خۇدسون ئىنستىتۇتى: «خىتاي دۇنيادىكى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە خىرىس قىلماقتا!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.10.25
xudson-uyghur-mesilisi-yighin.jpg خۇدسون ئىنستىتۇتى خىتاينىڭ مۇستەبىتلىك ۋە مۇشتۇمزورلۇق خاراكتېرىدىكى سىستېمىسىنى كېڭەيتمەكچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇيۇشتۇرغان مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 24-ئۆكتەبىر، ۋاشىنگتون.
RFA/Eziz

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بارلىق چوڭ ھوقۇقلارنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرگەندىن كېيىن خىتاي دۆلىتىنىڭ تەسىرىنى تاشقى دۇنياغا كېڭەيتىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتە غايەت زور دەسمايە سەرپ قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن بىراقلا زور ئىمتىيازلارغا ۋە ھوقۇقلارغا ئىگە بولۇشقا باشلىغان.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ بىۋاسىتە «قوماندانلىقى» دا خىتاينىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە سودا ساھەسىنى نىشان قىلغان ھالدا غەرب دۇنياسىغا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىشى تېزدىن ئىشقا ئېشىشقا باشلىغان. دەل مۇشۇ مەسىلىلەرنىڭ بۈگۈنكى ئەركىن دۇنيا ئۈچۈن قانداق زور تەھدىت ۋە خەتەرلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «خۇدسون ئاقىللار مەركىزى» بىلەن «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ ئورتاق ساھىبخانىلىقىدا 24-ئۆكتەبىر كۈنى «خىتاينىڭ دۇنياۋى مىقياستا دېموكراتىك ئەركىنلىككە خىرىس قىلىشى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.

مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئالدى بىلەن خۇدسون ئاقىللار مەركىزىنىڭ رەئىسى، شۇنىڭدەك ئامېرىكا رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش مۇدىرىيەت ھەيئەت گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى كېننېس ۋېينستېن ۋە ئەركىنلىك سارىيىنىڭ رەئىسى مايكىل ئابراموۋىز ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى. بولۇپمۇ رەئىس كېننېس ۋېينستېن ئۆز سۆزىدە بىرنەچچە ھەپتە ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنسنىڭ دەل مۇشۇ مەركەزدە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە سۆز قىلغانلىقىنى، شۇ ۋاقىتتا خىتاينىڭ دېموكراتىك دۇنياغا قانداق تەھدىتلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ سايلام ئىشلىرىغىچە قول تىقىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى. شۇنىڭدەك يېقىندىن بۇيان خۇدسون مەركىزىدىكى بىر قىسىم خادىملارنىڭ خىتاي ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى جەريانىدا بۇ ھادىسىلەرنىڭ كۆپلەپ ئاشكارا بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەچ، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ ھادىسىلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان بىر مىليون كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى مەلۇم بولۇۋاتقانلىقى، بۇنىڭ بولسا ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدىكى ئەڭ زور پاجىئەلەردىن بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە يېقىندا دەل مۇشۇ مەركەزدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى روشەن ئابباسنىڭ ھاممىسى ۋە ھەدىسىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋەردار بولغانلىقىنى، روشەن ئابباسنىڭ ئامېرىكىدىكى ئىنسان ھەقلىرى پائالىيىتى ئۈچۈن بۇ خىل قۇربان بېرىشلەرگە دۇچ كېلىشتەك پاجىئەدىن خىتاينىڭ دۇنياغا قانداق مۈشكۈلاتلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن بىرىنچى باسقۇچلۇق مۇھاكىمە باشلاندى. رىياسەتچى كارولىين بارسولومېۋ ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ خىتاينىڭ ھازىرقىدەك تاشقى دۇنياغا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىغا قاراپ چىقىش ھەمدە بۇنىڭغا قارشى نېمىلەرنى قىلىش مۇمكىنلىكى ھەققىدە توختالدى.

شۇنىڭدىن كېيىن بۇ باسقۇچتىكى مۇتەخەسسىسلەر ئاساسلىقى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قۇدرەت تاپقاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا روياپقا چىققاندەك ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەگە مېڭىشنىڭ ئورنىغا مۇستەبىتلىك ۋە دىكتاتورىلىققا يۈزلەنگەنلىكىنى، نۆۋەتتە بۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ خىتاي بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن خىتاينىڭ بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ رەھبەرلىكىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا، جۈملىدىن ياۋروپا، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ئامېرىكىدىكى خىتاي مۇھاجىرلىرىنىڭ ۋاسىتىسىدە شۇ جايلارغا «ئېكسپورت» قىلىنىۋاتقانلىقى نۇقتىلىق بايان قىلىندى.

