«‹قەغەز يولۋاس› بىلەن ‹جانان ئەجدىھا› نىڭ دۇنياۋى ھۆكۈمرانلىق تالىشىشى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
2017.12.19
ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ دۇنياۋى يېڭى تەرتىپتە ھۆكۈمرانلىق ئورۇن تالىشىشى بارغانسېرى مۇقىملىشىۋاتقان بىر پەيتتە ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ۋىلسون تەتقىقات مەركىزى بۇ ھەقتە مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇردى. مۇھاكىمىگە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭدىكى يۈزلىنىشلەر ھەمدە تەسەۋۋۇرلارغا قاراپ چىقتى.
1950-يىللاردا خىتاي داھىيسى ماۋ زېدوڭ «ئامېرىكا جاھانگىرلىكى -قەغەز يولۋاس!» دېگەن ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىنكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تۈرلۈك تەشۋىقات بۇيۇملىرىدا بۇ تەسۋىر كۆپلەپ ئىشلىتىلگەن ئىدى.
ئەمدىلىكتە بولسا دۇنيا ۋەزىيىتىدە يېڭى ئۆزگىرىشلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، «قەغەز يولۋاس» دەپ ئاتالغان ئامېرىكا بىلەن ئۆزلىرىنى «ئەجدىھانىڭ پۇشتى» دەپ ئاتىۋالغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋىتىدە يېڭى يۈزلىنىشلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ دونالد ترامپ ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى بولۇشنىڭ ئالدى-كەينىدە ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەن «ئامېرىكا بىرىنچى» شۇئارىنىڭ ئەمىلىلىشىگە ئەگىشىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا زومىگەرلىك قىلماقچى بولۇشى ھەمدە چەتئەللەرگە خىتاينىڭ تەسىرىنى كېڭەيتمەكچى بولۇشى بىلەن دۇنياۋى يېڭى تەرتىپتە بۇ ئىككى مەملىكەتنىڭ رىقابەتچىلەردىن بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشتى. ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەر قىزىق مۇھاكىمە تېمىلىرىدىن بىرى بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، 19-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ۋودرۇۋ ۋىلسون خەلقئارا مەركىزى» قارمىقىدىكى «كىسىنگېر ئىنستىتۇتى» مەخسۇس مۇشۇ تېما ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.
مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ خادىملىرىدىن ساندى فو بۈگۈنكى مۇھاكىمە يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ئۆتكەن مەزگىللەردە ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن ئۆزئارا مەنئەپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى مۇناسىۋەتكە يېقىندىن بۇيان ئارقىمۇ ئارقىدىن «دەز» كېتىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا زومىگەرلىك قىلىشى ھەمدە خىتاي-ئامېرىكا سودا مۇناسىۋىتىدە سۈركىلىش ۋەزىيىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن ئىقلىم ئۆزگىرىشى، شىمالىي كورېيە مەسىلىسى بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا ئاق ساراي تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ 2017-يىللىق دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى» دە ئامېرىكىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات مۇساپىسىدە خىتاينىڭ ئاساسلىق رەقىب بولىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ساندىي فو شۇ قاتاردا يېقىن كەلگۈسىدە دۇنيانىڭ قىممەت قارىشىنى قايسى شەكىلگە يېتەكلەش مەسىلىسىدە يېڭى خىرىسلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇھاكىمىگە ئىشتىراك قىلغۇچىلاردىن يۈن سۇننى بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تەكلىپ قىلدى. ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ستېمسون مەركىزى»نىڭ شەرقىي ئاسىيا بۆلۈمىدە خىتاي ئىشلىرى بويىچە مۇتەخەسسىس بولۇپ ئىشلەۋاتقان يۈن سۇن بۇ ھەقتە سۆز ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە دونالد ترامپ تېخى ئاق سارايغا كىرمەي تۇرۇپلا تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بىلەن تېلېفونلاشقاندا خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى تۇنجى «دەز» نىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
يۈن سۇننىڭ پىكرىچە، خىتاي-ئامېرىكا رەھبەرلىرى بۇيىل ئاپرېلدا فلورىدا شتاتىدىكى مارالاگو داچىسىدا سۆھبەتتە بولغاندىن كېيىن خىتاي تەرەپ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئەنئەنىۋى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى داۋاملىق تەرەققىي قىلىدۇ، دەپ قاراشقا باشلىغان. ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا شىمالىي كورېيە مەسىلىسى ھەمدە ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋىىتى تۈپەيلىدىن ئاق ساراينىڭ خىتاينى ئەيىبلىشى بارغانسېرى يۇغۇرى پەللىگە چىققان. ئەمما بۇ يىل ئىيۇن ئېيىدىكى ئامېرىكا-خىتاي سۆھبىتىدىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورېيە چېگرىسىدىكى دەندوڭ رايونىغا سودا چەكلىمىسى قويۇشى ھەمدە تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشنى قارار قىلىشى بىردەك «دونالد ترامپ بىلەن شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ‹شېرىن ئاي› نىڭ ئاياغلاشقانلىقىنىڭ بېشارىتى» دەپ قارالغان.
