يىمىرىلىۋاتقان «دوستلۇق» : ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى يۈزلىنىشلەر

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.04.22
yawropa-ittipaqi-Ursula-von-der-Leyen-1 ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا لايىن (Ursula Leyen) ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن، رۇسىيەدىن كۆمۈر ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش يىغىنىدا سوز قىلماقتا. 2022-يىلى 5-ئاپرېل،
AP

ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى دۈشمەنلىك نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن زىچ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە بولۇپ كېلىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگىمۇ تېگىشلىك سايە تاشلاۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى سۈپىتىدە دۇنياغا يېيىلىۋاتقان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردىكى تەسىرى ياۋروپادىمۇ خېلى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىدى. ئەمما رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى چۆرىدىگەن ھالدا دۇنيا ۋەزىيىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان يېڭى ئۆزگىرىشلەر ھەمدە دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىلگىرىكى دوستلۇقىنىڭ چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈشكە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى.

«گاس قۇلاقلار»

دۇنيا ۋەزىيىتىدە تېزدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بىر قاتار جىددىي مەسىلىلەرنى ھەمدە پىكىر ئىختىلاپلىرىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن 1-ئاپرېلدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر مەجلىسى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان يىرىكلىشىشنى دەسلەپكى قەدەمدە دۇنياغا نامايان قىلدى. ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ تور مەجلىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خىتاي رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ھەمدە كەلگۈسىدىكى مۇناسىۋىتىگە دائىر مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشنى ئالدىن بېكىتكەن بولسىمۇ، ئەمما مەجلىس نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ قېتىملىق مەجلىس ھەمدە ئۇنىڭ نەتىجىسى ھەققىدىكى كۆپلىگەن ئوبزور ۋە مۇلاھىزىلەرنى ئېلان قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا لايىن (Ursula Leyen) ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن، رۇسىيەدىن كۆمۈر ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش يىغىنىدا سوز قىلماقتا. 2022-يىلى 5-ئاپرېل،

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل باش ئەمەلدارى جوسېپ بوررېل (Josep Borrell) مەجلىستىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇزاكىرە باسقۇچىدا ئۇكرائىنادىكى ۋەزىيەت ھەققىدە سۆز قىلىشنى قەتئىي خالىمىغانلىقىنى تەنقىدلەپ: «بۇ قېتىمقى مەجلىس راستىنى ئېيتقاندا، گاسلارنىڭ بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشى بولدى» دەپ كۆرسەتتى. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى بىئارام قىلىدىغان توقۇنۇش ھەققىدىكى گەپ-سۆزلەرگە قارىتا قۇلاقلىرىنى يوپۇرۇپ، كۆزلىرىنى يۇمۇۋالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان دەزلەرنىڭ نۆۋەتتە بارغانسېرى زورىيىۋاتقانلىقىمۇ دۇنياغا مەلۇم بولۇشقا باشلىدى.

خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ئەڭ مەركەزلىك تېمىدا سۆز قىلىشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا لايىن (Ursula Leyen) نىڭ رۇسىيەگە ئىمبارگو ئېلان قىلغان دۆلەتلەر ھەققىدىكى سۆزلىرىدىمۇ ئالاھىدە ئەكس ئەتتى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «نۆۋەتتە بۇ ئىمبارگو تەدبىرلىرىگە ئاۋاز قوشقان دۆلەتلەر 40 تىن ئاشتى. خىتاي بىزنىڭ بۇ ئىمبارگو چارىلىرىمىزگە قوشۇلمىغان تەقدىردىمۇ ھېچبولمىغاندا بۇنىڭغا قارشى تۇرماسلىقى كېرەك. ئەگەر خىتاي داۋاملىق ھالدا موسكۋانى ھەربىي جەھەتتىن قوللىسا خىتاينىڭ يۈز-ئابروىي ئېغىر زەخمىگە دۇچ كېلىدۇ» دېگەن سۆزلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى مەيدانىنى ئەڭ روشەن ئىپادە قىلغان ئەڭ يېڭى بايانات بولۇپ قالدى.

بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، «كارنىگىي (Carnegie) خەلقئارا تىنچلىقنى ئالغا سۈرۈش فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى فىلىپ لې كوررې (Philippe Le Corre) بۇنىڭدىكى كۆپ قىرلىق رېئاللىق ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «دەرۋەقە، بۇ قېتىمقى ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنى ھەمدە بۇنىڭدا ھېچقانداق بىر ئىلگىرىلەشنىڭ بولمىغانلىقى ھەققىدە بەك جىق گەپلەر بولۇندى. مەنمۇ بۇ قېتىمقى يىغىننى بەكلا ئەھمىيەتسىز بولدى، دەپ قارايمەن. چۈنكى ياۋروپا دۆلەتلىرى يىغىندا ئۇكرائىنا ھەققىدىكى مەسىلىلەرنى سۆزلىشىشكە تىرىشقان بولسا خىتاي تامامەن باشقا تېمىلاردا گەپ يورغىلاتتى. يىغىندىن كېيىن ئۇرسۇلا لايىنمۇ ئېنىق قىلىپ ‹بۇندىن كېيىن بۇ سودا ئالاقىسىنى داۋام قىلدۇرۇشقا بولمايدۇ› دېدى. خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى مەيدانىنىڭ ئۆزىلا ئۇلارنىڭ كىم بىلەن بىر سەپتە تۇرىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. يەنە بىر ياقتىن ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ھەققىدىكى چۈشەنچىسى شىنجاڭ رايونىدىكى دەپسەندىچىلىك ۋە زۇلۇملار تۈپەيلىدىن ھازىر جىق ئۆزگىرىپ كەتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىر يىغىلىپ ياۋروپانىڭ خىتاي ھەققىدىكى سەلبىي چۈشەنچىسىنى پەيدا قىلىۋاتقان مۇھىم مەزمۇنلار بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. شۇڭا ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە ھەمدە خىتاي بىلەن بولىدىغان ئالاقىدە ئ‍ۆزىگە خاس مۇستەقىل سىياسەتكە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى. ئەمما مېنىڭچە خىتاي ياۋروپانىڭ ئەھۋالىنى پۈتۈنلەي خاتا مۆلچەرلەۋاتىدۇ.»

«ياپونىيە ئىقتىساد ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولىدىغان كۈندىلىك سودا پائالىيىتى 330 مىليون ياۋرو قىممىتىدە بولۇپ، روسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كۈندىلىك سودا قىممىتىنىڭ يۈز ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنى بىۋاستە ھەربىي ياكى ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىن ئەتمىگەن بولسىمۇ يەنە بىر ياقتىن ئۇكرائىناغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش بىلەن بىرگە روسىيە بىلەن بولغان ئېنېرگىيە، بىخەتەرلىك ۋە سودا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە زېھىن قويماقتا ئىكەن. بۇ ھال خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى تور مەجلىسىدە ئېيتقان «بىز يەنىلا مەسىلىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمىز. روسىيەنىڭ قانۇنلۇق بولغان بىخەتەرلىك ئەندىشىسىگە ھۆرمەت قىلىشنى ئەستايىدىل ئويلاشماي بولمايدۇ» دېگەندەك ئاقماس گەپلىرىدىمۇ ئەكس ئېتىدىكەن. بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇرۇشقا بولغان مەۋقەسىنىڭ يەنىلا روسىيە بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ۋاستىلىك ھالدا كۆرسىتىدىغان بولۇپ، روسىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ توقۇنۇشتا خىتاينىڭ روسىيەگە مايىل ئىكەنلىكى مانا مەن دەپلا ئاشكارا بولماقتا ئىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ ئەشەددى دۈشمىنىگە بۇنچە ئاشكارە مايىللىق بولۇش ئېنىقلا خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بۇزىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىكەن.

سىياسىي پىكىرلەردىكى ئىختىلاپلارنىڭ كۈچىيىشى

بۇ ھەقتىكى ئوبزورلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن ئون نەچچە يىل مابەينىدە ياۋروپا ئىتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتى گېرمانىيە، فرانسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق غوللۇق دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ساھەدىكى ھەمكارلىىشىش مۇناسىۋىتىنى بويلاپ شاخلىغان. ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەمدە خوڭكوڭ مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشتۇمزورلۇق سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشى قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ھەققىدىكى سىياسىي كۆزقاراشلىرىدا يېقىنقى مەزگىللەردە زور ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلگەن. شۇنىڭدەك بۇ تۈپەيلىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا راۋرۇس پىكىر ئىختىلاپلىرى پەيدا بولغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا لىتۋا ھۆكۈمىتى تەيۋەن بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتكەندە خىتاينىڭ لىتۋاغا ئۆكتەملىك قىلىشى، ياۋروپا پارلامېنتېنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىغا خىتاينىڭ جازا ئېلان قىلىشى، بىر قىسىم ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى سودا پائالىيەتلىرىنىڭ ئوخشىمىغان چەكلىمىلەرگە ئۇچرىشىمۇ بۇ خىل يىرىكلىشىشكە مەيدان ھازىرلىغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا فىلىپ لې كوررې نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇپ بولغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭدا يەنىلا بەزى مۇرەسسە ئامىللىرىنىڭمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

