يېۋېلىنا ئوچاب بىلەن سۆھبەت: «قىرغىنچىلىققا شوئار بىلەنلا قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.08.18
EWELINA-OCHAB.jpg «يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن بارلىققا كەلگەن «ئەمدى قايتىلانمايدۇ» دېگەن تارىخىي ۋەدە ھەققىدە كۆپ قېتىم قەلەم تەۋرەتكەن ئېۋېلىنا ئوچاب خانىم.
Social Media

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2019-يىلى 1-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش» مۇراسىمىدا «دۇنيادىكى ھېچقانداق كۈچ ياكى دۆلەت بىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئالغا بېسىش قەدەملىرىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ,» دەپ جاكارلاپ ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتمەيلا باشلانغان تاجسىمان ۋىرۇسى خىتاينىڭ «خىتاي چۈشى» نى قاتتىق چالغىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋىرۇس ئاپىتىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بىر قاتار ھادىسىلەر ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى ئەركىنلىك دۇنياسىدا كۆپلىگەن سالقىن مۇئامىلىگە ئۇچراشقا باشلىدى. ئەنە شۇنىڭ بىرى دەل ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارغانسېرى كۆپ دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن تاشقىي دۇنياغا مەلۇم بولۇشقا باشلىغان ھەمدە تاشقىي دۇنيادا ئارقىمۇ-ئارقىدىن «قىرغىنچىلىق» دەپ تەرىپلىنىشكە باشلىغان پەۋقۇلئاددە ھادىسە بولدى.

غەرپ دۇنياسىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ھادىسىسى ھەققىدە دەسلەپكى قەدەمدە پىكىر بىرلىكى شەكىللىنىۋاتقانلىقى كۆپلىگەن نۇقتىلاردىن مەلۇم بولۇۋاتقان ئەھۋالدا قىرغىنچىلىق مەسىلىسى ھەققىدە يىللاردىن بۇيان ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان يېۋېلىنا ئوچاب خانىم نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاش سادالىرىنىڭ سادا ھالىتىدە توختاپ قالماسلىقىنى، بەلكى ئۇنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئەمەلىي ھەركەتكە ئايلىنىشى لازىملىقىنى ھەممىدىن بەك تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبىتىمىز جەريانىدا ئۇ ھازىرقى ۋەزىيەتتىن خوشاللىنىشقا بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ قانائەتلىنىشتىن تېخى كۆپ ئۇزاق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. 

«مېنىڭچە ھازىر بىز كۆرۈۋاتقان بۇ ئىشلارنى بىر گۈزەل باشلىنىش دەپ خۇرسەن بولساق بولىدۇ. چۈنكى مۇشۇ ئىشلارنىڭ ئۆزى بىر مىسال تەرىقىسىدە يېڭىدىن بارلىققا كېلىۋاتقان بىر زۇلۇمغا قارشى دۇنياۋىي بىرلىك شەكلىنى ئالغان بىر قارشىلىق ساداسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. نېمىشقا دېسىڭىز، بۇ ئىشلارغا قايسىلا ساھە بولمىسۇن ئەمدى بەس، دېمەي بولمايدۇ. ھېلىمۇ بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتتى. نۆۋەتتە بىز بۇ خىل قارشىلىققا ئاۋاز قوشقۇچىلارنىڭ سىياسىيونلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغانلىقىدەك بىر ھالنىمۇ كۆرۈۋاتىمىز. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ كۆلىمى، ئۇنىڭ قاباھەتلىك دەرىجىسى دېگەنلەر ھازىر دۇنيانىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تەكشۈرۈش خۇلاسىسى چىقىرىشىنىڭ بەكمۇ زۆرۈرلىكىنى كۆرسەتمەكتە.»

يېۋېلىنا ئوچاب ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى «يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن بارلىققا كەلگەن «ئەمدى قايتىلانمايدۇ» دېگەن تارىخىي ۋەدە ھەققىدە كۆپ قېتىم قەلەم تەۋرەتكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ مەشھۇر ۋەدە ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان زور كۆلەملىك ئېتنىك قىرغىنچىلىق كۆپ قېتىملاپ يۈز بەرگەن. يەنە كېلىپ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەركىن دۇنيا پۇت-قولى غايەت زور دەرىجىدە چۈشىلىپ قالمىغان بىر مەزگىلدە كۆرۈلگەن. شۇنداق بولغانىكەن، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە يەنە بىر قېتىم كۆرۈلۈش-كۆرۈلمەسلىكى نۆۋەتتىكى دۇنيانىڭ ئۇنى بىخ ھالىتىدە توسۇپ قېلىشقا قانچىلىك كۈچ سەرپ قىلىشىغا باغلىق ئىكەن. 