ئەمما ئۇنىڭ پىكرىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بۇ يىل نويابىر ئېيىدىكى خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى «شېرىن ئاي» قايتىدىن باشلانغان. شۇ قېتىملىق زىيارەتتىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا غايەت زور بىر سودا ھەمكارلىقى ئوتتۇرىغا چىققان. ھالبۇكى بۇ قېتىملىق «شېرىن ئاي»مۇ ئۇزاق داۋام قىلمىغان. چۈنكى شۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى سودا كېلىشىملىرى ساھەسى بويىچە ئەيىبلەشكە باشلىغان. بۇ ھال بولسا ئاق ساراي تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان «ئا ق ش نىڭ 2017-يىللىق دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى» دە تولۇق ئۆز ئەكسىنى تاپقان. بۇنىڭدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى ئاشكارا ھالدا «ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە خىرىس قىلغۇچى ئاساسلىق رەقىب» دەپ ئاتىغان.
ئۇنىڭدىن كېيىن مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ مۇدىرى روبېرت دەلىي سۆز ئالدى. ئۇ ئالدى بىلەن نۆۋەتتە ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ دۇنيا تەرتىپىدە ھۆكۈمرانلىق تالىشىش باسقۇچىغا ئۆتۈۋاتقانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تۈنۈگۈنكى نۇتقىدا ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بۇ خىل رىقابەتكە چۈشكەنلىكى دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش كويىغا چۈشكەن «ئالۋاستى» بىلەن «پەرىشتە»نىڭ ئېلىشىشىدەك بىر ھالەتنى ئىشارە قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ قارىشىدا خىتاينى بۇ دەرىجىدە ئەيىبلەشنىڭ ھېچقانچە زۆرۈرىيىتى يوق ئىكەن، چۈنكى خىتاي ھازىر ئىقتىسادىي جەھەتتە يۈكسەلگەن بولغاچقا تەبىئىي يوسۇندا ئامېرىكا ئۈچۈن «رەقىب» بولۇپ قالغان. بۇ ھال بولسا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 18-دېكابىر ئېلان قىلغان «دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى» دە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسەتتىكى بارلىق پائالىيەتلىرى «ھەرقاچان ئامېرىكىغا زىيان سېلىشنى مەقسەت قىلغان» دەپ خۇلاسىلەنگەن.
يىغىندىن كېيىن يۈن سۈن خانىم ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. بىز خىتايدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان مۇھەببىتى بارغانسېرى سۇسلاۋاتقان شارائىتتا بەزىلەرنىڭ «ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ‹قەغەز يولۋاس› بولۇپ قېلىۋاتىدۇ» دەپ ھۆكۈم چىقىرىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ بۇ ھەقتە قانداق قاراشتا ئىكەنلىكىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېقىندا ئېچىلغان 19-قۇرۇلتىيىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى مۇتلەق مۇستەھكەملىگەنلىكىنى، شۇڭا خەلق ئاممىسىغا بولغان كونتروللۇقنىڭ شى جىنپىڭ دەۋرىدە بوشايدىغانلىقىنىڭ ھېچقانداق بېشارىتى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، شۇڭا خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ ھالدا خىتاينىڭ تەقدىرىگە زور تەسىر كۆرسىتەلىشىگە بىرنەرسە دېگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئالغا سۈردى.
شۇنىڭدىن كېيىن مۇھاكىمە سورۇنىغا كەلگەن تىڭشىغۇچىلار ئۆزلىرى قىزىققان دائىرە بويىچە سوئاللار سورىدى. لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەرمۇ بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
يىغىنغا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ھەر ساھە كىشىلىرى قاتناشتى.