پىروفېسسور جېيمىس لېيبولد: «يېڭى دەرسلىك شى جىنپىڭنىڭ خىتايلارنى مەركەز قىلغان مىللىي دۆلەت قۇرۇش غەرىزىنى ئاشكارىلىدى»
2024.06.10
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى دۆلەت ئەھۋالىغا ۋە دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشالمىغانلىقى، «مىللىي پەرقلەرنى كۈچلەندۈرۈپ، تار مىللەت ئېڭى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئايرىمچىلىقى» نى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى قايتىدىن تۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە جار سېلىپ كەلگەن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» ناملىق كىتابنى نەشر قىلىپ، ئۇنى خىتايدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رەسمىي دەرسلىك كىتابى قىلىپ بېكىتكەن ئىدى. مۇتەخەسسىسلەر، خىتايدا يەنە بىر مەيدان «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ۋە خىتاي مىللەتچىلىكى دولقۇنىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى ئېرىتىپ، خىتايدا پەقەتلا خىتايلارنى مەركەز قىلغان تەك ئۇلۇس دۆلىتى بەرپا قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
«شىنخۇا تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا نەشر قىلىنغان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» ناملىق كىتاب، نۆۋەتتە خىتايدىكى بارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا «ماركسىزم نەزەرىيەسى» ۋە «شى جىنپىڭ ئىدىيەسى» قاراتلىق سىياسىي دەرسلەرگە ئوخشاش مەجبۇرىي ئوقۇتۇلىدىغان دەرسلىك قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. مەزكۇر خەۋەردە بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىش سەۋەبىنى مۇنداق ئىزاھلىغان:
«ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، ئىلگىرىكى مىللەتلەر سىياسىتى ۋە مىللەتشۇناسلىق نەزەرىيەسى، شۇنداقلا بۇ ھەقتىكى مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمىلەر يېڭى دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشالمىغاچقا، خىتايدا جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭى ۋە جەمئىيىتى ئېڭىنى تۇرغۇزۇشقا پايدىسىز بولماقتا. بۇ يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئارىلىشىشىغىمۇ پايدىسىز بولماقتا. شۇڭا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يارىتىش ۋە كۈچەيتىش زۆرۈر»
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى:
«مېنىڭچە، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ خىتايدىكى خىتاي بولمىغان خەلقلەرگە ئېنىقلىما بېرىش ئۇسۇلى ئاساسەن سىياسىيلاشتۇرۇلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ھازىرقى ئىدېئولوگىيەسىگە ماس كېلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي مەدەنىيىتىدە خىتاي بولمىغان خەلقلەرگە قارشى بىر ئۈستۈنلۈك ۋە تېخىمۇ چوڭ ئىدېئولوگىيەنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. شۇڭا بۇ سىستېما بۇرۇن ئوخشىمىغان مىللەتلەر بىلەن قۇرۇلغان، شۇنداقلا ئىسلاھات دەۋرىدە بۇ پەرقلىق كىملىكلەرنى ئىپادىلەشكە رۇخسەت قىلىنغان ئىدى. دېمەكچىمەنكى، مەن ئۇلارنى بۇرۇن تۇلۇق ئەركىن بولغان دېمەيمەن، پەقەتلا ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكلىرىنى ئىپادىلىشىگە رۇخسەت قىلىنغان، دېيەلەيمەن. بۇ ئەلۋەتتە ھازىر مەۋجۇت بولغان خىتايلارنىڭ ئۈستۈنلۈك سىستېمىسىغا ماس كەلمەيدۇ. ئەگەر كىشىلەرگە بۇ سىستېما مەجبۇرىي يولغا قۇيۇلسا، ئەلۋەتتە ئۇلار ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا خىتاي ھۆكۈمىتى نۇقتىسىدىن پەقەتلا جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ھەققىدە سۆز بولىدۇ. ئەگەر خىتايدا ئېتنىك مىللەتلەر (خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ) نىڭ ئىجتىمائىي سىستېمىلىرى بۇزۇلسا، ئەلۋەتتە بۇ (خىتاي) ئۈچۈن مۇقىمسىزلىق ئامىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.»
