ياپونىيە ئاخباراتى: خىتاي دېڭىز ئارمىيىسى تەرەققىياتىنى تېزلەتمەكتە

0:00 / 0:00

ياپونىيەدە چىقىدىغان نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىن «مىنامى نىپپون گېزىتى» نىڭ 16-ئاپرېلدىكى سانىدا «خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلەتمەكتە» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيانقى بىر قانچە يىل ئىچىدە، بولۇپمۇ بۇ يىلدىن باشلاپ دېڭىز ئارمىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئالاھىدە تىز سۈرەت بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھەربىي خىراجەتكە ئاجرىتىۋاتقان ئىقتىسادىنىڭ يىلدىن يىلغا ئارتىپ بېرىشى ئامېرىكا، ياپونىيە،ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاش بىلەن بىرگە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. شۇنداقتىمۇ خىتاي يەنىلا ھەربىي خىراجەتكە ئاجرىتىلغان مەبلەغنى يوشۇرۇپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياپ ياپونىيە،ھىندىستان قاتارلىق زېمىن ماجىراسى بار قوشنا دۆلەتلەرگە ھەربىي جەھەتتىن تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى مەتبۇئاتلاردا ئاشكارىلانماقتا.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيىسىگە ئاجرىتىلغان مەبلىغى ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسىگە ئاجراتقان ئىقتىسادنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ تىنچ ئوكيان رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ قېتىم سانى كۆپەيتكەن، شۇنداقلا خىتاي ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ شەرقى دېڭىز ھاۋا بوشلۇقىدا رايون كىملىكىنى بەلگىلەپ قوشنا ئەللەرگە تەھدىت سېلىپ بۇ رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن.

ماقالىدە، خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيىسىگە بۇنچىلىك كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىشىنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان تېررىتورىيە مەسىلىسىدە ئۆز-ئۆزىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى شۇنداقلا ئېنېرگىيەگە زور دەرىجىدە ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقانلىقىدىن ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ياپونىيە خىتاي مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىلىرى خىتاينىڭ ياپونىيە بىلەن بولغان سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدە ئىزچىل ھالدا سېنكاكۇ ئارىلىنى ئۆزىنىڭ دەپ تۇرۇۋېلىشى ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ دېڭىز ئارمىيە كۈچىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ياپونىيەگە خىرىس قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەزكۇر ماقالىدە بۇ خىلدىكى قاراشتىكىلەردىن تەتقىقاتچى ئىئىدا ماساشىنىڭ:«خىتاي كومپارتىيىسى بىر پارتىيىلىك تۈزۈمنى يولغا قويغانلىقتىن بۇ خىلدىكى دىكتاتورلۇق ئارقىسىدا تەرەققىي قىلغان ئىقتىساد خىتاي مىللەتچىلىكىنى ئەۋجىگە چىقاردى»، دېگەن سۆزى نەقىل ئېلىنغان.

ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان ئارال مەسىلىسى ماجىراسىنىڭ سەۋەبچىسى خىتاينىڭ ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ سابىق گېنېرالى ليۇ خۇئاچېڭ ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىپ، گېنېرال ليۇ خۇئاچېڭنىڭ ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋادىن تەيۋەن ۋە فىلىپپىن ‘گىچە تۇتاش بولغان ئاراللار، ئوگاساۋارا ئارىلى، گۇئام، ھىندونېزىيەگىچە بولغان بەزى ئاراللارنى خىتاينىڭ تېررىتورىيەسىگە تەۋە دەپ بەلگىلەپ ھەربىي دېڭىز خەرىتىسى سىزىۋالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ ماقالىدە يەنە 1980-يىللاردىن باشلاپ دېڭىز ئارمىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چىڭ تۇتۇۋاتقان خىتاينىڭ 2008-يىلىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى سىزىقىدىن رەسمىي ئۆتۈپ تىنچ ئوكيان رايونىغا كىرىپ ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن يۈزمۇ-يۈز تۇرۇپ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، خىتاي سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىگىمۇ پىسەنت قىلىپ قويماي سېنكاكۇ ئارىلىغا بۆسۈپ كىرىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ماقالە ئاپتورىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەبنى ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش قىسمىنىڭ گېنېرالى كودا يوجىنىڭ قارىشىغا ئاساسلىنىپ كۆرسىتىدۇ.

ماقالىدە، ياپونىيە گېنېرالى كودا يوجىنىڭ «خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 2/ئا،د/ئا شەكىللىك ئىستراتېگىيىلىك پىلان بويىچە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، ئەمما خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىدە بەزى بىر قوراللار بولسىمۇ يەنىلا يېتەرلىك ھەربىي قوراللارنىڭ شۇنداقلا دېڭىز ئۇرۇشىدا قوللىنىدىغان ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ كەملىكىنى» ئەسكەرتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ياپونىيەنىڭ «مىنامى نىپپون گېزىتى» نىڭ 16-ئاپرېلدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلەتمەكتە» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە خىتاينىڭ سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىلىپ تۇرىلىۋاتقانلىقى، خىتاي بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىش ئېھتىمالىقىغا ئامېرىكىنىڭ سەگەكلىك بىلەن قاراۋاتقانلىقى ئەمما خىتاينىڭ 2012-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئۆزگەرتىپ ياساپ، ئۇكرائىنادىن سېتىۋالغان كونا ئاۋياماتكىنى يېڭىلاپ، 2013-يىلى غەربىي تىنچ ئوكيان رايونىدا ئۆزلىرى ياسىغان ئۇزاق مۇساپىلىك بومبىلار بىلەن دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرى ئېلىپ بارغانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيىسى ھەققىدە توختالغان سابىق ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مورىموتو تۆشى: «خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ناھايىتى تېز بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇش،قونۇش جەھەتتىكى تېخنىكىسى ۋە ئۇرۇش قىلىش ماھارىتى يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس، ھازىرچە خىتاي ئارمىيىسى بۇ جەھەتلەردە يەنىلا كۆپلەپ مەشىق قىلىشقا موھتاج»،دېگەن.

ياپونىيە ھەربىي گېنېرالى كودانىڭ دېيىشىچە خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ مەشىقى ھازىرقى ياپونىيە دېڭىز قوغداش ئەترىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي مەشلەرگە ئوخشاش بولۇپ، ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ھەربىي مەشىق ئېلىپ بارغاندا ياپونىيە دېڭىز قوغداش ئەترىتىنىڭ پاراخوتلىرىنى نىشان قىلىپ مەشىق ئېلىپ بارغان .بۇ خىل ھەربىي مەشىق ئەسلىدە خەلقئارا ھەربىي قانۇندا چەكلەنگەن.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى مورىموتو تۆشىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھازىردىن باشلاپ 2020-يىلى ۋە ياكى 2025-يىلىغا قەدەر رادارغا چۈشمەيدىغان ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ياساشنى پىلانلىغان. ئەگەر خىتاي بۇ خىلدىكى ئايروپىلاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىقالىسا ئۇ چاغدا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىش بولىدىكەن.

ياپونىيە گېنېرالى كودانىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى 2020- ۋە ياكى 2030-يىلىغىچە يېڭىلاپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنى خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلماسلىق دەرىجىسىگە ئەكېلىپ قويۇش خىتاي دۆلىتىنىڭ بىردىن بىر ھەربىي جەھەتتىكى ئارزۇسى بولۇپ، ئەگەر خىتاي راستىنىلا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى يېڭىدىن ياساشتا غەلىبە قىلسا ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەسكە توختايدىكەن.

ياپونىيەنىڭ «مىنامى نىپپون گېزىتى» نىڭ 16-ئاپرېلدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلەتمەكتە» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئۇكرائىنا مەسىلىسى مەيدانغا چىققاندىن كېيىن ئامېرىكا خىتاينىڭ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ شەرقىي، جەنۇبىي دېڭىز رايونلىرىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى كېڭەيتىشىدىن ئەندىشە قىلغان.

خىتاي يەنە بىر تەرەپتىن ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا قالغان بولۇپ، ئەگەر خىتاي قىرىمنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشىدە خەلقئارا قانۇنىي بويىچە ئىش تۇتۇشىنى قوللىسا ئۆزلىرىدىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىغا يېشىل چىراغ يېقىلىشىندىنمۇ ئەندىشە قىلىدىكەن.