ئىككىنچى باسقۇچلۇق مۇھاكىمە بۈگۈنكى يىغىندا ھەممىدىنمۇ بەك كىشىلەرگە يېڭىلىق بولۇپ تۇيۇلدى. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ باش ئىجرائىيە تەھرىرى باي فاڭ رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ بۆلەكتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چەتئەللەردە، بولۇپمۇ دېموكراتىك ئەللەردە سىياسىيونلارنى، سودىگەرلەرنى، ئىلىم-پەن ئورگانلىرىنى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى نىشان قىلغان ھالدا پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىندى. باي فاڭ بۇ توغرىلىق سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل «سۈزگۈچ» سېلىش ئۇسۇلىنىڭ خىتاي تەۋەسىدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ھازىر چەتئەللەرگە كېڭىيىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ تىپىك مىسالى قاتارىدا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۇلار ئىشلىگەن خەۋەرلەر ئۈچۈن لاگېرلارغا مەھكۇم بولۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

بۇ بۆلەكتىكى مۇتەخەسسىسلەردىن ئەركىنلىك سارىيىنىڭ خادىمى ساراھ كۇك، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى جوش روگىن، «خىتاي رەقەملىك ۋاقتى» تورىنىڭ ساھىبى شياۋ چياڭ قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غايەت زور مەبلەغ سەرپ قىلىپ بەدىلىگە غەرب دۇنياسىدىكى ئىدىيەۋى سىستېمىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئاقىللار ئامبىرى، ئاكادېمىيەلەر، گېزىت-ژۇرناللار ۋە باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى دېموكراتىيەگە قارشى سۆزلەش ۋە ئويلاشقا رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

چۈشلۈك تاماق ئارىلىقىدا بىز بۇ قېتىمقى مۇھاكىمىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىدىن ساراھ بىلەن سۆزلەشتۇق ھەمدە ئۇنىڭدىن نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە گەپ-سۆزلەر بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان مۇشۇ خىل دۇنياۋى خىرىس بىلەن قانداق باغلىنىشى بارلىقىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر شىنجاڭدا بولۇۋاتقان ئىشلار توغرىلىق دۇنيانىڭ ئاغزىنى ياپماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما بۇ ئىشلار ئەكسىچە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بۇ خىل قاباھەت توغرىسىدا سۆزلەشكە ئۈندەۋاتىدۇ. ھازىر خەلقئارا جامائەت، مۇخبىرلار، ئالىملار ئارقىمۇ ئارقىدىن بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى ئاشكارىلاۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خەلقئارا سىياسەتتىمۇ شۇنىڭغا ماس ئۆزگىرىشلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇنىڭ بىلەن بۇ ھال يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇزاكىرىسىگە قويۇلۇپ، بۇ ئەھۋالغا قارىتا تېگىشلىك جازا قوللىنىش تەكىتلىنىشكە باشلىدى. مەسىلەن، يېقىنقى مەزگىللەردىكى ‹يەر شارى ماگنېتىسكى قانۇنى› نى تەتبىقلاش مەسىلىسى ئەنە شۇ تەرىقىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. مۇشۇ خىل يېڭى ئەھۋاللارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا ئالدى بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقتى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ پاجىئەلىرىدىن غەرب مەتبۇئاتلىرىنى خەۋەردار قىلدى. بۇنىڭ بىلەن غەرب دۇنياسىمۇ خىتاينىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىغا سۈكۈت قىلىشنى رەت قىلىشقا باشلىدى. بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ۋىزا ئالالماسلىقتەك ئاقىۋەتكە قېلىشىنى ئېنىق بىلسىمۇ يەنىلا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قاباھەتكە قارشى سۆزلەشنى ئەلا بىلىشكە باشلىدى. بۇنىڭ ئۆزى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىشلارنى يەڭ ئىچىدىلا بىرتەرەپ قىلماقچى بولۇشىغا ۋە ئاخبارات يۈزىگە چىقارماسلىق ئۇرۇنۇشىغا قارشى تۇرۇشنىڭ بىر ئۈنۈملۈك مىسالىدۇر.»

بۈگۈنكى يىغىندا پىكىر قىلغان مۇتەخەسسىسلەردىن بېسانىي ئىبراھىميان ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان «چەتئەل سىياسىتى» ۋە «كۈندىلىك جانىۋارلار» قاتارلىق گېزىتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مۇخبىرلىرىدىن بولۇپ ئىشلەپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتە ئۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىش خاھىشىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ياكى شۇنداق بىر ھادىسىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دەل خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ سىياسەتلىرى. ئەسلىدە ئىشلار بۇ تەرىقىدە بولمىسا ياخشى بولاتتى. ئەسلىدە خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان، ئۇلار بىلەن ئىناق ياشىغىلى بولىدىغان بىر جەمئىيەت قۇرۇپ چىقالايتتى. ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا مەن خىتاي كومپارتىيەسىنى قوللىغان بولاتتىم. يەنە كېلىپ مەن شۇنداق بولسىكەن، دەپ ئۈمىد قىلغان ئىدىم. ئۇ چاغدا ئۇيغۇرلارمۇ باشقىلارغا ئوخشاش جەمئىيەتنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىناتتى. ئەمما ئىشلار ئۇنداق بولمىدى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسەتلىرىمۇ بۇنداق بولمىدى. بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ۋە چېن چۈەنگو بۇ ئىشلارنىڭ بېشىغا چىققاندىن كېيىن ئىشلار تېخىمۇ شۇنداق بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتكەن ئۈچ-تۆت يىل ئىچىدە، بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلار بىر زور تەھدىتكە دۇچ كېلىشكە باشلىدى. يەنە كېلىپ بۇ تەھدىت ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ھاياتىغا بىۋاسىتە تاقىلىۋاتىدۇ.»

يىغىننىڭ ئۈچىنچى باسقۇچلۇق بۆلىكىدە ئاساسلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» نامىدا ھەقسىز مەكتەپلەرنى كۆپلەپ ئېچىپ، ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە باشقا جايلاردىكى ئالىي مائارىپ ساھەسىنىڭ دۇنيا قارىشى، قىممەت قارىشى، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىندى. شۇنىڭدەك ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى بۇ خىل «كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى» نى تاقاش لازىملىقى تەكىتلەندى.

يىغىن ئاخىرىدا بىز بۇ باسقۇچلۇق مۇھاكىمىدە سۆز قىلغان خىتاي ئادۋوكات تېڭ بياۋنى زىيارەت قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭدىن ئامېرىكىغا كېلىپ ئالىي مەكتەپ تەربىيەسى ئالغان خىتايلارنىڭ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئورنىغا داۋاملىق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىشىنىڭ سەۋەبلەر ھەققىدە سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ مۇنداق قاراش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى:
«بۇنىڭدا كۆپلىگەن سەۋەبلەر مەۋجۇت: بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى سۆز، مەتبۇئات دېگەنلەرنى قاتتىق كونترول قىلىدۇ؛ تارىخ پۈتۈنلەي بۇرمىلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن كىشىلەر ھەقىقەتتىن خەۋەرسىز قالىدۇ. مۇشۇنداق مۇھىتتىكى مائارىپتا تەربىيەلىنىپ چىققان خىتاي ئوقۇغۇچىلار خىتاي كومپارتىيەسى خاتا چۈشەندۈرگەن ئەقىدىلەرگە ئەگىشىپ چوڭ بولىدۇ. مەسىلەن، ‹شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى›، ‹خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا شۇنچە ئېتىۋار قىلىۋاتسىمۇ ئۇيغۇرلار يەنىلا تۇزكورلۇق قىلىۋاتىدۇ›، ‹ئۇيغۇر دېگەن مۇسۇلمان، مۇسۇلمان دېگەن تېررورچى› دېگەندەك مەزمۇنلار ھەرقاچان خىتاينىڭ مائارىپىدا ۋە ئۇلارنىڭ ئاخباراتىدا تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ. مۇشۇنداق ئىدىيەدە ئون نەچچە يىللاپ تەربىيەلەنگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ خىل خاتا قاراشلاردىن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە خالاس بولۇپ كېتىشى قىيىن. ئۇلارنىڭ كاللىسىدا ‹بۈيۈك بىرلىك›، مۇسۇلمانلارنى ياكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىش تۇيغۇسى دېگەنلەر بەكمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن بولغاچقا بۇنىڭدىن دەماللىققا قۇتۇلۇپ، ھەقىقەتنى تېپىپ بولالمايدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، خۇدسون ئاقىللار مەركىزىدە ئېچىلغان بۇ خىل يىغىنلاردا ھەرقاچان خەلقئارا سىياسەت، ئىنسان ھەقلىرى، دۇنياۋى تەرەققىيات قاتارلىق چوڭ مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ يۇقىرى قاتلام ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىش رولى بار ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.