«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نىقابىغا يوشۇرۇلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق

ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر
2023.01.31
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
chen-quanguo-chen-chuengo-3.jpg ئۇيغۇر ئېلىغا تەيىنلىگەن يېڭى پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو يىغىندا سۆزدە.
weibo

گۇاڭجۇنىڭ قەشقەر كوناشەھەرگە «ياردىمى»

خىتاي ھۆكۈمىتى 1996-يىلى ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم پىلانى» نى يولغا قويغاندىن كېيىن، 2010-يىلىغا كەلگەندە بۇ پىلاننى يەنىمۇ بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، «يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نوقتىلىق ياردەم پىلانى» غا ئۆزگەرتتى. بۇ يېڭى پىلاندا خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى 19 ئۆلكە-شەھەرلىرىگە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 12 ۋىيلايەت ۋە ئوبلاستى ئومۇميۈزلۈك بۆلۈپ بېرىلگەنىدى.

خىتاي مەزكۇر پىلاننى «ئۇيغۇرلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، خىتاي خەلقى بىلەن ئورتاق بېيىش يولىغا باشلاش پىلانى» دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى تاكى 1978-يىلىدىكى ئاتالمىش «ئىسلاھات» ۋە «ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش» سىياسىتى يولغا قويۇلغانغا قەدەر، خىتاي رايونلىرىغا قارىغاندا بىر قەدەر ياخشى بولۇپ كەلگەن. ھەتتا خىتايدا ئومۇميۈزلۈك ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ، نۇرغۇن خىتايلار جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن چەت ئەللەرگە، خوڭكوڭغا ۋە ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچمەن بولغان يىللاردىمۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا باي قاتارلىق بىر قىسىم جايلاردا سۈئىي پەيدا قىلىنغان ئاچارچىلىقتىن باشقا، چوڭ كۆلەملىك ئاچارچىلىق ھادىسىلىرى كۆرۈلمىگەن. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى دەل خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «ئىسلاھات» نى يولغا قويغان 1978-يىلىدىن كېيىن تېز سۈرئەتتە ناچارلىشىشقا باشلىغان. قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىقى خىتاينىڭ بىڭتۇەننى ۋاستىلىق باي قىلىشى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، ئاقىۋەتتە بۇ ھادىسە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نىقابى ئاستىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشىغا يول ئاچقان.

ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نىقابى ئاستىدا ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قانداق يۈرگۈزدى؟

خىتاي تېرىتورىيەسىنىڭ 6 دىن 1 قىسمىنى ئىگىلەيدىغان غايەت چوڭ بىر زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان، خىتايدىكى مىللەتلەر ئىچىدە 5-چوڭ نوپۇس دەپ قارالغان ئۇيغۇرلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن يوقىتىش، ھەقىقەتەنمۇ خىتاي ئۈچۈن كۆپ باش قېتىنچىلىقى ئېلىپ كەلگەن بىر ئىشتۇر. چۈنكى بۈگۈنكى ئىنسانلار يۇقىرى پەن-تېخنىكا دەۋرىدە ياشاۋاتقان بولۇپ، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تارىختىكى يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدەك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىش رېئاللىققا توغرا كەلمەيدۇ. ئەمما بۇنچە كۆپ خەلقنى يوقىتىشنىڭ باشقىچە ئامالىنى تېپىشمۇ ئاسان ئەمەس. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قايسى ئۇسۇلدا ئېلىپ بارغاندا، بۇ جىنايەتنى ھەم دۇنيادىن يوشۇرۇپ قالغىلى ھەم ئۇيغۇرلارنى يوقىتىپ، مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ؟

شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان، ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بىر سىياسىي ئېيتىم بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ «مىللەتلەر مەسىلىسىنى خىتايچە ئالاھىدىلىك بىلەن ھەل قىلىش» تۇر. «مىللەتلەر مەسىلىسىنى خىتايچە ئۇسۇلدا ھەل قىلىش» -دېڭ شياۋپىڭنىڭ 1980-يىللاردىكى «ئىسلاھات» دەۋرىدە ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم سىياسىي يوليورۇقلىردىن بىر ئىدى. دېڭ شياۋپىڭ ئەينى ۋاقىتتا، بولۇپمۇ 1985- ۋە 1988-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدا باشلىنىپ، 1989-يىلى «تىيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» دە خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىش دەرىجىسىگە يەتكەن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ساۋاقلىرىغا ئاساسەن، «بىز سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدەك ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت تۈزۈلمىسى يولىدا ئەمەس، بەلكى مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە يولىدا ماڭىمىز» دېگەنىدى. يەنى شى جىنپىڭنىڭ «خىتايچە ئۇسلۇبتا مىللەتلەر سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش» نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسىنى ئەمەلىيەتتە 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا ماۋ زېدۇڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد رەھبەرلىرى بىلەن 1970-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا تەختكە چىققان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد رەھبىرى دېڭ شاۋپىڭ سالغان ئىدى. بۇ، خىتاي سىياسىيونلىرىمۇ قوبۇل قىلغان بىر تارىخىي ئەمەلىيەتتۇر.

ئەگەردە شى جىنپىڭ دەۋرىدە بۇ قاراشنىڭ يېڭى ۋارىيانتى ئوتتۇرىغا قويۇلدى دەپ قارىساق، ئۇ ھالدا شى جىنپىڭ بۇ نەزەرىيەگە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» يارىتىشنى قوشتى دېسەك خاتالاشمايىز. يىغىپ ئېيتقاندا، دېڭ شياۋپىڭ خىتايدىكى بەش ئاپتونوم رايوننىڭ ئىگىسى بولغان چوڭ مىللەتلەرنىڭ كۈنلەردىن بىرىدە خۇددىي سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدەك خىتاينىڭ پارچىلىنىشى نەتىجىسىدە مۇستەقىللىق يولىغا ماڭماسلىقى ئۈچۈن، ئەينى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا خىتاينىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يولىدا ماڭمايدىغانلىقىنى ئېنىق جاكارلىغان. بۇ سۆزنى ھەم بۈگۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم» نەزەرىيەسىنىڭ تۈپ ئاساسىي دەپ قاراشقا بولىدۇ. دېمەك، «مىللەتلەر مەسىلىسىنى خىتايچە ئۇسۇلدا ھەل قىلىش» تىن «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم قۇرۇش» قىچە ئۆزگەرمىگەن بىرلا نەرسە، خىتاينىڭ پارچىلىنىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن توسۇشتۇر؛ ئۆزگەرگىنى ھەرقايسىي ئاپتونوم رايونلارنى ئومۇميۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇشتۇر.

بىز خۇ ئەنگاڭنىڭ «ئىككىنجى ئەۋلات مىللەتلەر ئىستراتېگىيەسى» دوكلاتىدىمۇ يوقۇرىقى قاراشلارنىڭ دەلىللىرىنى ئۇچرىتالايمىز. خۇ ئەنگاڭ مەزكۇر دوكلاتىدا ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ 2010-يىلىدىكى 6-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتە خىتايدىكى 5-چوڭ مىللەتكە ئايلانغانلىقىنى، ئەمما خىتايلار بىلەن تويلىشىش نىسبىتىنىڭ خىتاي بويىچە ئەڭ تۆۋەن نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت كىملىكىگە بولغان سۆيگۈسىنىڭ خىتاي دۆلىتىگە بولغان سۆيگۈسىدىن مۇتلەق يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى؛ ئۇلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ ياشاشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى؛ مىللىي كىملىكىنى ساقلاشقا ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، لېكىن بۇ ھادىسىنىڭ خىتاي ھاكېمىيىتى ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئەھۋالىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىش، خىتاي ئىچىدە «جۇڭخۇا ئۇلۇسى كىملىكى» يارىتىش، ھەتتا بۇنىڭ ئۈچۈن مەجبۇرلاش ئۇسۇلىنىمۇ قوللىنىش قاتارلىق تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. خۇ ئەنگاڭنىڭ دوكلاتى، خىتاي جەمئىيىتىدە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغاپ، بىر تۈرلۈك «خىتايدىكى مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى بىكار قىلىش تەرەپدارلىرى» نىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشى ۋە خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ كۈچىيىشىگە يول ئاچقان.

گەرچە شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن، خىتايدا «ئاپتونومىيە تۈزۈمى ۋاقتىنچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدۇ» دەپ تەشۋىق قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى نەزەرىيىسى» نىڭ ئۆزىلا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ يوقىتىلىدىغانلىقى ۋە ئاتالمىش ئاپتونومىيەنىڭ ھامان ئەمەلدىن قالىدىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئىپادىسى ئىدى. دېمەك، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى دەل «مىللىي مەسىلىنى خىتايچە يولدا ھەل قىلىش» نەزەرىيەسى بىلەن باشلىنىپ، «جۇڭخۇا ئۇلۇسى» يارىتىش نەزەرىيەسى ئاستىدا بۈگۈنكى باسقۇچقا كەلدى دەپ قاراشقا پۈتۈنلەي ھەقلىقمىز. بۇنداق دېيىشتىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبىمىز، 2014-يىلى ئېچىلغان ئاتالمىش «مەركەزنىڭ ئىككىنجى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا شى جىنپىڭ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى يارىتىش» نى «شىنجاڭغا ياردەم» نىڭ باش يۆنىلىشى قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. يەنى ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم» گە كەلگەن خىتاينىڭ 19 ئۆلكە-شەھەرلىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشتۇر.

بۇ سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە خىتاينىڭ 19 ئۆلكە-شەھەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى قانداق بۆلۈشىۋالغانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قانداق ئېلىپ بارغانلىقى بىلەن بىر-بىرلەپ تونۇشۇپ چىقىمىز. بىز بۈگۈن ئالدى بىلەن تېمىمىزنى يېقىندا ئاشكارىلانغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» بىلەن «شىنجاڭغا ياردەم» پىلانىنىڭ مۇناسىۋىتىدىن باشلايمىز.

«شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى»، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئىچكىي قىسمىدىكى مەخپىي تور بېكىتىدىن خاككېرلار ئارقىلىق تېپىلغان ھۆججەتتۇر. مەزكۈر ھۆججەت ئاساسلىقى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوناشەھەر ناھىيەلىك ج ج ئىدارىسى بىلەن ئىلى ئوبلاستى تېكەس ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ كومپۇتېر سىستېمىسىدىن ئېرىشىلگەن. مەزكۇر ھۆججەت ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ۋە كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ئادرىئان زېنز Adrian Zenz ئەپەندىمنىڭ تەتقىقاتىغا تاپشۇرۇلغان. ھۆججەتنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىدا 5000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ باش سۈرىتى، سۈرەتلەرنىڭ تارتىلغان ۋاقتىنىڭ 2018-يىلى 1-ئايدىن 7-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىكەنلىكى، بۇ ئادەملەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپىنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 15 نەپىرىنىڭ كىچىك بالىلار ۋە ياشانغان كىشىلەر بولغانلىقى. . . دەك ئەھۋاللار ئاشكارىلانغان. ئەينى ۋاقىتتا بۇ ھۆججەتتىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە ھەر 25 ئۇيغۇر ئىچىدە بىر ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلگەنىدى. دېمەك، 280 مىڭغا يېقىن ئاھالىسى بولغان ۋە بۇ ئاھالىنىڭ 97 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى تەشكىل قىلىدىغان قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە چوڭ ياكى كىچىك، ياش ياكى قېرى دېيىلمەي كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش يۈز بەرگەن. ئەگەر مۇشۇ نىسبەت بويىچە ھېسابلىساق، ئۇيغۇر نوپۇسى ئاساسلىق نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان جەنۇبتىكى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋە قىزىلسۇ قاتارلىق رايونلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئادەمنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە ئېغىر بولغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلىشىمىز تەس ئەمەس. يەنى يوقۇرىقى نىسبەت بويىچە ھېسابلىنغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش نىسبىتى خىتايدىكى ئومۇمىي تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانىدىن 64 ھەسسە كۆپ بولغان. دەرۋەقە، ئاشكارىلانغان «خىتاي مەخپىي ھۆججەتلىرى»، «قاراقاش تىزىملىكى» ۋە «نەنكەي دوڭلاتى» دىكى ئەھۋاللارنىڭ پەقەت بىز ئىگىلىگەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئائىت مەلۇماتلارنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمى بولغانلىقى ئېنىق.

