خىتاي كوممۇنىستلىرى راستىنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىغانمۇ؟
2012.10.11

ماقالىدە جياڭشىنىڭ رۇيجىن رايونىدا قۇرۇلغان «خىتاي سوۋېت جۇمھۇرىيىتى» نىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ 14-ماددىسىنى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشر قىلىنىدىغان ھەقىقەت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدىكى «سوۋېتچە كوممۇنىستىك ئىنقىلابنىڭ خىتايدا غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن خىتاي كوممۇنىستلىرى ئادەم ئىشەنگۈسىز ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللاندى. بۇ ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى، خىتاينىڭ چېگرا رايونلىرىدىكى مىللەتلەرنى مىللىي ئىنقىلاب قىلىشقا، زوراۋانلىق قىلىشقا، ھەتتا زېمىنلىرى كەڭ بولغان ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنى خىتايدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلدى» دېگەن جۈملىلەرنى نەقىل قىلىپ، خىتاي كوممۇنىستلىرىنى «خىتايغا ئاسىيلىق قىلىش ۋە خىتاينى پارچىلاشتەك تارىخى جىنايەت ئۆتكۈزدى» دەپ شىكايەت قىلىدۇ.
ئاپتور ماقالىسىدە تىلغا ئالغان خىتاي سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى 1931-يىلى جياڭشىنىڭ رۇيجىن رايونىدا قۇرۇلغان خىتاي سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1-قېتىملىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا ماقۇللىنىپ، 1934-ئېچىلغان 2-قېتىملىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا ئۆزگەرتىلگەن 17 ماددىلىق ئاساسىي قانۇن بولۇپ، بۇ قانۇننىڭ 14-ماددىسىدا مۇنداق دېيىلگەن:
«خىتاي سوۋېت ھۆكۈمىتى خىتاي چېگراسى ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ۋە ئۇلارنىڭ خىتايدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇلار ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت قاتارلىق خىتاي چېگراسى ئىچىدە ياشاۋاتقان بارلىق باشقا مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇلار پۈتۈنلەي ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا، ھەتتا خىتاي سوۋېت فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە. خىتاي سوۋېت ھاكىمىيىتى، ئاجىز ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ گومىنداڭ ھەربىي ئىمپېرىئالىزمىنىڭ بەگ-خوجاملىرىنىڭ ئېزىشىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. خىتاي سوۋېت ھاكىمىيىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.»
گەرچە، خىتاي كوممۇنىستلىرى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن يۇقىرىقى قانۇندا تىلغا ئېلىنغان مەزمۇنلارنىڭ بىرىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرمىغان، ئەكسىچە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ھامىيلىقىدىكى خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى تىكلەپ، ئازسانلىق مىللەتلەرنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى بۈگۈنكىدەك ئىنسان ھەقلىرى ئەڭ ناچار ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان تۇرۇقلۇق، يەنە نېمە ئۈچۈن بۇ ماقالىدە «خىتاي كوممۇنىستلىرى شىنجاڭنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىغان» دېگەنگە ئىسپات كۆرسىتىپ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ خىتاي دۆلىتىنى پارچىلىماقچى بولغانلىقىدەك تارىخىي جىنايىتىنى پاش قىلىدۇ؟ بىز بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانى زىيارەت قىلدۇق.
ماقالىگە گەرچە «خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ شىنجاڭنى پارچىلىماقچى بولغانلىقىنىڭ سىرى» دەپ ماۋزۇ قويغان بولسىمۇ، ئەمما بېشىدىكى بىر ئابزاستىن باشقا قىسمى پۈتۈنلەي 1945-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان دۆلەت ئارمىيىسىنى ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بەرگەن ياردەملىرىنى تونۇشتۇرۇشقا قارىتىلغان بولۇپ، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىغانلىقىغا دائىر باشقا ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتىلمىگەن.