خىتاي ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى «ئىگىلىك ھوقۇقى» نى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى جاكارلىدى
2015.05.26
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تالاش - تارتىشتىكى ئاراللاردا خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىشى ئامېرىكا ۋە شۇنىڭدەك ئىگىلىك ھوقۇقى كۈرىشى قىلىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرنى قاتتىق بىئارام قىلماقتا. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررىي يېقىندا خىتايغا قىلغان زىيارىتىدە ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى مەيدانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينى خەلقئارا قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئامېرىكىنى رايوندىكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. نۆۋەتتە بۇ ئىككى دۆلەت ئارىىسىدىكى سۆز ئۇرۇشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابېنتى بۈگۈن دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئائىت ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى «ئىگىلىك ھوقۇقى» نى قاتتىق قوغداپ، مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، رايوندىكى ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا خىتاي يەنە ئالاھىدە قىلىپ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ۋە ئىلگىرىكى «ئۆزىنى قوغداش خاراكتېرلىك» ئىستراتېگىيىدىن «قوغداش ۋە ھۇجۇم قىلىش» تىن ئىبارەت قوش خىل تاكتىكىغا ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۈگۈن يەنە خىتاي، ئامېرىكا ۋە شۇنىڭدەك باشقا ئىگىلىك ھوقۇقى تەلەپ قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بارلىق چاقىرىقلىرىغا قارىماي، تالاش - تارتىشتىكى دېڭىز رايونىدا قۇرۇشنى پىلانلىغان ئىككى دانە دېڭىز ماياكى ئۈچۈن قۇرۇلۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچسىى خۇا چۈنيىڭ بۈگۈن بۇنىڭغا ئىزاھات بېرىپ، بۇ قۇرۇلۇش رايوندىكى چارلاش ۋە قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن ساقلىنىش، مۇھىت قوغداش ۋە دېڭىز يولى بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن سېلىنىدۇ، دېگەن.
خىتاينىڭ ئېغۋاگەر تۈس ئالغان بۇ ھەرىكەتلىرى خەلقئارانىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىدى. خەلقئارا مەتبۇئاتلار بۇنى ئامېرىكىغا بېرىلگەن ئوچۇق ئاگاھلاندۇرۇش، دەپ قارىدى. چۈنكى ئالدىنقى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى قىرغاق رايونلارنى تىندۇرۇپ ياساپ چىققان ئاراللىرىغا قارشى ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلەش يەنى ئامېرىكىنىڭ خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئىگىلىك ھوقۇقىنى تونۇمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، بىر چارلىغۇچى ئايروپىلان چىقارغان ئىدى. چارلىغۇچى ئايروپىلان بۇ سۈنئىي ئاراللار ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈۋاتقاندا خىتاي ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرى 8 قېتىم ئامېرىكىنىڭ ئايروپىلانىغا سېگنال ئەۋەتىپ، ئۇلارنى بۇ تېررىتورىيىدىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرىغان.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى ھىسابلىنىدىغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» بولسا ۋەقەدىن كېيىن بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان ئىدى. ماقالىدە «ئەگەر ئامېرىكا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى پائالىيەتلىرىگە قارشىلىق قىلىشنى داۋام قىلسا، ئۇ ھالدا جەنۇبىي دېڭىزدا ئۇرۇشتىن ساقلىنىش مۇمكىن ئەمەس. بىز ئۇرۇشتىن يانمايمىز» دېگەندەك ئىبارىلەرنى قوللانغان ئىدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جوش ئېرنېست بۈگۈنكى باياناتىدا خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابىغا قارىتا بىۋاستە بىر ئىنكاس قايتۇرمىدى. ئەمما ئۇ ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىدە قەتئىي چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى بارلىق ھەرىكەتلىرىنى خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۈگۈن خەلقئارا مەتبۇئاتلار بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر بىلەن توشۇپ كەتتى. نۇرغۇن مەتبۇئاتلار جەنۇبىي دېڭىزنى پارتلاش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان سائەتلىك بومبىغا ئوخشاتتى. ئامېرىكىنىڭ ۋاقىت گېزىتى بۇ ماۋزۇدىكى ماقالىسىدە، ئەگەر خىتاي بۇ تېررىتورىيىدە ئارال ياساشنى داۋام قىلسا ۋە خەلقئارا جەمىيئەتمۇ بۇ مەسىلىدە كەينىگە چېكىنمىسە، رايوندا توقۇنۇش چىقىشىنىڭ مۇقەررەرلىقىنى بىلدۈردى.
بىراق، يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكا ۋە خىتاي ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇشتىن ئامال بار ساقلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىنكاسىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى توغرا مۆلچەرلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەنگىلىيىدىكى تېلېگراف گېزىتىنىڭ ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى روبېرت دۇجارىكتىن نەقىل ئېلىپ كۆرستىشىچە، ئامېرىكا - خىتاي ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسى قاتتىق. شۇڭا بۇ ھاۋا تېررىتورىيىسىدە بىر توقۇنۇش بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى يۈكسەك ئىكەن. روبېرت دۇجارىك بۇ ھەقتە توختىلىپ : ھەر ئىككىلا دۆلەت ئۇرۇشنى خالىمايدۇ. بىراق بۇ يەردە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ قىزىل سىىزىقلىرى بار. مەن خىتاينىڭ ئامېرىكا دېگەن ئاجىزلاۋاتقان كۈچ، ئەگەر بىز ئۇنىڭ ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرسەك، ئۇ كەينىگە چېكىنىدۇ، دەپ قاراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن» دېگەن. ئامېرىكىدا چىقىدىغان «دۆلەت مەنپەئەتى» ماۋزۇلۇق تور ژۇرنىلىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە «ئامېرىكىنىڭ ئەمدى جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە قاتتىق قول بولىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى» دەپ كۆرسىتىلدى. ئۇنىڭدا، «خىتاي تالاش - تارتىشتىكى ئاراللاردا ئارال ياساش ئارقىلىق، قاراپ تۇرۇپ خەلقئارانىڭ كۆزىگە توپا چاچتى» دېيىلگەن ۋە ئامېرىكا ئەگەر بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ، بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئالمىسا رايوندىكى ئېتىبارىنىمۇ يوقىتىپ قويىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
يەنە بۇ تور ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ئامېرىكا بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك» ماۋزۇلۇق ماقالىدىمۇ ئامېرىكىنىڭ بۇ دېڭىز رايونىنىڭ ئوچۇقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن : ئامېرىكا چوقۇم بۇ دېڭىز تېررىتورىيىسىنىڭ خەلقئاراغا ئوچۇقلۇقى ۋە رايوندىكى ئەركىن سەپەر قىلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشى، بۇ دېڭىز رايونىغا ئۆزىنىڭ پاراخوتلىرىنى ۋە ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتىپ تۇرۇشى كېرەك. ئۇنداق قىلمايدىكەن، بۇ خىتايغا «ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تونۇيدۇ» دېگەن خاتا سېگنال بېرىپ قويىدۇ. ئامېرىكا بۇ پوزىتسىيىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن رايوندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رايوندىكى خىتايغا قارشى باشقا دۆلەتلەرنىمۇ قوللاشنى كۈچلەندۈرۈشىمىز كېرەك.
بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەردە كۆزەتكۈچىلەر بىردەك، ئامېرىكىنىڭ چوقۇم خىتاينى بۇ مەسىلىدە خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسەن ۋە دىپلوماتىيىگە ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشقا كۆندۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشمەكتە. بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ئامېرىكا ئاقساراينىڭ بۈگۈن خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابىغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرماسلىقىنىمۇ ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش ھەققىدە جىددىي ئويلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىغان.