ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن ئۈستۈن قويۇش قەدىمىنى باسقان
2023.04.21
ئامېرىكا ئۆتكەن ئەسىردە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەھدىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە خىتاينى دېموكراتىك دۆلەتلەر سېپىگە قېتىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، خىتايغا تېخنىكا ۋە سودا جەھەتتە كۆپلىگەن ياردەملەرنى بەرگەنىدى. بۇ ياردەم تاكى سابىق پرېزىدېنت دونالد ترامپ دەۋرىگىچە داۋام قىلدى، ئامېرىكادىن ئىزچىل نەپ ئېلىپ كېلىۋاتقان خىتاي، ترامپنىڭ چېگرا بېجىنى ئۆستۈرۈش تەدبىرىنى «خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش» دەپ چۈشەندى ۋە دەرھال ئامېرىكادىن ئىنتىقام ئېلىشنىڭ كويىغا كىردى. ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭ تەخت بېشىغا چىققاندىن باشلاپ، ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشىش يولىغا قاراپ ماڭغان بولۇپ، «ئامېرىكا چۈشى» گە قارشى «خىتاي چۈشى» نى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە «ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسى چۆكتى، خىتاي باشچىلىقىدىكى شەرق دۇنياسى يۈكسەلدى» دېگەن ئىدىيەنى بازارغا سالغانىدى. خىتاينىڭ ئامېرىكادىن قالسا 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇشىغا ئەگىشىپ كۈچىيىۋاتقان ھەربىي تەھدىتى، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، غەرب دۇنياسىغا قارشى ھالدا رۇسىيە بىلەن بىرلىشىشى ئامېرىكانى خىتايدىن ھۇشيار بولۇشقا ۋە خىتاي سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىماقتا ئىكەن.
جوۋ بايدېن ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىشىغا چەكلىمە قويۇشتا چوڭ بىر قەدەم ئالغان بولۇپ، ئامېرىكانىڭ تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە يېتەكچىلىك ئورنىنى ساقلاش ۋە ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىشىنى باشقۇرۇش نىزامنامىسىنى ئېلان قىلىدىكەن. بۇ نىزامنامىنىڭ تەپسىلاتى تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدە خىتايغا مەبلەغ سېلىشقا چەكلىمە قويىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.
ئالىي تەتقىقاتچى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى جېففىرىي كەيىن (Geoffrey Cain) خىتايغا مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش قەدىمىنىڭ خېلى بۇرۇنلا بېسىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن كىشىلەر بۇ باسقۇچتىن كېيىنكى نىشاننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشكە قىزىقىدۇ. چۈنكى مەقسەت-نىشان كۆپ بولۇپ كەتتى. 2019-يىلىلا ترامپ ھۆكۈمىتى خىتايغا چەكلىمە قويۇشنى باشلىغان. ئۆتكەن يىل 10-ئايدىمۇ بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساش ئىقتىدارى، يەنى يېرىم ئۆتكۈزگۈچنىڭ تەركىۋى قىسمى بولغان ھالقىلىق خام ئەشيا ۋە ئۆزەك ياساش ئۈسكۈنىسىگە چەكلىمە قويدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل ۋە ھەربىي قوراللارغا ئىشلىتىدىغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساش ۋە لايىھەلەش ھەرىكىتىنى توسۇش».
4-ئاينىڭ 18-كۈنى «سىياسەتچى» تورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، يىللاردىن بۇيان جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتى خىتايغا ئىقتىسادىي چەكلىمە قويۇشتا ئېھتىياتچانلىق قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ تېخنىكا ۋە ھەربىي كۈچ جەھەتتە ھەددىدىن ئېشىشىغا پۇرسەت بەرمەسلىك جەھەتتە ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئورتاق تونۇشقا كەلگەن.
ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى رايموند كو ئامېرىكانىڭ بۇ يېڭى نىزامنامىسىدىكى چەكلىمىنىڭ ئاساسەن يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىگە مەركەزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۇلار بۇ نىزام ئارقىلىق خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى چەكلىمەكچى ئەمەس، پەقەت مەلۇم ساھەدە خىتاينىڭ قىلمىشلىرىغا چەك قويماقچى. ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر مۇھىم ساھە خەۋپسىزلىككە چېتىلىدىغان ۋە ياخشى-يامان مەقسەتكە تەڭ ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكىلاردۇر. مەنچە پات يېقىندا يولغا قويۇلىدىغان بۇ سودا نىزامى ئاساسەن يۇقىرى تېخنىكىلىق مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ ساھەسىگە مەركەزلەشكەن».
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىش نىزامنامىسى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكادىكى چوڭ شىركەتلەرنى ھۆكۈمەتكە ماسلىشىپ، دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئەتىنى قوغداشقا مەجبۇرلايدىغان مەمۇرىي بۇيرۇقى بولۇپ، خىتايغا مەبلەغ سالماقچى بولغان ھەر قانداق شىركەت ئاۋۋال ئۆزىنىڭ پىلانى ۋە تىجارەت تۈرىنى ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىدىكەن، بۇ ئارقىلىق يۇقىرى تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك، ئاتوم سانائىتى، بىئو-خىمىيە قاتارلىق ھالقىلىق ساھەدە خىتاي بىلەن سودا قىلىشى چەكلىنىدىكەن.
ئەگەر ئامېرىكانىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش نىزامى پەقەت يۇقىرى تېخنىكا ساھەسى بىلەن چەكلەنسە، خىتاي بۇ تېخنىكىلارنى باشقا دۆلەتلەردىن ئېلىش ئارقىلىق ئۆز مەقسىتىگە يېتىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋالدا ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن خىتايغا مەبلەغ سېلىشنى پۈتۈنلەي چەكلىمەيدۇ ياكى رۇسىيەگە بەرگەن ئىقتىسادىي جازانى خىتايغىمۇ بەرمەيدۇ؟ رايموند كو بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدا بىر قانچە سەۋەب بار؛ ئالدى بىلەن بۇنداق قىلسا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا مەزكۇر تەشكىلاتنى قوللاۋاتقان دۆلەت. بۇ يەردە پەقەت ئامېرىكالا خىتايغا ئىقتىسادىي چەكلىمە قويۇۋاتقىنى يوق، ئۇ ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ چەكلىمىنى قويۇۋاتىدۇ. ئامېرىكانىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق نۇقتىنى تېپىشى ۋە ھەمكارلىشىشى، خىتايغا بىۋاسىتە كەڭ دائىرىلىك ئىمبارگو قويغىنىدىن ياخشى».
4-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئامېرىكانىڭ مالىيە مىنىستىرى جانېت يېللېن (Janet Yellen) ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتىدە زور بۇرۇلۇش بولىدىغانلىقىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى ئىقتىسادىي مەسىلىدىنمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جانېت يېلېننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، ساغلام ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورنىتىش، دۇنياۋى مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت ئۈچ نىشاننى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئامېرىكا يەنە خىتاي ئارمىيىسىگە ياردەم بېرەلەيدىغان تېخنىكىلارنى ئاساس قىلىپ، خۇسۇسىي پاي ھوقۇقى ۋە تەۋەككۈل مەبلىغىنىڭ خىتايغا كېتىپ قېلىشىنى چەكلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇلتۇر بىر قىسىم ئىلغار يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە ئۆزەك ياساش ئۈسكۈنىلىرىنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىگەن، بەزى تەھلىلچىلەر بۇ تەدبىرنىڭ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئازايتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
يېلېن جېنېت يەنە ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە يەنىلا خىتاي بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغانلىقىنى، ئەمما ساغلام رىقابەتنىڭ ئالدىنقى شەرت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
تەتقىقاتچى جېففىرىي كەيىن نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ بەزى ساھەدە خىتايغا مەبلەغ سېلىشىغا چەكلىمە قويۇش بىلەن خىتاينىڭ ئامېرىكاغا مەبلەغ سېلىشىغا چەكلىمە قويۇشنىڭ پاراللېل كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ھازىرقى مەسىلە شۇكى، ئامېرىكانىڭ مىڭ جاپادا تاپقان پۇللىرى خىتايغا ئېقىۋاتىدۇ. بىراق خىتاي بۇ پۇلنى يېڭى تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىۋاتىدۇ. يەنى مەبلەغنىڭ ئېقىشى ئامېرىكادىن خىتايغىلا بولۇۋاتىدۇ. بۇنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئامېرىكاغا مەبلەغ سېلىشىغىمۇ يول قويۇلمايدۇ. ئامېرىكا ئۆز كاپىتالىنى چەكلەشكە مۇھتاج.»
ئامېرىكا دۆلەت خەپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى جېك ساللىۋان (Jake Sullivan) ئامېرىكانىڭ گەرچە خىتايدىن پۈتۈنلەي ئايرىلمىسىمۇ، يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدىكى رىقابەت ئۈستۈنلۈكىنى ساقلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىز چوقۇم يېرىم ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىق ئىلغار تېخنىكا سەھەسىدىكى يېتەكچى ئورنىمىزنى ساقلىشىمىز كېرەك» دېگەن ھەمدە ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكىنىڭ بۇ يىل 10-ئايدا يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، خىتاينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ساھەسىدىكى تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى پەرزىنى ئوتتۇرىغا قويغان.