«بىز دەپ كېلىۋاتقان ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش بۇ ئۇنداق ئاددىي ۋە كىچىك ۋەقە ئەمەس. بۇ بەك مۇھىم ھادىسە ئىدى. ئەمما خىتاي يەنىلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ روسىيەگە جازا ئېلان قىلىشى ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئالىقاچان ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتايغا قارشى مەيدانغا ئىتتىرىپ بولدى. گەرچە ھازىر ئىككى تەرەپ سۆھبەتلىشىپ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت بولسىمۇ مېنىڭچە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ھازىرچە تېخى ئادا-جۇدا بولۇش دەرىجىسىگە باردى، دېگىلى بولمايدۇ. بۇنى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى سەۋىيىسىگىمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئەمما ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ئالاقىدە ئەھۋال ئەمدى ئىلگىرىكىدەك ‹دائىملىق سودا ئالاقىسىدا بولۇش› دەرىجىسىدە بولماسلىقى مۇمكىن. ياۋروپا ئەللىرى خىتاينىڭ ۋابا مەزگىلىدىكى ئىشلارنى بىر ياقلىق قىلىش ئۇسۇلىدىنمۇ ئېغىر نارازى بولۇۋاتىدۇ. خىتاي بولسا يېقىندىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ھەققىدىكى كېلىشىم ماددىلىرىغا بويسۇنۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىۋاتىدۇ. ئەمدى گەپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزلىرى ئەگىشىۋاتقان قىممەت قارىشى ۋە تۈپ پىرىنسىپلارغا قانچىلىك مۇستەھكەم ئەگىشەلىشىدە قالدى. پىرىنسىپاللىق دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق كېلىشىملەرنى قايتىدىن تەڭشىمەكچى بولۇۋاتىدۇ.»

فىلىپ لې كوررېنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇ قەدەر يىرىكلىشىپ مېڭىشىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ياۋروپاغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىشىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان. بولۇپمۇ خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا ياۋروپادىكى سودا پائالىيەتلىرىدە ھەمكارلىق ۋە مۇرەسسەنى ئىنكار قىلىش مەۋقەسىدە ئىش كۆرۈشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «خىتاي كەلگۈسىدە تېخنولوگىيەلىك رەھبەرلىكنى ئىستىگۈچى رىقابەتچى ۋە باشقىچە شەكىلدىكى ھۆكۈمەت مودېلىنى تەشۋىق قىلغۇچى سىستېمىلىق رەقىب» دەپ خۇلاسە چىقىرىشىغا سەۋەب بولغان. 2021-يىلى ماي ئېيىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى توڭلىتىپ قويۇشى بولسا ئەنە شۇ خىل ئەندىشىلەرنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدىكى ئىپادىلىنىشى شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان.

خىتاينىڭ مەيدانى

مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئورتاق قارىشىچە، نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇشقا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقى خىتاي ئۈچۈنمۇ سىر ئەمەس ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ ياۋروپانى يامانلىشى ھەرقاچان ئۇلارنىڭ ئامېرىكا دۈشمەنلىكى قارىشى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن ھالدا ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن.

«ئاسىيا سىياسىتى» گېزىتىنىڭ 19-ئاپرېلدىكى ئوبزور ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، لاتۋىيەدىكى رىگا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئۇنا ئالېكساندېرا (Una Aleksandra) بۇ مەسىلىدە خىتاينىڭ ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بىر تاياقتا ھەيدەۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە زور دەرىجىدە ئامېرىكىغا تايىنىدىغان بولۇپ، خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنى «ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئىستراتېگىيەسى يوق. شۇڭا ئۇلار NATO ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تايىنىدۇ» دەپ قارايدىكەن. ئەمما رېئاللىقتا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشقا قاراپ مېڭىشى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىغا ئەگەشگەنلىك ئەمەس، ئەكسىچە خىتاينىڭ ئۆزى پەيدا قىلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەمدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا خىتاينىڭ تۇتقان مەيدانى قاتارلىق سەۋەبلەردىن بولغان ئىكەن.

يەنە بىر ياقتىن خىتاي ئۈچۈن ئالغاندا ياۋروپا ئىتتىپاقى چەتئەل مەبلىغىنى ئېلىپ كىرىش ۋە توۋار ئېكىسپورت قىلىشتىكى بەك چوڭ مەنبە ھېساپلىنىدىكەن. شۇنداق بولغانىكەن، مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشنىڭ كويىدا بولۇۋاتقان خىتاينىڭ بۇنداق چوڭ مەنبە بىلەن ئالدىراپ ئەشەددىي رەقىبلەردىن بولۇپ كېتىشىمۇ ئېھتىمالدىن يىراق ئىكەن. ئوبزوردا ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كومىتېتى قارمىقىدىكى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى جانكا ئورتېل (Janka Oertel) نىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل ئېلىنىپ «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كەلگۈسىدە قانداق بولۇشى خىتاينىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشقا قانداق مەيدان تۇتۇشى بىلەن زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك، دېيىلىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە روسىيەگە قارىتىلغان تۈرلۈك ئىمبارگو چارىلىرىگە قارشى تۇرىۋاتقان بولۇپ، ئ‍ۇلارنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە بۇ مەسىلىدە روسىيەگە قارشى چىقىشى ئېھتىمالدىن بەكلا يىراق ئىكەن. خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى جاھىللىقىغا قارىتا كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر «خىتاي بۇنى داۋام قىلدۇرىۋەرسە چوقۇم بۇرنىغا يەيدۇ» دەپ قارىماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.