خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مۇھاكىمىلەر يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز سادا
2018.12.21
dolqun-eysa-bdit-xitay-soraq.jpg 6-نويابىر، ب د ت دا ئۆتكۈزۈلىدىغان «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنى» دىن بىر كۈن ئىلگىرى، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خىتاينىڭ ب د ت دا قىلغان تەشۋىقاتىغا قارشى چۈشەنچە بەرمەكتە ھەم پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نامايىشقا قاتنىشىشىغا چاقىرىق قىلماقتا. 2018-يىلى 5-نويابىر، جەنۋە.
RFA

ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى خەۋەرلەر خەلقئارا تاراتقۇلاردا كۆپىيىشكە باشلىغان كۈندىن بۇيان، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەربتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ ۋەزىيەتنىڭ دۇنيا خاراكتېرلىك قىزىق نۇقتا بولۇشى ئۈچۈن كۆپلەپ كۈچ چىقىرىپ كەلمەكتە.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئېچىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك يىغىنلار، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خىتايدا زىيارەتتە بولغان جەرياندا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىسنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە ئاساسلىق رول ئوينىغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا «يەرشارى ماگنېتسكىي قانۇنى» بويىچە جازا قوللىنىشنى تەلەپ قىلىشى قاتارلىق تۈرلۈك ھەرىكەتلەر غەرب دۇنياسىنىڭ ئىزچىل ئاكتىپ ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىلىرىدۇر. 

مۇھاجىرەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى غەرب ئەللىرىنىڭ يۇقىرىقىدەك تىرىشچانلىقلىرىدىن خۇشال بولۇۋاتقان بىر مەزگىلدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرغا ئوخشاش بىر مۇسۇلمان مىللەتنىڭ قىسمىتىگە ئىنكاسسىز تۇرۇۋېلىشى كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان بىر نۇقتىغا ئايلانماقتا. 

ھالبۇكى، 19-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ئۇچراۋاتقان زۇلۇملىرى خەۋەر قىلىنغان پروگراممىلار رۇسىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ خەۋەرلەر تورلىرىدا تەڭلا ئېلان قىلىندى. مەزكۇر ئىككى پروگراممىغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى روشەن ئابباس خانىم ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. 

«فىرانسىيە 24» تورىنىڭ مەزكۇر پروگراممىسىدا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئۇچراۋاتقان دەھشەتلىك سىياسىي باستۇرۇشلارغا تەپسىلىي چۈشەنچە بەرگەن. 

پروگرامما رىياسەتچىسى پروگراممىنىڭ باشلانمىسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا 2017-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ ئاتالمىش «قايتا تەربىيە» لاگېرلىرىنى قۇرغاندىن كېيىن، مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن. ئاندىن خىتاينىڭ ئەڭ ئاۋۋال مۇشۇ خىلدىكى لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ، كېيىن خەلقئارالىق ئەيىبلەشلەر نەتىجىسىدە خىتاينىڭ ئۇنى ئاتالمىش «كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىپى» دەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. 

ئارقىدىن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى رىياسەتچىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا نۆۋەتتە قانداق ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا ناھايىتى ئىخچام ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ، «خىتاينىڭ ئاتالمىش ‹قايتا تەربىيە› لاگېرى ئەمەلىيەتتە 21-ئەسىردىكى جازا لاگېرىنىڭ دەل ئۆزى. ھازىر رايوندا 1-3 مىليونغىچە ئادەم مۇشۇنداق لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن بىز خىتاينى ئۇيغۇر دىيارىدا ‹ئىرقىي تازىلاش› ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، دېسەك تامامەن خاتالاشمايمىز. ئۇچۇر-ئالاقە تەرەققىي قىلغان مۇشۇنداق بىر دەۋردە مۇھاجىرەتتىكى %99 ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي كېسىۋېتىلگەن. مەنمۇ ئائىلەم بىلەن ئالاقىلىشالمايۋاتقىلى 20 ئايدىن ئاشتى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنىمۇ يوق قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە دىن جەھەتلەردىكى ئاساسىي ھوقۇقلىرىمۇ خىتاينىڭ زەربە نىشانى بولۇپ كەلدى،» دەپ ئىزاھات بەرگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نۆۋەتتىكى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ھەققىدىمۇ چۈشەنچە بەرگەن. ئۇ نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇچۇر-ئالاقىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىۋەتكەنلىكى سەۋەبلىك لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان بەزى ئۇيغۇر، قازاق ياكى قىرغىزلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىدىن ئۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتىدىن قىسمەن خەۋەردار بولغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە تۇتقۇنلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ۋە پسىخىكىلىق قىيناشلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، بەزىلىرىنىڭ قىيناشقا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتەك ھادىسىلەرنى سادىر قىلىۋاتقانلىقى، لاگېرلار ھەققىدە باشقا مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقى، ئەمما تۇتقۇنلارنىڭ مەجبۇرىي «مېڭە يۇيۇش» قا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىدەك بىر پاكىتنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. 

