شى جىنپىڭنىڭ ئۈرۈمچىدىكى يوليورۇقى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
2023.08.29
8-ئاينىڭ 26-كۈنى، شى جىنپىڭ كېسەك دۆلەتلىرى(BRICS) رەھبەرلىرىنىڭ 15-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ قايتقان ھامان ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن ۋە ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ رەھبەرلىرىگە يىغىن ئاچقان.
شى جىنپىڭ سۆزىدە: «شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ئۇ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا ئۇنى دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈش، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈر» دېگەن يوليورۇقنى بەرگەن.
خەلقئارادىكى تەھلىلچىلەر شى جىنپىڭنىڭ يىغىندا خىتاينىڭ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى ۋە پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ باھالانغان بىر قاتار بېسىم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
شى جىنپىڭنىڭ جەنۇبىي ئافرىقادىن يېنىپلا ئۇيغۇر ئېلىگە بىۋاسىتە بېرىپ بۇنداق سىياسىي تەدبىرلەرنى تەكىتلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ تۈركىيەدىكى ھاجىتتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە رىياسەتچىلىكىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق سىياسەتلەردىن دەسلەپكى قەدەمدە نەتىجە ئالغان. ئۇ شۇڭا، بۇ نۆۋەت رايوننى بىۋاسىتە زىيارەت قىلىپ بۇ سىياسەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشقا رىغبەت بېرىشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىنكەن.
شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە ئاچقان يىغىنىدا مۇنداق دەپ تەكىتلىگەن: «باشتىن ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇش كېرەك. . . . ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۆزلەپ، مۇقىملىقنىڭ قانۇنچىلىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئېغىر، زور خەۋپ خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك».
ئۇ يەنە خىتاينىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ چەكلەش سىياسىتىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى ئۈنۈملۈك تۈزەش كېرەك»، «تەستە قولغا كەلگەن جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش لازىم».
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ قارىشىچە، بۇ، شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ئۇ: «شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش نىيىتىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن» دېدى.
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە سۆزلىگەن سۆزىدە يەنە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش مەقسىتىدىكى سىياسەتلەر دەپ قارىلىۋاتقان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» ۋە «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش» سىياسىتىنى كۈچەيتىپ يۈرگۈزۈشنى، خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى مەخسۇس تىلغا ئالغان. ئۇ سۆزىدە: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونلىرىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى. رايوندا ھەرقانداق قانۇن نىزام ياكى سىياسەت تەدبىرلەرنى چىقىرىشنىڭ ھەممىسىدە ئۇنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ-بولمايدىغانلىقىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ئويلىشىش كېرەك.» دەپ ئەسكەرتكەن.
ئۇ يەنە سۆزىدە: «دۆلەت ئورتاق تىل يېزىقى» دەپ ئاتىلىۋاتقان خىتاي تىلى مائارىپىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل يېزىقىنى قوللىنىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش مەسىلىسىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپلا قالماي: «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، تارىخ قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشنى ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يۇقىرىدىكى سۆزلەرنىڭ خىتاينىڭ «ئىشغالىيەتچى پسىخىكىسىنى» تولۇق نامايان قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
شى جىنپىڭ يەنە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى ھەمدە يەنە ئۇيغۇر ياش ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ۋە خىتايلارنى ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا تەشۋىق قىلىدىغان سىياسەتلەرنى كۈچەيتىشنىمۇ تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:
«شىنجاڭنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ۋە يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىق كەسىپلەر باغچە رايونلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى رايونلارنىڭ كەسىپ ھەمكارلىقى، خادىملارنىڭ بېرىش كېلىشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭدىكى ئاممىنى ئىچكى رايونلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا، ئىچكىرى رايونلاردىكىلەرنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلىشى، ئولتۇراقلىشىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك.»
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تارىختىن بېرى زۇلۇم قىلىپ كەلگەنلىكى، ئۇنىڭ پەقەت كۆلىمىنىڭ ئۆزگىرىپ كەلگەنلىكىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىممۇ شى جىنپىڭنىڭ قىرغىنچىلىقتىن قىلىچىلىك تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق ئۇ بۇنداق بولۇشىدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، «خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىپ قېلىشتا ئۈنۈملۈك ۋە ئەمەلىي تەدبىر ئالالماسلىقى شى جىنپىڭگە جاسارەت بەردى» دېدى.
ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى دەپ قارىلىۋاتقان شى جىنپىڭ يوليورۇقىدا ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياشنىمۇ تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە: «ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى نامايان قىلىپ، قاراتمىلىق ھالدا تۈرلۈك ساختا ئاممىۋى پىكىر، سەلبىي ئاممىۋى پىكىر، زىيانلىق سۆزلەرگە رەددىيە بېرىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن سىياسەت تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك».
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ بۇنى مەخسۇس تەكىتلىشى رايوندىكى كۈچلۈك بېسىم سىياسىتىدىن نەتىجە ئېلىپ قىسمەن خاتىرجەم بولغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدى رايوندىكى سىياسەتلىرىنى «يەڭ ئىچىدە»، «ئاستا خاراكتېرلىك» ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، «شى جىنپىڭ ھازىر بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ‹چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى›غا تولۇق يىغىپ، ئۇيغۇرلارنى 24 سائەت خاتىرجەم كۆزىتىش، تەقىبلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولغان، شۇڭا ئۇ ئەمدى ئىلگىرىكىدەك كۈچ سەرپ قىلماي تۇرۇپمۇ سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلالايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىقتىسادىي ناچارلاشقان خىتاي ئازراق يۇمشاپ غەرب بىلەنمۇ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ياخشىراق مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ‹جىمجىت› ھەل قىلىش يولىغا قاراپ ماڭغان».
دەرۋەقە، يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ياقتىن چەتئەللەردىكى ئۆزىگە مايىل دۆلەتلەر ۋە «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئوخشاش ئورگانلار ۋەكىللىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە ئاپىرىش، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلىش ۋە يەنە بىر قىسىملىرىنىڭ يۇرتلىرىغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلىش ئارقىلىق رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ نورماللىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ بۇ «كۆز بويامچىلىق» ھەرىكەتلىرىنىڭ قىسمەن ئۈنۈپ بېرىپ، بەزى جايلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان زۇلۇمىغا قارىتا ئىككىلىنىش پەيدا قىلىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ: «بۇندىن كېيىن بىزنىڭ ۋەزىپىمىز تېخىمۇ مۈشكۈل» دېدى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا يەنىمۇ ئاشكارىلاش، غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنى خىتايغا قارشى تەدبىر قوللىنىشقا ئىتتىرىش ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ خىزمەتلەر قىلىنىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرىدىكى يوليورۇقلىرىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى دەرھال كېڭەيتىلگەن يىغىن چاقىرغان. يىغىندا ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي سۆز قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ئۆگىنىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە چاقىرىپ «تەستە قولغا كەلگەن جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋەزىيىتىنى ياخشى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك» دېگەن.