئايلاندى، دېسەكمۇ بولىدۇ. ھازىرقى مەسىلە خىتايدىكى داۋالاش خادىملىرىنىڭ مەسىلىسى ياكى ۋۇخەن شەھەر باشلىقىغا ئوخشاش يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسىلىسىدۇر. چۈنكى خىتاي قانۇنىدا ھەرقانداق ئەھۋالنى ئاۋۋال يۇقىرىغا مەلۇم قىلىش، يۇقىرى بېكىتكەن قانۇن-تۈزۈم تەرتىپلىرى بويىچە ئىش تۇتۇش بەلگىلەنگەن.»

بېيجىڭدىكى خۇ جيا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل خىتاي خەلقىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ۋەھىمىسى كۈچەيگەن مەزگىلدە جايلاردىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن يۇقۇملىنىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرلىكتە كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاشنى تەكىتلىشىدە ئۇلارنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ يىقىلىشىدىن قورقۇش ئەندىشىسى ئاساسلىق ئامىل بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

خۇ جيا مۇنداق دېدى: «ئۇلار، يەنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلىدىغان ئەھۋاللار ئەمەلىيەتتە ناھايىتى كۆپ. ئەمما ئۇلار ھازىر ئەھۋالنىڭ ھەقىقىتىنى خەلقتىن يوشۇرۇۋاتىدۇ. ‹خەلق گېزىتى› نىڭ بۇ باش ماقالىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خاتالىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى، ئەمما بۇ خاتالىقىنى ئىقرار قىلىشنى خالىمايۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا ھۆكۈمەت ھازىر تەكىتلەۋاتقان مۇقىملىقنى ساقلاش دېگىنى ئەمەلىيەتتە باستۇرۇش، يەنە باستۇرۇش دېگەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. 2003-يىلىدىكى SARS يۇقۇمى ۋەھىمىسىدىن ھازىرغىچە بولغان ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ خىل تراگېدىيە تەكرار يۈز بەرمەكتە. ھازىرقى ئەھۋالدا داۋالاش ئەسلىھەلەر يېتەرلىك بولماسلىق، يۇقۇملانغانلار داۋالىنالماسلىقتەك ئەھۋاللار سەۋەبىدىن ھۆكۈمەتكە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەنلەر ئىنتايىن كۆپ بولماقتا. ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى يوق دېسەكمۇ بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەسىلىنى ئەڭ تېز ھەل قىلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى نارازى بولغان كىشىلەر توپىنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىش. شۇڭا مەركىزى ھۆكۈمەت جايلاردىن ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار كىشىلەرنىڭ گېلىنى بوغۇپ، ئۇلارنىڭ گەپ قىلىشىنى توسماقتا. تېخىمۇ ئەسەبىيلەشكەندە ھۆكۈمەت بۇ كىشىلەرنى پۈتۈنلەي يوقىتىۋېتىشىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن، ئىلھام توختىنى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق ئۇنى كۆزدىن يوقىتىش مەقسىتىگە يەتتى.»

خۇ جيا ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھازىرقى شارائىتتا خىتايدىكى مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونىدا تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر بىز خىتايلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر بىز يۇقۇملىنىش ئەھۋالىغا قارىتا نارازىلىقىمىزنى ئىپادىلىسەك، ئاگاھلاندۇرۇشى، سوراق قىلىشى، ھەتتا سولاپ قويۇشى مۇمكىن. 3 كۈندىن 15 كۈنگىچە سولاپ قويۇلغانلارمۇ بار. ئەمما ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن شىنجاڭدىكى مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ پەرقى زور. بىزگە مۇشۇنداق تەدبىر قوللىنىلغان ھالەتتە ئۇيغۇرلار ئوخشاش ھالەتتىكى نارازىلىقىنى ئىپادىلىسە ئۇلارغا ھەسسىلەپ جازا بېرىلىشى مۇمكىن. ئەگەر بىزنى 1 يىل كەسكەن تەقدىردە، ئۇيغۇرلارنى 5 يىلدىن يۇقىرى كېسىشى مۇمكىن. مەن ئەمەلىيەتتە بۇ خىل مۇقىملىق تەدبىرلىرى ھەققىدە ئەڭ تۆۋەن مۆلچەرىمنى بىلدۈرۈۋاتىمەن. بەلكىم بۇ قېتىمقى يۇقۇم ۋەھىمىسى مەزگىلىدە دائىرىلەرنىڭ مۇقىملىق تەدبىرلىرى سەۋەبلىك جازالىنىدىغانلار تېخىمۇ كۆپ بولۇشى، جازا تەدبىرلىرى تېخىمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن.»

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» تارقالغان مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇقىملىقنى تەكىتلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ غۇلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرىشىنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتلىك رايون دەپ قاراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.