شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكۈزگەن «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە مانېۋىرى» دىن خىتاينىڭ ئۇرۇش تەييارلىقىغا بىر نەزەر

ئامستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2024.08.02
shanghai-hemkarliq-terrorluq-namayish شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن باشلاپ باشتىن-ئاخىرى ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› نى باھانە قىلىپ كەلدى، شۇنداقلا ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇدىيىتى ۋە ھاكىمىيەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قوللىنىپ كەلدى.
Photo: RFA

24-ئىيۇل كۈنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئېلىدە «2024-تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق» نامىدا مانېۋىر ئۆتكۈزدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خاراكتېرى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر تەشكىلات تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق ئورناتقاندىن بۇيان، بۇ خىلدىكى مانېۋىرلارنى دائىم ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ قېتىملىق مانېۋىرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكۈزۈلۈشى ھەقىقەتەن تۇنجى قېتىملىق ھېسابلىنىدۇ. ئادەمنى ئەجەبلەندۈرىدىغان يېرى شۇكى، بۇ خىل مانېۋىر ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن يىللاردا ئەمەس، بەلكى نۆۋەتتە خىتاي «شىنجاڭدا يىللاردىن بۇيان بىر قېتىممۇ تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بېرىپ باقمىدى» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان پەيتتە ئېلىپ بېرىلىشىدۇر. دېمەك، بۇ مانېۋىرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ كەينىدە باشقا بىر سەۋەبلەرنىڭ بولغانلىقى ئايدىڭ.

ئادەتتە خىتايدا يۈز بەرگەن بىرەر سىياسىي مەسىلىلەر، ۋەقەلەر، يېڭى سىياسەتلەر قاتارلىق تۈرلۈك «يېڭىلىقلار» ئۈستىدە ھۆكۈمەت ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بۇرۇن ياكى كېيىن ئېنىقلىما سۈپىتىدە بىر ياكى بىر قانچە پارچە ماقالە ئېلان قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ قېتىملىق ھەربىي مانېۋىر ھەققىدىمۇ خىتاينىڭ سوخۇ تورىدا 25-ئىيۇل بىر ئاپتورسىز ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىنىڭ تېمىسىمۇ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىرلەشمە مانېۋىرى كەينىدىكى ھېقىقى مەقسەت نېمە؟ » ئىدى. دەرۋەقە ماقالىدا مەلۇم ئاپتور بۇ قېتىملىق مانېۋىرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكۈزۈلۈش سەۋەبى، مەقسىتى ۋە بۇ مانېۋىرنىڭ خىتاي نۆۋەتتە ئۆتكۈزۈۋاتقان باشقا مانېۋىرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان.

ماقالىدا، بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈلگەن نەق مەيدانغا نەزەر سالغاندا، ئادەمنى چۆچۈتىدىغان بىر مەنزىرىنىڭ كۆرۈنىدىغانلىقى، ھەر خىل تانكا ۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ شىنجاڭنىڭ كەڭ تۇپراقلىرىدا ھەيۋەتلىك ئاۋاز چىقىرىشلىرى، ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرلىرىنىڭ پاراشۇت بىلەن نىشانغا خاتاسىز چۈشۈشى قاتارلىقلارنىڭ كىشى قەلبىگە چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان بىر خىل ۋەھىمە پەيدا قىلالايدىغانلىقى؛ شۇنداقلا، يۇقىرى سىجىللىقتىكى تەقلىدىي ئۇرۇشقا قاتناشقان بارلىق تەرەپلەر ئەڭ ئىلغار ھەربىي تېخنىكا ۋە تاكتىكىلارنى نامايان قىلغانلىقى، تېررورلۇققا قارشى رازۋېدكا قىلىش، ئۇچۇر ئۇرۇشىدىن تارتىپ ئەمەلىي جەڭگىچە، ھەر بىر ھالقىلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن زىچ باغلانغانلىقى بايان قىلىنغان.

ماقالىدا يەنە، ئەمەلىيەتتە بۇ قېتىملىق مانېۋىرنىڭ پەقەت نوقۇل مەنىدىكى ھەربىي مانېۋىر بولۇپلا قالماي، يەنە پىسخىكىلىق ئۇرۇش مانېۋىرى، ھەربىي كۈچىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، دۇنياغا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەر قانداق بىخەتەرلىك تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىدەك بىر ئۇچۇرنى بەرگەنلىكى؛ بۇ ئۇچۇرنىڭ مۇقەررەر ھالدا «شىنجاڭدا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلماقچى بولۇۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەرگە ئېغىر زەربە» بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىنغان. دېمەك، بۇ مانېۋىرنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۇۋاتقان، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى جىنايەتلىرىنى ئەيىبلەۋاتقان، خىتايغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈپ، خىتاي ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى ئىكەنلىكى ئاشكارا.

