خىتاي ئاساسىي قاتلاملارنىڭ مۇقىملىقىدا ئاياللارنىڭ ئورنى ۋە رولىدىن پايدىلىنالامدۇ؟

0:00 / 0:00


خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىدىغان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا 26 - يانۋار كەچتە ئۈرۈمچىدە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى شېن يۆيۆ بىلەن كۆرۈشكەن جاڭ چۈنشەن «ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، زوراۋان - تېررورچىلارغا زەربە بېرىش، مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى ئەڭ ياخشى كۈچ ئاساسىي قاتلامدا»" دېگەن. ئىلگىرى ھەمىشە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاساسي قاتلاملىرىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئاساسي قاتلاملارنى مىللىي بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ مەنبەسى قىلىپ كۆرسىتىپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى بۇ بىر - بىرىگە قارشى ھۆكۈمى ۋە تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردە مۇلاھىزە قوزغىدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتە يۈرگۈزگەن سىياسىي ئانالىزلىرىنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ تەييارلىشىدىكى سۆھبەت پروگراممىسىدىن ئاڭلىغايسىز.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردىن شېن يۆيۆ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا ئاساسىي قاتلام ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە ئاياللارنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»تىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كەلگەنلىكى مەلۇم.

خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق ئاساسىي قاتلاملارنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، شىنجاڭنىڭ ھەتتا جۇڭگونىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ تەكىتلەپ، ئاساسي قاتلاملاردا ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرىشىنى كەسكىن داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. بۇلتۇر 2 - ئايدىن باشلاپ يەنە 200 مىڭ كادىرنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ 8600 دىن ئارتۇق يېزا - كەنتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ 3 يىللىق خەلق رايىنى ئىگىلەش ۋەزىپىسىگە ئورۇنلاشتۇردى، باستۇرۇشنىڭ كۈچىيىشىگە قارىماي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ، بولۇپمۇ ئاساسي قاتلاملارنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلەشكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، دىنىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىپ نارازىلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە. بۇنداق بىر پەيتتە جاڭ چۈنشەننىڭ مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى ئەڭ ياخشى كۈچ ئاساسىي قاتلامدا دەپ كۆرسىتىشى نېمىدىن بىشارەت بېرىدۇ ؟

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسي ئانالىزچى مەمەت توختى ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق ئانالىز قىلدى:

- ئالدى بىلەن ئاساسي قاتلام كىملەرنى كۆرسىتىدۇ بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك ئەلۋەتتە. ئاساسي قاتلام زۇلۇم ھەممىدىن چەكتىن ئاشقان ئۇيغۇر يېزا، كەنتلىرى، بارلىق ئادالەتسىزلىكلەرگە ئەڭ قاتتىق ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ سەكسەن، توقسان پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇر دېھقانلار. جاڭ چۈنشەننىڭ مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى كۈچىمىز ئاساسي قاتلامدا دەپ كۆرسىتىشى، مېنىڭچە، يەنە شۇ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان، نارازىلىقى تېشىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلارغا تەھدىت سالماقچى ۋە بۇنىڭ ئۆزى خىتاينىڭ ئاساسي قاتلامدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي پىلانى ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىدا «شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى ئاساسي قاتلاملاردا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈش زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ باستۇرۇشنى كۈچەيتىش» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم. - 9يانۋار ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق خىزمەت يىغىنىدا بۇ مەسىلە قايتا تەكىتلەندى. دېمەكچى خىتاينىڭ مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مەسىلىنىمۇ ھەمدە نۆۋەتتە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى كۈچنىمۇ ئاساسي قاتلامدا دەپ كۆرسىتىشى ئاساسي قاتلامدىكى ۋەزىيەت ۋە كۈرەشنىڭ يەنىمۇ كەسكىن بولىدىغانلىقىنى، ئۇزۇن مۇددەتلىكىنى كۆرسىتەمدۇ ؟

- دىمەك خىتاي ئۆزىنىڭ يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئادالەتسىزلىكىدىن قانداق نەتىجە چىقىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىنى يېقىنقى ۋەقەلەردىن سەزدى ۋە بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاي ئۆزىنىڭ ئاساسي قاتلامغا ئىشلىتىۋاتقان بېسىمنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ ۋە خەلقنىڭمۇ بۇنىڭغا قارىتا ھامىنى زور قارشىلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنىمۇ مۆلچەرلىگەن بولغاچقا نىشانىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاساسي قاتلاملىرىغا قارىتىدىغانلىقى ئېنىق. بولۇپمۇ، تېخى ئۆزىنىڭ كونتروللۇقىغا ئېلىپ بولالمىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا قارىتا ئاساسي قاتلامدا ھەر خىل باستۇرۇشنى ئۇزۇن مۇددەتلىك داۋام قىلدۇرىدۇ.

شېن يۆيۆ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا : «ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى ۋە ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۆزگىچە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ،ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى. دېمەك خىتاي يېقىنقى يۈرگۈزگەن تېررورلۇققا، دىنىي رادىكاللىققا قارشى سىياسەتلىرىدە دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشقان ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرىنى ئاساسلىق باستۇرۇش نىشانى قىلىپ كەلدى ۋە بۇ 28 - ئىيۇل يەكەن ئېلىشقۇ ۋەقەسىگە ئوخشاش نۇرغۇن زور ۋەقەلەرگە سەۋەب بولغان ئىدى. نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىن تارتىپ بارلىق جايلاردا قانۇن چىقىرىپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ پەرەنجىلىك يۈرۈشىنى چەكلىدى، خەۋەرلەردىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچى يۆتكەشكە ئوخشاش ئۇيغۇرلارنى نارازى قىلىۋاتقان سىياسەتلەرنى قايتا كۈچەيتمەكچى بولغانلىقى مەلۇم.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە نۆۋەتتە ئاياللارنىڭ ئورنى ۋە رولىدىن پايدىلىنىشنى تەشەببۇس قىلماقتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاياللارنىڭ ئورنى ۋە رولىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق ئاساسي قاتلاملارنى مۇقىملاشتۇرۇش تاكتىكىسى ئاقامدۇ؟

- خىتاينىڭ بۇ تاكتىكىسى ئاقمايدۇ، ئەكسىچە تىغ ئۇچىنى ئاياللارغا قاراتقاندا ۋەزىيەت تېخىمۇ جىددىي تۈسكە كېلىدۇ ۋە شۇنداق بولۇپ كەلدى. چۈنكى ئۇيغۇر ئېلىدا ئەڭ قاتتىق زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار ئاياللار. مەيلى ئائىلىدىن ئەر بولسۇن ياكى بالا بولسۇن كىمىكى زۇلۇمغا ئۇچرىسا شۇ ئائىلىدىكى ئايال ھەممىدىن ئېغىر كۈنگە قالىدۇ. ئاياللار بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق قۇربان بېرىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن كۈچ، ئۇلار نارازىلىقى ئەڭ ئاسان پارتلايدىغان ئەڭ نازۇك ۋە سەزگۈر كۈچ. ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەر قانداق بېسىملارغا بەرداشلىق بېرىپ قۇربانلىق بېرىپ يەنىلا ئۆزىنىڭ، ئائىلىسىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىملىكىنى، غۇرۇرىنى، ئېتىقادى، ئۈمىد - ئىشەنچىسىنى ساقلاپ كەلمەكتە، ئىشىنىمەنكى، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئامالسىزلىقىدىن، ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنالىغان بىلەن، ئاساسي قاتلامدىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئانىلىرىمىز، ھەدە، سىڭىللىرىمىز خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىگە كۆنمىگەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھامان ئۆز يولىدا قارشىلىق كۆرسىتىدۇ.