نۆۋەتتە، خىتايدا دۆلەتنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، قانۇنچىلىق كەڭ تەرغىب قىلىنىۋاتىدۇ. بىراق بەزى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ قانۇن بىلەن باشقۇرۇش دېگىنى، غەربنىڭ قانۇن بىلەن باشقۇرۇش چۈشەنچىسى ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بار.
ئاتاقلىق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ يېڭى يىل ھارپىسى «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»دە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بۇ جەھەتتىكى پەرقنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. تېڭ بياۋنىڭ كۆرسىتىشىچە، كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ تۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش دېگەن قۇرۇق گەپ.
ئۇ، ئىلھام توختى قاتارلىق ئۆكتىچىلەر، تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار، فالۇنگوڭچىلار، خرىستيانلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىغا كۆز يۇمۇپ تۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن. تېڭ بياۋ «كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان يەردە قانۇن بىلەن باشقۇرۇش مەۋجۇت ئەمەس، دېگەن.
«بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، قانۇن بىلەن باشقۇرۇش دۆلەت تۈزۈلمىسىگە باغلىق نەرسە، خىتاينىڭ ھازىرقى تۈزۈلمىسىدە دۆلەتنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇش مۇمكىنچىلىكى يوق.
ئۇ مۇنداق دېدى: تۈزۈلمە جەھەتتىن ئالغاندا جۇڭگودا ھوقۇق ئايرىلمىغان. ھوقۇق ئايرىلمىغاچقا ئۇنى تەڭشەپ تۇرغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى ئورگانلار قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا، باشقا ئورگانلارنىڭ ئۇنى تەقىب قىلىپ خاتالىقنى تۈزىتىش مۇمكىنچىلىكى يوق. شۇڭا، جۇڭگونىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسى قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. بۇنىڭدىن سىرت، جۇڭگودا قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى نازارەت قىلىدىغان زۆرۈر ئاممىۋى نازارەتچىلىك مېخانىزمى يوق. مەسىلەن، سۆز ئەركىنلىكى، ئاخبارات ئەركىنلىكى دېگەندەك. شۇڭا، بۇ خىل ئەھۋالدا ئۇنىڭ قانۇن بىلەن باشقۇرۇش دېگىنى بىر خىل ئارزۇ، خالاس.
ئادۋوكات تېڭ بياۋ ئىلگىرى ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇنگوڭچىلارغا ئالاقىدار بەزى سەزگۈر سىياسىي، دىنىي دېلولاردا جاۋابكارلارنىڭ ئاقلىغۇچىلىقىنى قىلغان ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ بىرى.
تېڭ بياۋنىڭ كۆرسىتىشىچە،، خىتاي كومپارتىيەسى بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا ئەركىنلىك ۋە ئاساسى قانۇنلۇق دېموكراتىيە قۇرۇشقا ۋەدە قىلغان بولسىمۇ بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ 65 يىللىق ھاكىمىيەت تارىخىدا ھېچقاچان بۇ ۋەدىگە ئەمەل قىلىپ باقمىغان.
تېڭ بياۋ «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»دىكى «جۇڭگونىڭ قانۇن بىلەن باشقۇرۇش دېگىنى قۇرۇق ۋەدە» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، خىتاي كومپارتىيەسى قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان دەل مۇشۇ مەزگىلنىڭ ئۆزىدە كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى ئەۋجىگە چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش پىكرى 1997-يىلى كومپارتىيە 15-قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، 1999-يىلى ئاساسى قانۇنغا كىرگۈزۈلدى. بىراق بۇ پىكىر ئاساسى قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن دەل شۇ يىلى فالۇنگوڭ قاتتىق باستۇرۇلدى.
شى جىنپىڭ ھوقۇق تۇتۇپ، يۈزلىگەن كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى، زىيالىيلار سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن تۈرمىگە تاشلاندى. خەقنىڭ ئۆي مۈلكىي دۆلەتلەشتۈرۈلدى ياكى چېقىۋېتىلدى. سۈز ئەركىنلىكى چەكلەندى، دىنىي ئەركىنلىك باستۇرۇلدى، ئاياللار داۋاملىق ھامىلە چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلاندى، تەن جازاسى ھەسسىلەپ كۆپەيدى. تىبەت ۋە شىنجاڭدا دائىرىلەر ئارقا-ئارقىدىن قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئاپىتى پەيدا قىلدى. سۇيىئىستېمال ھېچقاچان توختاپ قالمىدى.
«بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىدىكى خۇ پىڭ ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇشنى تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئەمىلى ھەرىكىتىدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئالىي سوت باشلىقىنىڭ يېقىندا قىلغان شىنجاڭدىكى «تېررورلۇق»، «دىنىي ئاشقۇنلۇق»قا ئالاقىدار دېلولارنى تېز، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى سۆزى، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنى «مۇنتىزىم ئۇسۇللاردىن ھالقىغان ۋاسىتىلەر ۋە تەدبىرلەر»نى قوللىنىپ باستۇرۇش ھەققىدىكى سۆزلەر قانۇنغا پۈتۈلەي خىلاپ.
خۇ پىڭ: دائىرىلەرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار ۋەقەلەردە مۇنتىزىم ئۇسۇللاردىن ھالقىغان ۋاسىتىلەر ۋە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ بىر تەرەپ قىلىش، دېگەن بۇ سۆزى، تەپ تارتماستىن، ئوچۇق-ئاشكارا ۋە بىۋاسىتە قانۇننى ئىنكار قىلغانلىق. بۇ سۆزلەر ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە تەكىتلىنىپ كەلگەن پرولېتارىيات دىكتاتورىلىقى، دېگەنگە ئوخشايدۇ. چۈنكى، پرولېتارىيات دىكتاتورىلىقىغا لېنىن ناھايىتى ئېنىق چۈشەنچە بەرگەن. ئۇ بولسىمۇ ھوقۇقنى قانۇندىن ھالقىپ يۈرگۈزۈش. ئەمەلىيەتتە، ھازىر جۇڭگو كومپارتىيەسى ئاتالمىش دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە قانۇننى ئوچۇق-ئاشكارا قايرىپ قويدى.
خىتاي ئالىي سوتىنىڭ باشلىقى جاۋ چياڭ، ئۆتكەن يىلى 20-دېكابىر سوتچىلارغا ئاچقان بىر قېتىملىق تېلېفون-تېلېۋىزور يىغىنىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە چېتىشلىق ھەممە دېلونى مىللىي مەسىلىسىگە باغلىماسلىقنى، بىراق «شىنجاڭ» غا ئالاقىدار «تېررورلۇق»، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە چېتىشلىق دېلولارنى تېز ۋە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشنى تەكىتلىگەن.
21-دېكابىر، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتنىڭ 3 دەرىجىلىك سوتچىلارغا ئاچقان يىغىنىدا، يۇقىرى سوتنىڭ بىر مۇئاۋىن باشلىقى ئىلى يوڭجۈن يەرلىك سوتچىلارنى مەركەزنىڭ «تېررورلۇق»، «زوراۋانلىق»قا ئالاقىدار دېلولارنى «مۇنتىزىم ئۇسۇللاردىن ھالقىغان ۋاسىتىلەر ۋە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ بىر تەرەپ قىلىش» يوليورۇقىنىڭ مەنىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئەتراپلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئۈندىگەن ئىدى.
تىڭ بياۋ قارىشىچە، قانۇن بىلەن باشقۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل-قانۇن ئارقىلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەپ تۇرۇش. بىراق كومپارتىيەنىڭ قانۇن بىلەن باشقۇرۇش دېگىنى -لېنىن بىلەن چىن شىخۇاڭنىڭ، زامانىۋى ئىستىبداتلىق بىلەن تارىختىكى خىتاي قانۇنچىلىقىنىڭ بىرىكمىسى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: شى جىنپىڭ بىر قېتىملىق سۆزىدە ھوقۇقنى قەپەستە تۇتۇش ھەققىدە توختالدى. لېكىن ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئۆزىنى زەنجىرلىۋالغان سېھىرگەر بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق. ئەمەلىيەتتە، پارتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ قىلىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى ۋە قىلىۋاتقىنى خەلقنى قەپەسكە سولاش. تەخسىكەشلەر قانۇن بىلەن باشقۇرۇش باھارى يېتىپ كەلگەنلىكىنى خىيال قىلسىمۇ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق ئاپىتىنىڭ قۇربانى ئىلھام توختى، شۈ جىيوڭ، ساۋ شۈنلى، گاۋ جىشىڭ قاتارلىق پائالىيەتچىلەر، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر، ئەرزدارلار، فالۇنگوڭچىلار ۋە خرىستىئانلارغا كۆز يۇمۇلغان يەردە قانۇن بىلەن باشقۇرۇش مەۋجۇت ئەمەس.