قارايدىغان بولساق، خىتاي بۇ يىل ئىيۇل ئېيىدا يالغۇز ئۇيغۇر ئېلىدىلا ئەمەس، بەلكى باشقا ئەللەر بىلەن بىرلىكتە كۆپ قېتىم بىرلەشمە مانېۋىر ئېلىپ باردى ۋە داۋاملىق ئېلىپ بارماقچى. بۇ ھەقتە خىتاينىڭ سوخۇ تورىدا 30-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا تېخىمۇ ئېنىق توختالغان. «خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى يەر شارى خاراكتېرلىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، پۈتۈن دۇنياغا مەيدان جاكارلىدى!» تېمىسىدىكى بۇ ماقالىدىمۇ، رىقابەت بىلەن پۇرسەتنىڭ ھەر ۋاقىت تەڭلا مەۋجۇت بولىدىغان دەۋردە، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ چېگرا ھالقىپ، دۇنياغا يۈزلىنىشى دەۋرنىڭ مۇقەررەر تاللىشى بولىدىغانلىقى دېيىلگەن. شۇنداقلا خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ھەربىي كۈچىنىڭ دۇنيا خاراكتېرلىك ئۇرۇش قىلىشقا تامامەن شارائىت ھازىرلىغانلىقى، مەيلى دېڭىز-ئوكياندا، مەيلى قۇرۇقلۇق ياكى ھاۋا ئۇرۇشى بولسۇن، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ قىسقا ۋاقىتتا ئەسكەر، يېمەكلىك ۋە ئۇرۇش قوراللىرىنى ئۇرۇش مەيدانىغا يۆتكەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغانلىقى، قىسقىسى، خىتاينىڭ نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك بىر ھەربىي قوشۇنغا ئىگە دۆلەت ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

دەرۋەقە، خىتايمۇ ئىيۇلنىڭ بېشىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بوسۇغىسىدا بېلورۇسىيە بىلەن بىرلىكتە «بېلورۇسىيە-خىتاي بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى» ئۆتكۈزۈپ، ناتوغا ھەيۋە قىلغانىدى. كەينىدىنلا رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ، جەنۇبىي دېڭىزدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكاغا كۈچ كۆرسەتتى. يەنى خىتاي 2024-يىلى كىرگەندىن بۇيان 9 غا يېقىن دۆلەت بىلەن تۈرلۈك شەكىلدىكى «بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر» لارنى ئۆتكۈزدى. ھەتتا يېقىندا خىتاينىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدا ئامېرىكانىڭ ئەڭ يېڭى تىپتىكى F35-F22 كۈرەشچى ئايروپىلانى، ئاۋىياماتكىسى ۋە ياپونىيەنىڭ ئۇرۇش بازىسى قاتارلىقلارنىڭ مودېلىنى ياساپ، ئۇلارنى بومباردىمان قىلىشنى مەشىق قىلغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.

يۇقىرىقى ھادىسىلەردىن شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان ھەربىي مانېۋىرىنىڭ تۈپ مەقسىتى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ئەمەس، بەلكى كەلگۈسىدە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان دۇنيا ئۇرۇشىغا تەييارلىق قىلىش. ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىملىق ھەمكارلىق مانېۋىرىمۇ، نوقۇل ھالدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ئەمەس، بەلكى خىتاينى قوللايدىغان، خىتاي بىلەن بىرلىكتە غەرب دۇنياسىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىق.

خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق يەر شارىۋى ھەمكارلىق مانېۋىرىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولسا، «ئۇچۇر ئۇرۇشى» دىكى ھەمكارلىقى بولۇپ، بۇ خىل ئۇچۇر ھەمكارلىقىنىڭ ھەربىي مانېۋىردىن ئورۇن ئېلىشى كىشىنى ھەقىقەتەن چۆچۈتىدۇ.

 «ئۇچۇر ئۇرۇشى» دېگەنلىك ئەمەلىيەتتە پەن-تېخنىكا ئارقىلىق كاللا يۇيۇش، بىرلىكسەپ ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. خىتاينىڭ «ئۇچۇر» نى ھەربىي قورال سۈپىتىدە قوللىنىشى بىر يېڭىلىق ئەمەس ئەلۋەتتە. ئۇچۇرنى قورال سۈپىتىدە قوللىنىش خىتاينىڭ دۆلەت قۇرۇش، مەۋجۇت بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىشىدا تايانغان «ئۈچ قورالى» نىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. بۇ ئۈچ قورال بولسا، پارتىيە قوشۇنىنى زورايتىش، ئۇچۇر ئارقىلىق كاللا يۇيۇش (بىرلىكسەپ قۇرۇش) ۋە كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. خىتاينىڭ «ئۇچۇر كۆرۈشى» نى خەلقئارالىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرغا ئېلىپ كىرىشى ياخشىلىقنىڭ بېشارىتى ئەمەس ئەلۋەتتە. چۈنكى خىتاي بۇ ئۇسۇلدا خىتاي ئىچىدىكى خەلقلەردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، خىتاينىڭ ھەمكارلاشقۇچى دۆلەتلەرنىڭ خەلقلىرىگە كاللا يۇيۇش، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ غەرب دۆلەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. بۇرۇن خىتاي بىرلىكسەپ ئارقىلىق خىتاي مۇھاجىرلىرىدىن پايدىلانغان بولساق، مانا ئەمدى خىتاي بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىدىنمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا پايدىلىنالايدۇ. ئۇ چاغدا غەرب دۇنياسىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىرىنى ئوغرىلاش، دېموكراتىك تۈزۈلمىسىنى قالايمىقان قىلىش، ئىچكى ئۇرۇشقا سېلىپ قويۇشلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنى يېڭىشى ئۈچۈن تولىمۇ كۆپ قولايلىقلارنى يارىتىپ بېرىشى تەبىئىي!

[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.