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەم يۇقىرىدىكى پىكىرنىڭ تارىخىي مەنبەلىرىگە ۋە تارىخ پەلسەپىسىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ھەققىدە ئومۇمىي بايان› ناملىق كىتابىنى نەشر قىلىشنىڭ مەقسىتى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى ئېرىتىپ، پەقەتلا تەك خىتاي ئۇلۇسىنى يارىتىشتۇر. خىتاي مىللەتچىلىكى ئەمەلىيەتتە ئىرقچى بىر مىللەتچىلىك بولۇپ، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى خالىمايدۇ.»
مەزكۇر كىتابتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈش دەۋرىمىزنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتى. ئۇ يەنە خىتاي مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك گۈللىنىشىنىڭ ئىدىيەۋى كاپالىتى. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ياڭ لىخۇا (杨立华) مەزكۇر كىتابنىڭ «كىرىش سۆز» دە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى بىر پەن، يەنى ئوقۇلىدىغان دەرسلەر يولغا قويۇش كېرەكلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن».
ھالبۇكى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى يۇقىرىقى پىكىر ۋە كۆز قاراشلارنىڭ ھازىرقى زامان بىلىم نەزەرىيەسى ۋە ئوخشىمىغان دۇنيا قارشىغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى:
«مېنىڭچە، ئۇلار (خىتاي دائىرىلىرى) بۇ جەريانلار تاماملانمىدى، يەنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تېخى شەكىللەنمىدى دەپ قارايدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، ھازىرقى ھاكىمىيەت ئاستىدا بۇ جەريان داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ ئىشنى خىتاي ئۇلۇسىنىڭ گۈللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا قارىتا تارىخى ھەرىكەتتىن شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما بۇ يەردە يالغۇزلا خىتاي مەدەنىيىتى دېيىشى بەك قىزىقارلىق. بۇ ھازىرقى زامان بىلىم نەزەرىيەسى (epistemologies) ۋە ئوخشىمىغان دۇنيا قاراشلىرىغا ماس كەلمەيدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر، شۇنداقلا يۈننەندىكى كۆپلىگەن يەرلىك خەلقلەرنىڭ دۇنيا قارشى خەنزۇلارغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. ئۇنداقتا، بىلىم نەزەرىيەسى بۇ سۆزلىنىۋاتقان خىتاي مەدەنىيىتىگە قانداق ماس كېلىدۇ؟ بۇ ماھىيەتتە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۈچۈن يوشۇرۇن مۇقىمسىزلىقنىڭ ئامىلى بولۇپ، بۇ مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ چېگرا رايونلاردىن كېلىۋاتىدۇ دەپ قارالماقتا. بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسىلىسىگە ئايلانماقتا».
ئاۋسترالىيە لاتروبى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جېيمىس لېيبولد (James Leibold) «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ھەققىدە ئومۇمىي بايان يېڭى» ناملىق كىتابنى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، «يېڭى دەرسلىك شى جىنپىڭنىڭ خىتايلارنى مەركەز قىلغان تەك ئۇلۇس دۆلىتى قۇرۇش غەرىزىنى ئاشكارىلىدى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن:
«خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە يەنە بىر مەيدان ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى› جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇ ماۋ زېدۇڭ ئىلگىرى تەشەببۇس قىلغان سىنىپ كۈرەش ئىنقىلابى ئەمەس، بەلكى خىتايلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىرقچىلىق ھەرىكىتىدۇر. خىتاي ئىلگىرى بەرگەن ۋەدىلەرنى، مىللىي سىياسەتلەرنى بىراقلا ئىرغىپ تاشلىدى، پەن يۈن (دەرسلىك كىتابىنىڭ باش مۇھەررىرى) نىڭ دەرسلىكى خىتاي مەركەزچىلىك ئەپسانىسىنى قايتا قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. بۇ كىتاب ‹خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنى› ۋە ‹مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى›دىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى نەزەر-گۈزىرىگە ئىلمىغان. ھازىر بۇ تۇپراقلارنىڭ پەقەت بىرلا ئىگىسى بار، ئۇ بولسىمۇ يېڭى خىتاي ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىمپېراتورى شى جىنپىڭ».