خىتاينىڭ سىياسىي مەزمۇنى قويۇق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى تەنقىدكە ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ 2016-يىللىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى مەدھىيىلەنگەن قويۇق سىياسىي تۈستىكى سەنئەت پروگراممىلىرى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يېزىلغان ئىنكاسلاردا، خىتاي ھۆكۈمىتى بارغانچە كۈچەيتىۋاتقان سىياسىي تەشۋىقاتنىڭ سەنئەت ساھەسىنى ئىگىلىۋېلىشى سەۋەبلىك، خىتاي پۇقرالىرى سەنئەتتىن ھۇزۇرلىنىش، ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

7-فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ 4 سائەتلىك چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق يەر شارى بويىچە نەق مەيداندىن تارقىتىلدى.

ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا «بۇ يىلقى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن خەۋەر پروگراممىسى بوپتۇ»، «چاغانلىق پروگراممىسى كومپارتىيە ۋە شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىگە ئوقۇلغان مەدھىيەگە ئايلىنىپ قالدى»، «چاغان كېچىلىكى سىياسىي روھلاندۇرۇش دورىسىغا ئايلاندى» دېگەندەك ئىنكاسلار يېزىلىپ، خىتاينىڭ سىياسىي مەزمۇنى قويۇق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى تەنقىدكە ئۇچرىدى.

خەلقئارا تاراتقۇلاردىن، گېرمانىيە ئاۋازى، خوڭكوڭدا چىقىدىغان «ئالما گېزىتى»، ئامېرىكا ئاۋازى، ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىقلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەر ئانالىزلىرىدىمۇ خىتاينىڭ بۇ يىللىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ سىياسىي تەربىيە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە، كومپارتىيىگە مەدھىيە ئوقۇش مەزمۇن قىلىنغان ئەسەرلەر بىلەن تويۇنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «سىياسىي تەربىيە ۋە مىننەتدارلىققا تويۇنغان چاغان كېچىلىكى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئانالىزىدا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچى يوللىغان «بۇ يىللىق چاغانلىق پروگراممىنى كۆرگەندىن كېيىن كۆڭلۈمدە خاتىرجەم بولدۇم. چۈنكى چاغان كېچىلىكىدە مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پۈتۈن بىر يىللىق خەۋەرلىرى قايتىدىن خۇلاسىلىنىپ چىقىپتۇ.» دېگەن كىنايىلىك ئىنكاسى نەقىل ئېلىنغان. يەنە بىرەيلەن ئىنكاسىدا «ئادەتتە خىزمەت ۋە ئوقۇشنىڭ ئالدىراشلىقىدا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا بېرىلگەن خەۋەرلەر پروگراممىسىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىمىز يوق ئىدى، 3-سېنتەبىردىكى ھەربىي پاراتنىمۇ كۆرەلمىگەن ئىدۇق، ئەمما چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە سەھنىدىكى قىزىل ئارمىيە ئەسكەرلىرىنى كۆردۇق، چاغان كېچىلىكىدە كومپارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى دېگەن ناخشىنى ئاڭلىغىنىمدا كومپارتىيىگە بولغان مىننەتدارلىق تۇيغۇسىدا ئۆرتەندىم» دەپ يازغان.

چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن نيۇيوركتىكى مۇستەقىل ئوبزورچى چېن پوكۇڭ ئەپەندى ۋە ئامېرىكىنىڭ مارىلان شتاتىدىكى فروستبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ما خەييۈن ئەپەندىلەر رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ئىپادىلەنگەن قويۇق سىياسىي مەزمۇن ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

چېن پوكۇڭ ئەپەندى توردا ئېلان قىلىنغان ئىنكاسلار ھەققىدە توختىلىپ، «مەن تاپشۇرۇۋالغان ئىنكاستا بۇ يىللىق چاغان كېچىلىكىنىڭ شىمالىي كورېيە تەشۋىقات فىلىملىرىنى ئەسلىتىدىغان سىياسىي-تەربىيە دەرسىنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپتۇ. ئىنكاسلاردا بىر يىلدا بېرىلگەن بارلىق خەۋەرلەر بىر كېچىلىك سەنئەت پروگراممىسىغا يىغىنچاقلانغان، پروگراممىلار شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنى ۋە كومپارتىيىنى مەدھىيىلەيدىغان مەزمۇنلار بىلەن تولغانلىقى تەنقىدلىنىپتۇ. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بۇ يىللىق چاغان سەنئەت كېچىلىكى چەتئەللەردىكى دېموكراتىك تەشكىلاتلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپلا قالماستىن، بەلكى خىتاي پۇقرالىرىنىمۇ قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. خىتاي پۇقرالىرى نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارغانچە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق تۈزۈمىگە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەيدىغان بۇ خىل ئىنكاسلارنى كۆپلەپ يازماقتا» دېدى.

پروفېسسور ما خەييۈن ئەپەندى بولسا، خىتاينىڭ 2016-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ئىپادىلەنگەن قويۇق سىياسىي تۈسنىڭ ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان زىيادە سولچىللىق سىياسىتىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ما خەييۈن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، «بۇ يىللىق چاغان كېچىلىكى يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيانقى سەنئەت كېچىلىكلىرى ئىچىدىكى سىياسىي تەشۋىقات قاراتمىلىقى ئەڭ ئېغىر بولغان تەشۋىقات پائالىيىتى دېيىشكە بولىدۇ. چاغانلىق كېچىلىكتە ئورۇنلانغان ‹جۇڭگو چۈشى›، ‹كومپارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايدۇ›، ‹بوران-چاپقۇننى يېرىپ ئىلگىرىلەش›، ‹قىزىل ئارمىيىنىڭ قارلىق تاغ ۋە سازلىقنى كېسىپ ئۆتۈشى›، ‹ھەر مىللەت خەلقى ئىناق چوڭ ئائىلىدە بەختلىك ياشىماقتا›، ‹مېنىڭ ۋەتىنىم›، ‹گۈزەل جۇڭگو مېڭىپ كېلىۋاتىدۇ› دېگەندەك پروگراممىلاردا خىتاي كومپارتىيىسى ۋە شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىگە ئاشكارا مەدھىيە ئوقۇلغان. خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئانالىزلاردا خىتايدا نۆۋەتتە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىي دەۋرىدىكى زىيادە سولچىللىق سىياسىتىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىكى مۇستەبىت تۈزۈمنى قايتا تىكلەۋاتقانلىقى، بۇ ۋەزىيەتنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋەتلىرىدىن ئاگاھ بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا» دېدى.

ما خەييۈن ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلەشكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى نەقىل ئېلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتى ئىچىدىكى ئىككى گۇرۇھ كۆرۈشىنىڭ كەسكىنلىشىشى، تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلغان سايلام، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو سىنىقى ۋە دۆلەت ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنى ئەنسىزلىككە سالغانلىقى ئۈچۈن بۇ خىل سىياسىي تەربىيە تەشۋىقاتلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.