«بىز كۆپ قېتىملاپ تىلغا ئېلىپ كەلگەن ‹ئەمدى قايتىلانمايدۇ› دېگەن شوئارنىڭ كۆپ قېتىملاپ قۇرۇق ۋەدىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆردۇق. خەلقئارا جەمىيەت كۆپلىگەن خەلقلەرگە مۇشۇ ۋەدىنى بەرگەن. ئەمما بىز ئاشۇ قىرغىنچىلىقتا كامبودژادىكى يەرلىك خەلقلەر، بېرمادىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرى، رۇئاندادىكى خىرىستىيان مۇرىتلىرى دېگەندەكلەردىن مىليونلارچە كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى كۆردۇق. بەختىمىزگە يارىشا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى چەكلەش ھەمدە ئۇنىڭغا جازا بېرىش ھەققىدىكى بىرقاتار خەلقئارالىق ئەھدىنامىلىرى، سىياسىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئاۋام پۇقرالارنى قىرغىنچىلىقتىن ھېمايە قىلىش ھەققىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى ھەمدە ئۇنىڭ قىرغىنچىلىققا ئىشتىراك قىلىشىغا بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەر بار. ئەمما بىر دۆلەتتە ئۇنىڭ مۇشۇ خىل قىلمىشلارغا ئىشتىراك قىلغانلىقىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان ھەمدە ئۇنى چەكلەيدىغان دۆلەت مېخانىزىمى بولمايدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ دۆلەتنىڭ قىرغىنچىلىقى داۋام قىلىۋېرىدۇ. نورمالدا قىرغىنچىلىق بىر كېچىدىلا ئوتتۇرىغا چىقىپ قالمايدۇ. ئۇ پىلانلاش، تەييارلىق كۆرۈش ۋە تاشقى دۇنيا بىر كۆزىنى قىسىۋالغاندا ئىجرا بولۇش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. شۇڭا بۇ خىل قىرغىنچىلىق ھەقىقى يوسۇندا ئەمەلگە ئېشىپ بولغۇچە، ئۇنى ئەمەلىي ھەركەت قوللىنىپ توختىتىۋېلىشىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇكەممەل بولغان كۆزىتىش مېخانىزىمىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىشىمىز، رېئاللىقىنى تەھلىل قىلىشىمىز ھەمدە توختىتىشقا كۈچ چىقىرىشىمىز بەكمۇ زۆرۈر.» 

يېۋېلىنا خانىم ئالاھىدە دىققەت قىلغان بىر نۇقتا ھازىرغىچە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقلاردا ھەرقاچان بۇنىڭغا قارشى تۈرلۈك شوئارلار ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرقى ھېساپتا قىرغىنچىلىقنى توسۇپ قالالمىغان. يەنە كېلىپ قىرغىنچىلىقنى ئىجرا قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارادىكى مەنپەئەتلەر توقۇنۇشىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىۋېلىشى قىرغىنچىلىقنى چەكلەشكە كاشىلا قىلىپ كەلگەن. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقتا بولسا خىتاينىڭ دۇنياۋىي سەۋىيەدە ئورتاق قارشىلىققا دۇچ كېلىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆزگىچە بولغان پايدىلىق خەلقئارا مەيدان ھازىرلاش رولىنى ئوينايدىكەن. ئەمما بۇنىڭدىن قايسى دەرىجىدە پايدىلىنىش يەنىلا ھازىرقى خەلقئارا جەمىيەت ئۈچۈن بىر سىناق ھېساپلىنىدىكەن. 

«ھازىرغا قەدەر كۆپ قېتىملىق قىرغىنچىلىقنى توسۇپ قېلىشقا ئاجىز كېلىشىمىزنىڭ سەۋەبى ئاشۇ قىرغىنچىلىقنىڭ دەسلىپىدە ئۇنىڭغا بىۋاستە قول تىقالايدىغان بىر كۈچلۈك مېخانىزىمنىڭ بولماسلىقىدۇر. ھازىر بىز كۆرۈۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىمۇ شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. ھازىر بۇنىڭغا ئارىلىشىشنىڭ دەل ۋاقتى بولۇۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ھەمدە زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان بىر مېخانىزىم ۋۇجۇتقا كەلمەيۋاتىدۇ. دەرۋەقە، بۇنىڭدا سىياسىي مەنپەئەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ھەممىنى بەلگىلەپ كېتىۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ بۇنىڭدا مەسئۇلىيەت ھەمدە مەنپەئەتلەر بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن بولغاچقا قىرغىنچىلىقنى توختىتىمىز، دېگەنلەرگە كۆپلىگەن توسقۇنلۇقلارنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇنىڭدا بىز بارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ قىرغىنچىلىققا قارشى شوئار توۋلاش بىلەنلا چەكلىنىپ قالساق، قىرغىنچىلىقنى توختىتىشتىكى زورلۇق مېخانىزىمىنى ھاسىل قىلالمىساق ئۇ ھالدا بۇ قىرغىنچىلىق يەنە بىر قېتىم كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ب د ت نىڭ قىرغىنچىلىققا قارشى ئەھدىنامىلىرىدە ‹قىرغىنچىلىققا دائىر تۇنجى دەلىل-ئىسپات بايقالغان كۈنى ئۇنىڭغا قارشى ئەمەلىي ھەركەتمۇ باشلىنىشى لازىم› دەپ كۆرسىتىلگەن. شۇڭا ھازىرقى قىرغىنچىلىققا قارىتا تاشقى دۇنيا قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ ئەمەلىي ھەركەتكە ئۆتمىسە، بىر باسقۇچقا كېلىپ قالدى. خەلقئارادا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئورتاق سادا چىقىشقا باشلىغان مۇشۇ پەيتتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەمەلىي ھەركەتكە ئۆتمىسەك بۇ كېيىنچە مۈمكىن بولماي قالىدۇ.» 

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە يېۋېلىنا ئوچاب ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى قىرغىنچىلىق ھادىسىسى ھەققىدە مەخسۇس ئەسەر يېزىۋاتقان بولۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتە ئازراق بولسىمۇ ئىنسانىي بۇرچىنى ئادا قىلىش ئارزۇسىدا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.