خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنى نىشان قىلغان كۆچمەنلەر سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟
2025.01.07
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» 2-نويابىر مەخسۇس خەۋەر بېرىپ، ئىلى شەھەرلىك (ئىلى ۋىلايىتى) ج خ ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاققۇن نوپۇسلارنىڭ 6 ئايلىق تۇرۇش ئىجازەتنامىسى ئارقىلىق ئىلى شەھىرىدە نوپۇسقا ئورۇنلاشسا بولىدىغانلىقى، نوپۇس رەسمىيىتىنىڭ ئەڭ تېز بولغاندا بىر كۈندىلا پۈتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئىشنىڭ 2024-يىلى 18-دېكابىر ئېچىلغان «شىنجاڭ مائارىپ چوڭ يىغىنى» دىن كېيىنلا يۈز بېرىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس، بەلكى بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا خىتاي نوپۇسىنى زور كۆلەمدە يۆتكەپ كېلىشتىكى ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى، خالاس. ئىلى شەھىرىدە چىقىرىلغان ئاققۇن نوپۇس ياكى خىتاي نوپۇسىنى ئۇيغۇر ئېلىغا شەرتسىز ئورۇنلاشتۇرۇشقا دائىر سىياسەتلەر بىر يەككە ئەھۋال بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق جايلىرىدا ئورتاق يولغا قويۇلغان كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىدۇر.
مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئۇيغۇرلارنى بۇ تۇپراقتىن پۈتۈنلەي يوقىتىشنى نىشان قىلغان. ھالبۇكى، كۆچمەن يۆتكەش ئۆز نۆۋىتىدە كۆچۈپ كېلىنگەن خەلق ئۈچۈن مۇۋاپىق ياشاش مۇھىتى، يېتەرلىك سۇ مەنبەسى، تېرىلغۇ يەر ۋە بوستانلىقلارنىڭ بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ. گەرچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر كۆلىمى 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولسىمۇ، لېكىن بۇ بىپايان زېمىننىڭ ئىنسانلار ياشاشقا ماس كېلىدىغان كۆلىمى 2015-يىلىدىكى خىتاي ئىستاتىستىكىسىدا ئاران 9.7 پىرسەنت بولغانلىقى خاتىرىلەنگەن. ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى 10 پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدىغان ياشاشقا ماس كېلىدىغان يەر كۆلىمىنىڭ 1950-يىلىدىكى 4.3 پىرسەنتتىن 60 يىللىق جاپالىق تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە 9.7 پىرسەنتكە يەتكۈزۈلگەنلىكى داۋراڭ سېلىنغان.
مەزكۇر ئىستاتىستىكىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇس زىچلىقى ھەر بىر كىۋادرات مېتىر يەرگە 337 ئادەم توغرا كېلىدىغان دەرىجىدە كۆپ بولۇپ، خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى نوپۇس زىچلىقى بىلەن كۆپ پەرقلەنمەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. لېكىن بۇ يەردىكى پەرق شۇكى، خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى نوپۇس زىچلىقى يېتەرلىك سۇ ۋە تۇپراق مەنبەسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە، بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە سۇ ۋە يەرنىڭ سىغىمچانلىقىغا ماس كەلمەيدىغان دەرىجىدىكى نوپۇس زىچلىقى شەكىللەندۈرۈلۈپ، بوستانلىقلاردىكى نوپۇس سىغىمچانلىقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن. خىتاي گەرچە 60 نەچچە يىل تىرىشىپ، بوستانلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىشتە بىر ئاز ئۈنۈم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۈنۈم ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تېخىمۇ كۆپ نوپۇسنى سىغدۇرالايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلمىسى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، بۇزغۇنچىلىققا بىر قېتىم ئۇچرىسا، ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى بايان قىلىنغان. بۇ ئىستاتىستىكا ئەينى چاغدا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشىنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق دەپ كۆرسىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى تىزگىنلەشكە ئىلمىي ئاساس قىلىش ئۈچۈن ئېلان قىلىنغان دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى مەزكۇر ئىستاتىستىكىلىق تەتقىقاتتا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى سىجىل ئېلىپ بېرىپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇس كۆپىيىشىنى جىددىي تىزگىنلىشى كېرەكلىكى؛ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئاساس قىلىدىغان يەككە مىللەتلىك نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە، خىتايلارنى ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەش؛ نوپۇس سىغىمى زىچ بولغان بوستانلىقلار (تارىم ئويمانلىقى ئەتراپى)دىكى نوپۇسنى ئېكولوگىيەلىك كۆچمەن سۈپىتىدە باشقا يەرلەرگە كۆچۈرۈش تەكلىپى بېرىلگەن. ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى 2014-يىلىلا ئۇيغۇر ئېلىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەشكە دائىر ئەۋزەل سىياسەتلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ سىياسەتلەر جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياشاش مۇھىتىدىن قارىغاندا، ھەقىقەتەن يۇقىرى ئىستاتىستىكىلىق تەتقىقاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك كىشىلەر ياشاشقا ماس كېلىدىغان بوستانلىقلارنىڭ كۆلىمى ئىنتايىن ئاز نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتى نوپۇس سىغىمى خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرى بىلەن ئوخشاش نىسبەتكە يەتكەن جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەشنى قولايلىقلاشتۇرۇشى كىشىدە سوئال پەيدا قىلىدۇ: ئەجەبا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات-ماماتى بىلەن ھېسابلاشمامدۇ، كۆچمەن خىتايلارنىڭ ھايات-ماماتى بىلەن پەرۋايى پەلەكمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۇنداق ئەمەس. خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە كىشىلەر ياشاشقا ماس كېلىدىغان بوستانلىقلارنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان كۆپ تىرىشتى. يېقىندا تەكلىماكان چۆلىنىڭ 3046 كىلومېتىرلىق گىرۋىكىنى سۈنئىي بوستانلىق بىلەن توسۇپ قالالىشىمۇ دەل بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ بىر قىسمىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا تىبەت ئېگىزلىكىدىكى دەريا-ئېقىنلارنىڭ سۈيىنى ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەش ئۇرۇنۇشىمۇ، ئەگەردە ھىندىستاننىڭ كۈچلۈك قارشىلىق بولمىغان بولسا ئاللىبۇرۇن ئىشقا كىرىشكەن بولاتتى. يەنى خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش ئىقتىدارىنى ئاللىبۇرۇن ھازىرلىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى قانچىلىك كۆپەيسۇن، پەقەت ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ياخشىلانسىلا بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق بولاتتى.
دەرۋەقە، بۇ يەردىكى ئەسلى مەسىلە نوپۇسنىڭ ئېشىپ كېتىشى ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇققا ماس كەلمەيدىغانلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك! ئەسلى مەقسەتمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنى ئازايتىش ياكى پۈتۈنلەي يوقىتىشتۇر.
خىتاي ئۆتكەن يەتمىش نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى ئۆز تۇپراقلىرىدىن پاك-پاكىزە يوقىتىش ئۈچۈن تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ كەلدى، لېكىن خىتاينىڭ دۆلەت سىياسىتىدىكى مۇقىمسىزلىق ۋە تۈرلۈك داۋالغۇشلارنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇرلارنى ئۈنۈملۈك شەكىلدە يوقىتىش خىتاي ئۈچۈن تاكى ئىقتىسادىي ئىسلاھات دەۋرىگىچە قولاي بولمىدى. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ئاخىرلاشقاندا بولسا، خىتاي ئەڭ ئېغىر بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كىرىزىسقا پېتىپ قالغان بولۇپ، ئىسلاھات قىلمىسا ھاكىمىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. مانا مۇشۇنداق بىر پەيتتە دېڭ شاۋپىڭنىڭ ئىسلاھات قارارى خىتايغا يېڭى بىر ئۈمىد بېغىشلىدى. شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلارمۇ بىر قانچە يىل ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. چۈنكى بۇ يىللاردا خىتاي گەرچە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىسلاھاتنىڭ پەقەت ئىقتىسادىي ساھە بىلەنلا چەكلىنىشى كېرەكمۇ ياكى سىياسىي ئىسلاھاتنىڭمۇ ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكمۇ، دېگەن مەسىلىدە تېخى ئېنىق قارارغا كەلمىگەنىدى. خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا خۇ ياۋباڭ، جاۋ زىياڭ قاتارلىق ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئىسلاھاتنى تەڭ ئېلىپ بېرىش تەرەپدارلىرىمۇ، دېڭ شاۋپىڭنىڭ ئەتراپىدىكى پەقەت ئىقتىسادىي ئىسلاھات بىلەنلا چەكلىنىپ، سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارماسلىق تەرەپدارلىرىمۇ بار ئىدى. ئەمما 1982-يىلى ۋاڭ جېننىڭ تەلىپى بىلەن دېڭ شاۋپىڭنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەلىپىگە قوشۇلۇشى، سىياسىي ئىسلاھاتنىڭ ئەسلا ئېلىپ بېرىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا بېرىلگەن خىتاينىڭ ئەمەلىي جاۋابى ئىدى. سىياسىي ئىسلاھاتنىڭ ئېلىپ بېرىلمايدىغانلىقى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونومىيە ھەقلىرىنىڭمۇ ھەرگىز ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرەتتى. شۇ سەۋەبتىن 1985-يىلى ۋە 1988-يىللىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئاپتونومىيەنىڭ ھەقىقىي مەنىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلغان زور كۆلەملىك نامايىشلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ قارشىلىقلار خىتاي ياشلىرىنىڭمۇ 1989-يىلى يازدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە يول ئاچتى. بۇ ئۈچ قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىلا خىتايدا سىياسىي ئىسلاھاتنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى، بولۇپمۇ غەربنىڭ دېموكراتىك تۈزۈلمىسىگە يۈزلىنىش تەلىپى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى. 1989-يىلى 4-ئىيۇن كۈنى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى خىتاي تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى 1992-يىلى دېڭ شاۋپىڭ خىتاينىڭ كېيىنكى سىياسىي يۈزلىنىشى ھەققىدە كۆرسەتمە بەردى. بۇ كۆرسەتمە خىتاي تارىخىدا «دېڭ شاۋپىڭنىڭ جەنۇب سەپىرىدىكى نۇتقى» دەپ تونۇلدى. بۇ كۆرسەتمىنىڭ 1990-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە «بارىن ئىنقىلابى» دىن كېيىنلا ئوتتۇرىغا چىقىشى بىر تاسادىپىيلىق ئەمەس، ئەلۋەتتە! چۈنكى دېڭ شاۋپىڭ بۇ ۋاقىتتا سىياسىي ئىسلاھات قىلماستىن، خىتاي ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا بولىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇلنى تېپىپ چىققانىدى. بۇ ئۇسۇلنىڭ بىرى دەل ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ ھاكىمىيەت دۈشمىنىگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق خەلقنىڭ ھاكىمىيەتكە بولغان نارازىلىقىنىڭ دىققەت نۇقتىسىنى بۇراش؛ يەنە بىر تەرەپتىن، خەلقئارادا «سوققان چوتنى خەققە بىلدۈرمەسلىك» (韬光养晦) ۋە «تىۋىش چىقارماستىن باي بولۇش» (闷声发大财) ئۇسۇلى ئارقىلىق دۇنيانى خىتايدا سىياسىي ئىسلاھاتنىڭمۇ ھامان بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش ئىدى. ئەمەلىيەتتە، خىتاي دەل دېڭ شاۋپىڭنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە مېڭىپ، ھەم ئۇيغۇرلارغا دۇنيانىڭ كۆزىدىلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلدى ۋە ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەمەسلىكىگە بىر قىسىم دۆلەتلەرنى ئىشەندۈرۈش مەقسىتىگە يەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، غەرب دۇنياسىنى خىتاينىڭ دېموكراتىيەلىشىشىگە ئىشەندۈرۈپ، ئۇلار بىلەن قويۇق سىياسىي ۋە تىجارىي ئالاقىلەرنى ئورنىتىپ، بۈگۈنكى ئىقتىسادىي كۈچىيىشكە ئاساس سالدى.
دەرۋەقە، 90-يىللاردىن بۇيانقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي قىسمەتلىرىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، «پىلانلىق تۇغۇت» ۋە «ئۈچ خىل كۈچ» باھانە قىلىنغان سىياسەتلەرنىڭ ھەرقاندىقى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنى نىشان قىلىپ ئېلىپ بېرىلدى. ئۇيغۇرلار بولسا ئاتالمىش خەلقئارا تېررورلۇققا زەربە بېرىش دولقۇنىنىڭ ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بىر مىللەتكە ئايلاندى. بۇ سىياسەتلەرنىڭ نەتىجىسىدە ئۆتكەن ئوتتۇز نەچچە يىلدا زور مىقداردىكى ئۇيغۇر نوپۇسى يوقىتىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ئوتتۇز يىلدىكى نوپۇسىنىڭ ئازىيىدىغانلىقىدەك زور بىر تىراگېدىيەگىمۇ سەۋەب بولدى. خىتاي ھەتتا بۈگۈنگىچە، ئۇيغۇرلارنى قانداق قىلغاندا خەلقئارا قانۇنلارغا ئۇيغۇن بىر شەكىلدە توسالغۇسىز يوقىتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ئاماللارنى ئىشلەتمەكتە. ئۇيغۇرلاردا «ياغاچ قازاندا بىر قېتىم ئاش پىشىدۇ» دەيدىغان ئاتا مىراس ماقال-تەمسىلى بار بولۇپ، خىتاينىڭ ئالدامچىلىقى بۈگۈن مەيلى خىتايدا ياكى خەلقئارادا بولسۇن ئاشكارىلىنىپ، دۇنياۋى سەتچىلىككە قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. دېمەك، بۈگۈن خىتاينىڭ يالغانچىلىقلىرىغا ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بىر ھالەت خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا ئومۇميۈزلۈك شەكىللىنىپ بولدى. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچمەن يۆتكەش پىلانىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا نەزەر سالىدىغان بولساقمۇ، ئىشلارنىڭ خىتاي كۈتكىنىدەك بولمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشىمىز تەس ئەمەس!
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ئاتالمىش «ئىسلاھات» نىڭ تەسىرىدە خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىغا ئېقىپ بارغان كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى دېڭىز ياقىسى رايونلىرىغا سىڭىپ يەرلەشتى. ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى يۇقىرى ئىستېماللىق مۇھىتتا تۇغۇلدى، تەربىيەلەندى ۋە چوڭ بولدى. دېڭىز ياقىسى رايونلىرى پۈتۈن دۇنياغا ئېچىۋېتىلدى. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلى بولسا پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيا، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگىلا ئېچىلدى. دېڭىز ياقىسى رايونلىرىغا كۆچمەن بولغانلار ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا بىلەن سودا ئالاقىسىنى باغلاش ياكى بۇ سودا ئالاقىسىدىن نەپ ئېلىش پۇرسىتى بار ئىدى. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئالاھىدە سەزگۈر رايون بولۇش سۈپىتىدە بۇ خىل ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولۇشى ھازىرچە مۇمكىن ئەمەس. دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدا خىتايلارنىڭ چەت ئەل بىلەن بولغان سودا ئالاقىسى ياكى چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشى ئۇيغۇر ئېلىدىكىدەك زور چەكلىمىلەرگە دۇچ كەلگەن ئەمەس. بۇنداق شارائىتتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى غەربكە ئېچىشنىڭ ئېغىزى دېگەن نام بىلەن كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىش رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس. ئۇيغۇر ئېلى ھېلىمۇ خىتاينىڭ كۈچلۈك سىياسىي تەقىبى ئاستىدا مۇقىملىقنى ساقلاش تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان بىر جاي. بۇنداق بىر جايغا كۆچمەنلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كۆچۈپ كېلىشى ئەقىلگە ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس. پەقەت دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدا ياشاش ئىمكانى بولمىغان ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەۋزەل سىياسەتلىرى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىغا ئالدانغانلارلا بۇ خىلدىكى كۆچمەنلەر سېپىدىن ئورۇن ئېلىشى مۇمكىن. تېخىمۇ مۇھىمى يېقىندىن بۇيان خىتاي ئىچىدىكى تور سۇپىلىرىدا ئېلان قىلىنغان يازمىلاردا، خىتاينىڭ ۋەدىلىرىگە ئىشىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچمەن بولغان خىتايلارنىڭ نارازىلىقلىرىغا دائىر مەزمۇنلار كۆپ تارقالماقتا. بەلكى بۇ خىل نارازىلىقلار ۋەجىدىن خىتاي ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچمەن يۆتكەشتە زور توسالغۇغا دۇچ كەلمەكتە. بۇنداق ئەھۋالدا مەيلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى سەۋەبلىك بولسۇن ياكى سىياسىي ئاتموسفېراسى سەۋەبلىك بولسۇن، زور مىقداردا خىتاي كۆچمەنلەرنى يۆتكەپ كېلىش خىتاي ئۈچۈن زور ئىقتىسادىي چىقىم ۋە ئېغىر سىياسىي بېسىمغا بەرداشلىق بېرىشنى بەدەل قىلىدىغان جاپالىق بىر يولدۇر!
[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]