بىز يوقۇرىدا «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى سۈرەتلەرنىڭ ئاساسلىقى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە تارتىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۈق. ئۇ ھالدا قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى قايسى خىتاي رايونىنىڭ ياردىمىدە يوقۇرىقىدەك «نەتىجە» نى ياراتتى؟

قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىن گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىگە بۆلۈپ بېرىلگەن. خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلغان «يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم دوكلاتى» دا، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنى گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ 13-رايونى سۈپىتىدە تەرەققىي قىلدۇرۇش تەلەپ قىلىنغانلىقى يېزىلغان.

2018-يىلى گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم ئۈچۈن ئاجراتقان ئىقتىسادىنىڭ ئىشلىتىش ئورنىغا ئالاقىدار بىر دوكلاتتا، «شىنجاڭغا نوقتىلىق ياردەم» ئۈچۈن ئاجراتقان پۇلنىڭ ئاساسلىقى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ قۇرۇلۇشى، ئۆي قۇرۇلۇشى، ئاساسىي قاتلامدىكى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش تۈرلىرى، مىللەتلەر ئارىسىدىكى سىڭىشىشنى كۈچەيتىش تۈرى قاتارلىقلارغا ئىشلەتكەنلىكى ئېنىق يېزىلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە 2016-يىلى 24-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتىمۇ گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك تەپتىش ئورۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېرورلۇق دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، دېلو خىزمەتلىرىنى ئىشلەشكە يېتەكچىلىك قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

«گۇاڭدوڭ گېزىتى» نىڭ خىتايچە تور بېكىتىدە 2016-يىلى ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ 2010-يىلىدىن بۇيان، 1300 دەك كارخانىنى قەشقەرگە تەكشۈرۈشكە بېرىش ۋە مەبلەغ سېلىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىغى، ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرىدە قەشقەر قاتارلىق ياردەم قوبۇل قىلغۇچى رايونلارنى 80 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، 160 مىڭ ئادەم قېتىمىدىن كۆپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى يېزىلغان.

يوقۇرىقى دەلىللەردىن شۇنىسى ئېنىقكى، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى ھەر 25 ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىن بىر ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىگە بەرگەن «نوقتىلىق ياردىمى» ئاستىدا ئىشلەنگەن جىنايەتتۇر.

دەرۋەقە، گۇاڭجۇ شەھىرى ۋە گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىرى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە «شىنجاڭغا نوقتىلىق ياردەم» نامىدا ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇش، دېھقانچىلىق كەسپىي كوپېراتىپى ئېچىش، كوممۇنالاشتۇرۇش، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى تارتىۋېلىش، دېھقانلارنى كەسپ ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاش، ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنلىرىنى چېقىش، كۆچۈرۈش، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش، كەسپىي تەربىيەلەش نامىدا لاگېرلار، تۈرمىلەرگە قاماش قاتارلىق تۈرلۈك زىيانكەشلىكلەرنى، ئېنىقراق قىلغاندا، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ قەشقەر كوناشەھەردىكى ئىجراچىسى بولغان.

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.