«كۈلكىلىك ئويۇن» ناملىق ماقالە خىتاينىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاشكارىلىدى

0:00 / 0:00

«جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «كۈلكىلىك ئويۇن» ناملىق ماقالە خىتاينىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ بەردى.

17-فېۋرال كۈنى گېرمانىيەدىكى ئەڭ مەشھۇر گېزىتلەردىن بىرى بولغان «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» دە «قاراقاش ھۆججەتلىرى» ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان «ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن نېمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟» ناملىق زور ھەجىملىك ماقالە ئېلان قىلىنىش بىلەن بىرگە «كۈلكىلىك ئويۇن» ناملىق يەنە بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان.

فرېدېرىك ئوبېرمايار ۋە كىرىستوف گىسېننىڭ ئاپتورلۇقىدىكى بۇ ماقالىغا «كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ رەھبەرلىرى شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىنى جۇلالاندۇرۇپ كۆرسەتمەكتە. ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمغا ئائىت مەلۇماتلارنى يالغانغا چىقارماقتا ۋە رەت قىلماقتا،» دېگەن جۈملە سۆز بېشى قىلىنغان.

ماقالە مۇنداق باشلىنىدۇ: «بىر قانچە يىل ئىلگىرى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى قىرغىزىستان چېگراسىغا يىراق بولمىغان بىر جايدا گۈزەل نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن، كۆزلەرنى قاماشتۇرىدىغان قۇببىلىك بىر مەسچىت بار ئىدى. رايوندىكى باشقا جايلاردا بولغانغا ئوخشاش بۇ مەسچىتمۇ چېقىپ تاشلانغان. مەسچىت پۈتۈنلەي يوقىتىۋېتىلمىگەن، بەلكى چېركاۋغا ئوخشايدىغان كىچىك بىر كەپە شەكلىدە قايتىدىن سېلىنىپ، سودا دۇكانلىرى ئارىسىغا كۆمۈلۈپ قالغان.

بۇ بىرقانچە ھەپتە ئىلگىرى شىنجاڭغا بېرىپ كەلگەن بىر غەربلىك دىپلوماتنىڭ بايانى. ئۇ مەسچىت ئىمامىدىن بۇ مەسچىتكە نېمە بولغانلىقىنى سورايدۇ. ئىمام قول تېلېفونىدىكى چېقىلغان مەسچىتنىڭ سۈرىتىنى دىپلوماتقا كۆرسىتىپ تۇرۇپ: ‹كۆردىڭىزمۇ، ھەممە ئىش جايىدا› دەيدۇ ۋە بۇ سۈرەتنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى ‹جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى› نىڭ مۇخبىرىغا كۆرسەتمەيدۇ.»

يۇقىرىقى ئابزاسلار بىلەن باشلانغان «كۈلكىلىك ئويۇن» ناملىق بۇ ماقالىدە «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى›، NDR ۋە WDR تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ «قاراقاش ھۆججەتلىرى» نى 11 ئايدىن بۇيان بىرلەشمە تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا خىتاي تەشۋىق قىلىۋاتقاندەك ھېچكىمنىڭ ئۆز مەيلى بىلەن كىرمىگەنلىكى، بەلكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرنى ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا مەجبۇرىي سولىۋالغانلىقىنى دەلىللەپ چىققانلىقى قەيت قىلىنىدۇ.

ماقالىدا 2019-يىلى 12-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ بېيجىڭدا چاقىرىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالغانلىقى ئەسكەرتىلىپ «ئۇنداقتا لاگېرلار بوشىغان بولۇشى، شىنجاڭنىڭ كوچىلىرىدا يۈرگەن كۆپلىگەن ياش ئۇيغۇرلارنى كۆرگىلى بولۇشى كېرەك ئىدى، خۇددى بۇندىن 3 يىل ئىلگىرىكىدەك. ئەمما ھېچكىم يوق،» دېگەنلەر تىلغا ئېلىنىدۇ.

ماقالىنىڭ مەركىزى ئىدىيەسى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە خىتاينىڭ كۈلكىلىك بىر ئويۇن ئويناۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ 14-فېۋرال كۈنى ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى «100 پىرسەنت ئىغۋا، ساختا خەۋەر» دېگەن بايانىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ بېرىشكە قارىتىلغان.

ماقالىدا يېزىلىشىچە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خايكو ماس ھەمراھ بولغان بۇ سورۇندا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا سورالغان سوئالغا ۋاڭ يى مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «1 مىليون ئۇيغۇر لاگېرغا قامالدى دېگەن گەپ 100 پىرسەنت ئىغۋا، يالغان خەۋەر. بەزى ئادەملەر جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا قارا سۈرتۈشنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. سىز ئۆزىڭىز شىنجاڭغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى ھەقىقىي مەنزىرىنى كۆرۈڭ. شۇندىلا سىز ئۇ يەردە نېمىلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلەلەيسىز.»

ۋاڭ يى سۆزىدە يەنە «شىنجاڭدا لاگېر يوق. بېسىم يوق. ئاز سانلىق ھەر مىللەت مۇسۇلمان خەلقى كۆڭۈللۈك ۋە خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ،» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان. ئەمما ماقالىدا ۋاڭ يى كەبى خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ بۇنداق ئويۇنلىرىنىڭ گويا تىياتىرغا ئوخشايدىغانلىقى، ھېچقانداق بىر مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالمايدىغانلىقى، خۇددى بۇندىن بىر يېرىم يىل ئىلگىرى بولغىنىدەك، ئۇ يەرگە بارسا خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ 5 مېتىرچە ئارىلىق قالدۇرۇپ ھەممە يەردە تىمىسقىلاپ ئەگىشىپ يۈرىدىغانلىقى، لاگېرلارغا يېقىنلىشاي دەپ قالغاندا توساتتىن يول توسۇلۇپ قېلىپ تاكسىچىنىڭ ئارقىغا قايتىدىغانلىقى، لاگېرنىڭ دەرۋازىسىدىن مەڭگۈ كىرگىلى بولمايدىغانلىقى بايان قىلىنىپ، ۋاڭ يىنىڭ «بېرىپ ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈپ كېلىڭ» دېگەن گەپلىرىنىڭ تامامەن ساختالىقى ئېچىپ بېرىلىدۇ ھەمدە خىتاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مىنۇتقىچە يالغاندا چىڭ تۇرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىدۇ.

د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندى بۇ توغرىسىدا قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

ۋاڭ يى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە يەنە «مەن سىزگە يەنە بىر ساننى دەپ بېرەي: شىناڭدا 25 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت بار. ھەر 530 كىشىگە بىردىن توغرا كېلىدۇ. ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تولۇق كاپالەتكە ئىگە،» دېگەن. ماقالىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى چېقىلغان مەسچىتلەر، ئادەمسىز چۆلدەرەپ قالغان ياكى ساياھەت مۇزېيىغا ئايلىنىپ قالغان مەسچىتلەرنىڭ ۋاڭ يىنىڭ سۆزىنى تامامەن ئىنكار قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

«شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ۋاڭ يىنىڭ ساختا سۆزلىرىگە قارىتا ئۆز رەددىيەلىرىنى بايان قىلدى.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ساختىكارلىقى شىۋېتسارىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «يېڭى زۈرىكلىكلەر گېزىتى» دا 18-فېۋرال ئېلان قىلىنغان «يېڭى ھۆججەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان مەقسەتلىك باستۇرۇشلىرىنى ئىسپاتلاپ بەردى» ناملىق ماقالىسىدىمۇ بايان قىلىنغان.

ماقالىدە ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا تۇتۇپ سولاشنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ھېچقانچە كۈچ تەلەپ قىلمايدىغانلىقى، ئىنتېرنېتنى خاتا ئىشلىتىپ سالغان، چەتئەلدە تۇغقىنى بولغان، ياغلىق چەككەن ياكى ساقال قويغان ئادەملەرنىڭمۇ خالىغانچە تۇتۇلۇپ كېتىلىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى 1949-يىلى بېسىۋالغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكى، خىتاينىڭ رەت قىلىشى ۋە ئىنكار قىلىشىغا قارىماي بۈگۈنكى كۈنلۈكتە 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرغا سولىۋالغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەرنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىدۇ.