خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا چۈشى ۋە ئۇنىڭغا ماس كېلىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.12.25
xitay-ottura-asiya-shangxai-hemkarliq-1.JPG شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سەمەرقەنت باشلىقلار يىغىنى، 2022-يىلى سېنتەبىر، سەمەرقەند.
Reuters

 2001-يىل يۈز بەرگەن «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستانغا كىرگەن چاغلاردا خىتاي گېنېرالى ليۇ ياجو «غەربىي رايون نەزەرىيەسى» ناملىق بىر كىتابنى يېزىپ، خىتاينىڭ غەربىي رايونغا، يەنى ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈرۈش قىلىشىنىڭ بۈيۈك ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

2010-يىل «فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى» تورىدا بۇ نەزەرىيەنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بۈگۈن ۋە كەلگۈسىدە خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسى، ئىقتىسادىي جان تومۇرىغا ئايلىنىدىغانلىقى نۇرغۇن مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، 1884-يىل مەنچىڭ گېنېرالى زو زۇڭتاڭنىڭ «غەربىي دىيارنى قايتۇرۇۋېلىش» پىلانى چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمىگەن بولسا، خىتاي غەربتىكى چېگراسىنىلا ئەمەس، بۈگۈنكى «يۈرىكى، جان تومۇرى» نى قولدىن بېرىپ قويغان بولاتتى. كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش» ۋە «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىمۇ مەۋجۇت بولمىغان بولاتتى. گېنېرال ليۇ ياجو ئۇيغۇر رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئوتتۇرا ئاسىيانى «تەڭرىنىڭ خىتايغا بەخش ئەتكەن ئەڭ چوڭ نېمىتى» دەپ ئاتىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ «غەربكە يۈرۈش قىلىش» تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلغان؛ ئېنېرگىيە مەنبەسىنى كۆپەيتىش ۋە بازارنى كېڭەيتىش ئۈچۈن «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر رايونىنى بازا قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق غەربىي ئاسىيا ۋە پۈتۈن ياۋروپا بازىرىنى ئىگىلەش قەدىمىنى باسقان.

قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق گىئو-ئىقتىساد مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور شەرىپجان نادىروف ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» نى بويلاپ كېڭىيىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئەرزان ماللىرى بىلەن جەلپ قىلىۋاتقانلىقىنى،  دۇنيانى يۇمشاق كۈچ بىلەن ئىگىلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تەتقىقاتچىسى نىۋا ياۋ (Niva Yau) بۇ يىل 5-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاينىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى» ناملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن خىتاينىڭ تارىخىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ 2000 يىلغا سوزۇلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: «ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ھازىر خىتاينىڭ چېگرا سىرتىدىكى قوشنىلىرىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي بىلەن مەنپەئەتداش دۆلەتلەرگە ئايلاندى. تارىختا خىتايغا تەھدىت پەيدا قىلغان رايونلارنى كونترول قىلىش خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دەۋر سۈرۈشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. بۈگۈن تەخمىنەن  75 مىليون نوپۇسقا ئىگە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىختا <شەرقىي تۈركىستان> دەپ ئاتالغان <شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى> بىلەن 3320 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا چېگرالىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن 1991-يىلدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىياغا مەبلەغ سېلىپ كەلدى. 1991-يىل خىتاي بىلەن يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تىجارەت سوممىسى 463 مىليون دوللارغا، 2002-يىل 2 مىليارد 300 مىليارد دوللارغا، 2013-يىل بولسا 50 مىليارد 200 مىليون دوللارغا يەتتى».

ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تەتقىقاتچىسى نىۋا ياۋ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىق بەرمەكتە، 2022-يىلى ماي، ۋاشىنگتون.
ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تەتقىقاتچىسى نىۋا ياۋ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىق بەرمەكتە، 2022-يىلى ماي، ۋاشىنگتون.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت سودا ۋەكىللىرى ئۆمىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بېرىپ، بىر قاتار سودا ھەمكارلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغان. «يېڭى يىپەك يولىنى ئورتاق بەرپا قىلىش، يېڭى تەرەققىيات يولىنى ئىزدەش» مەقسەت قىلىنغان بۇ 10 كۈنلۈك پائالىيەت داۋامىدا مەزكۇر ئۆمەك  قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن سودا، قاتناش، ئېنېرگىيە، دىپلوماتىيە، مالىيە، تاموژنا، ئاۋىئاتسىيە قاتارلىق 18 ساھە بويىچە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان.

خىتاينىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» قامال سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي چېكىنىشتىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىملىق سودا زىيارىتى، خىتاينىڭ قامالنى دەرھال بوشىتىپ ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغان بولۇپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ زىيارەتنىڭ مول نەتىجىلىك بولغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ ئىقتىساد چېكىنگەن ئەھۋالدىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى، ئىسلاھات-تەرەققىيات كومىتېتى، قىزىلسۇ، ئىلى، بورتالانىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە كارخانا لىدېرلىرىدىن تەركىب تاپقان بۇ ئۆمەك 15-دېكابىر كۈنى قازاقىستاندا «خىتاي شىنجاڭ—قازاقىستان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش، بازارلاش ھەمكارلىق يىغىنى» ئۆتكۈزگەن. ئىككى تەرەپ خىمىيە سانائىتى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق ساھەلەردە مەبلەغ سېلىش ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان، توختام سوممىسى 1 مىليارد 370 مىليونغا يەتكەن.

خەۋەردىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ يىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچە ئۇيغۇر رايونى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەتنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت سودا سوممىسى 22 مىليارد 400 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، 60.9 پىرسەنت كۆپەيگەن ھەمدە مەزكۇر رايوندىكى ئومۇمىي سودا قىممىتىنىڭ 76.2 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن.

شەرىفجان نادىروف ئەپەندى، خىتاينىڭ قازاقىستانغا مەبلەغ سېلىشتا بىرىنچى ئورۇندا ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ سودىسىنىڭ  ئاساسەن يېنىك سانائەت ماللىرىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى، قازاقىستاننىڭ «يېڭى يىپەك يولى»دىكى بىرىنچى بېكەت بولۇش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىدىغانلىقى بىلدۈردى.

شەرىفجان نادىروف ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشى «بىر بەلۋاغ بىر يول» سودىسىنى توختىتىپ قويالمىغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئېنېرگىيە بايلىقى خىتاي بىلەن رۇسىيەنى ئۆز ئارا رىقابەتكە سالغان ئەھۋال تېخى روشەن كۆرۈلمىگەن.  

شۇنداقتىمۇ رۇسىيە بىلەن خىتايدەك چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئارىسىدا قالغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، جۈملىدىن قازاقىستان كۆپ قۇتۇپلۇق دىپلوماتىيە سىياسىتى قوللىنىشقا موھتاج ئىكەن، شۇنداقلا ئۆز زېمىنىدىكى بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشى كېرەك ئىكەن.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيەدىن باشقا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق سىياسىي تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىغا ماڭغاندىلا، خىتايغا بولغان بېقىندىلىقتىن قۇتۇلالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا چۈشى «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىۋاتقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە چوڭ دۆلەتلەردىن تەڭ پايدىلىنىپ كۈچلىنىش نىشانى بۇنىڭغا ئىمكان يارىتىپ بەرمەكتىكەن.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
ۋەزىيەت- مۇلاھىزە
xitayche-xet
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.