پروگرامما رىياسەتچىسىنى ئەڭ قىزىقتۇرغان بىر نۇقتا دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىغا قارىتا ئىنكاسىدۇر. ئۇ نۆۋەتتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىشقا باشلاۋاتقان «قايتا يۈز بەرمەيدۇ» كەلىمىسىنى ئىشلىتىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بېكىتىلگەن بۇ تارىخىي ۋەدىنىڭ ھازىر خىتايدا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە كۆپ قېتىم سۆز قىلغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكى، ئەگەر ھازىرغا قەدەر ئاۋازسىز تۇرۇۋالغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاۋاز چىقارسا، بۇ مەسىلىنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىرغا قەدەر ب د ت ۋە باشقا خەلقئارالىق ئورگانلار ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئىنتايىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. بىز ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئۇلارنىڭ سانى مىليونغا يەتكەن ۋاقىتتىن باشلاپ سۆزلەپ كېلىۋاتىمىز. ھازىر ئۈچ مىليوندىن ئېشىپ بولدى، ئەمما خەلقئارانىڭ بۇنىڭغا بەرگەن ئىنكاسى تېخى يېتەرلىك ئەمەس».

پروگرامما ئاخىرىدا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ بۇ خىل قىلمىشىغا «نومۇسسىزلىق» دەپ ئىزاھات بەرگەن. 

روشەن ئابباس خانىم ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە قاتناشقان «بۈگۈنكى رۇسىيە» پروگراممىسىدا ئۆزىنىڭ ئاچىسىنىڭ يوقاپ كېتىش ۋەقەسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان.

پروگرامما رىياسەتچىسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇيۇقسىز ئېلىپ كېتىلىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، روشەن ئابباس خانىمنىڭ ھەدىسىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە سوئال سورىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ «خۇدسۇن ئىنستىتۇتى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى، لاگېرلارنىڭ ئەھۋالى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە سۆز قىلىپ ئالتە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ھەدىسىنىڭ ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتكەن. 

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «مەن ھەدەمنىڭ ھايات بولۇشىنىلا ئۈمىد قىلىمەن، مەن ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ بىر ئاي ئاۋاز چىقارمىدىم. بۇ ئارىلىقتا ئۇنىڭ نەدە، قانداق مۇھىتتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىدىم. مەن ئەمدى ھەدەم قويۇپ بېرىلگەنگە قەدەر ئۇنىڭ ئاۋازى بولىمەن، بۇ يولدىن قەتئىي چېكىنمەيمەن.»

پروگرامما داۋامىدا رىياسەتچى روشەن ئابباس خانىمدىن ھەدىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ھەققىدە ئامېرىكىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان-قىلمىغانلىقىنى سورىغىنىدا، ئۇ بۇنىڭ پەقەت ئامېرىكا ھۆكۈمىتىلا سەھنىگە تاشلايدىغان ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا دىققەت قىلىشقا ۋە ھەرىكەت قوللىنىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن. 

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «21-ئەسىردە يۈز بېرىۋاتقان مۇشۇنداق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە پۈتۈن دۇنيا چوقۇم ھەرىكەت قوللىنىپ ئۇنى توسۇشى كېرەك. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ‹گۇلاگ› نىشانى مەلۇم بىر توپ ۋە مەلۇم بىر مىللەت ئىدى، ھازىر ئۇيغۇرلار دەل شۇنداق پاجىئەگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ.»

بىز روشەن ئابباس خانىمدىن مۇشۇنداق بىر ئاخبارات ۋاسىتىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشتىكى مەقسەت-مۇددىئاسى ھەققىدە ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. 

ئۇ سۆزىدە ئەڭ ئاۋۋال خىتاينىڭ لاگېرلارنى ئاۋۋال ئىنكار قىلىش، كېيىن ئېتىراپ قىلىش، ئاخىرىدا ئۇنى پەردازلاپ كۆرسىتىش تاكتىكىسىنى تىلغا ئالدى. ئارقىدىن ئۇيغۇر رايونىدا تۇتۇلغان ھەدىسىنىڭ خىتاينىڭ تۇتقۇن قىلىش ئوبيېكتىغا قەتئىي ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق خىتاينىڭ سەۋەبسىز ئادەم تۇتۇش قىلمىشىنى ئاشكارىلىدى. 

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مېنىڭ ھەدەم بىر ئالىي مەلۇماتلىق دوختۇر ئىدى. ئۇنىڭ مەن ‹خۇدسۇن ئىنستىتۇتى› دا سۆز قىلىپ بولۇپ ئالتە كۈندىن كېيىنلا تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنىشى ھەرقانداق ۋاقىتتا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدا ئىككى مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دۆلەتلىك مەتبۇئاتلاردا دىققەتكە ئېلىنىشقا تېگىشلىك ياخشى بىر يۈزلىنىش دەپ قارايمەن. شۇڭا مەن ‹بۈگۈنكى رۇسىيە› پروگراممىسىدا ھەدەمنىڭ ئەھۋالىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق لاگېرلارنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ ئۆتتۈم.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.