تىبەت ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى: خىتاي تىبەتتە مەغلۇپ بولغان سىياسىتىنى ئۇيغۇرلارغا سىناق قىلماقتا

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.03.20
motsiklit-uyghur-qoralliq-saqchi.jpg بىر ئۇيغۇرنىڭ كوچا چارلاۋاتقان قوراللىق ساقچىلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2010-يىلى 3-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AFP

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ 20-مارتتىكى سانلىرىدا خىتاينىڭ 19-قۇرۇلتىيى ئاياقلىشىشى بىلەنلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 19-قۇرۇلتايدا تەكىتلىگەن «بىر يول بىر بەلۋاغ قۇرۇلۇشىدا شىنجاڭ مۇقىم بولۇش كېرەك» دېگەن سۆزىنى ئۆگىنىش ھەرىكىتى باشلىنىپ، بارلىق ئىدارە-ئورگان خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاتالمىش «ئۈچ خىل بۆلگۈنچى كۈچلەر» گە قارشى مەيدانىنى ئىپادىلەش پائالىيىتى قوزغىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ئىلگىرى تىبەتتە ئۇزۇن مەزگىل ئەمەلدار بولغان چېن چۈەنگونىڭ «مۇقىملىقنى قوغداش» نامىدا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل سىياسىي ھەرىكەت تۈسىنى ئالغان پائالىيەتلىرى ۋە قاتتىق قول سىياسىتى خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر، تىبەت پائالىيەتچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىماقتا.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تىبەت ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى تىبەتتە مەغلۇپ بولدى دەپ تەنقىدلەنگەن قاتتىق قول سىياسىتىنى ئۇيغۇرلارغا كۆچۈرۈپ سىناق قىلىشى، رايون ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈشى مۇمكىن.»

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە باشلانغان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 19-قۇرۇلتايدا تەكىتلىگەن «ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش» ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆز ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن ئىپادە بىلدۈرۈش ھەرىكىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەۋاتقان ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا يەنە بىر قېتىم جىددىي كەيپىيات قوزغىغان.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتتىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئوقۇتقۇچى، يېڭى ئەمەلدار چېن چۈەنگو كەلگەندىن كېيىن، ئىلگىرىكى يىللاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەر چارشەنبە كۈنىدىكى سىياسىي ئۆگىنىشنىڭ نۆۋەتتە تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئىلگىرىكى «ھۆججەت روھىنى يەتكۈزۈش» يىغىنىدىن ھازىرقى «تەسىراتىنى سۆزلەش، ئۆز ئىپادىسىنى بىلدۈرۈش» كە ئىلگىرىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ ئوقۇتقۇچى مۇنداق دېدى: «شۇنداق، ئالدىنقى چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىنكى سىياسىي ئۆگىنىشتە رەئىسىمىز شى جىنپىڭنىڭ 19-قۇرۇلتايدىكى شىنجاڭ ۋەكىللىرىگە قىلغان سۆزى ھەققىدىكى ھۆججەتنى ئۆگەندۇق. چارشەنبە كۈنىدىكى سىياسىي ئۆگىنىش ئىلگىرىكىدەك داۋاملاشماقتا. ئەمما ھازىر ھۆججەت ئوقۇش بىلەنلا چەكلەنمەيمىز، بەلكى يىغىندا ئوقۇلغان ھەر بىر ھۆججەتكە قارىتا تەسىراتىمىزنى بايان قىلىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئىپادىسىنى كۆپچىلىك ئالدىدا ئاشكارا بايان قىلىمىز. بولۇپمۇ، چەتئەللەردىكى ‹ئۈچ خىل بۆلگۈنچى كۈچلەر› ۋە دۆلەت ئىچىدىكى دىنىي رادىكاللىق، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىگە قارىتا قارشىلىق مەيدانىمىزنى ئېنىق ئىپادىلىشىمىز كېرەك. ھازىر شەخسى ئىشلىرىمىزنى چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىنكى سىياسىي ئۆگىنىشكە توغرىلىماسلىق تەلەپ قىلىندى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەرقانداق باھانە كۆرسىتىپ يىغىنغا قاتناشماسلىقىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ھازىر ئىلگىرىكى دەرس تەييارلىقىمىزدىن باشقا يەنە، ھەر چارشەنبە كۈنىدىكى سىياسىي ئۆگىنىشتە كۆپچىلىك ئالدىدا سۆزلەيدىغان ئۆگىنىش تەسىراتىمىز ۋە ئىپادىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈنمۇ ۋاقىت ئاجرىتىپ تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك.»

چەتئەللەردىكى تىبەت پائالىيەتچىلىرىدىن، تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن جاشى سېرىن ئەپەندى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما باشچىلىقىدا قوزغالغان 11-مارت تىبەت قوزغىلىڭىدىن كېيىن، ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىغا كۆچۈپ كەلگەن تىبەت قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ئەۋلادى. ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىدا تۇغۇلغان جاشى سېرىن ئەپەندى 20 يىلدىن بۇيان تەيۋەندە ئۆزىنىڭ سىياسىي پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىنىڭ، ئەمەلىيەتتە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرادىسىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

جاشى سېرىن: «خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل ھەتتا خىتاي پۇقرالىرىغا قاراتقان سىياسىتى بۇ خەلقلەرگە ھېچ ۋاقىت خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەن ئەمەس. 60 يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئوخشاش مەقسەت ۋە يۆنىلىشتىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ خەلقلەرنىڭ ھەممىسىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىدىن نارازى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مىللەتلەرنى ئۆز-ئارا زىددىيەتكە سالىدىغان تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتمەكتە. دۆلەت ئىچىدە چەتئەللەردىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل تەشكىلاتلىرىنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىسە، خىتاي دېموكرات تەشكىلاتلىرىنى ‹دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش › بىلەن ئەيىبلىمەكتە. خىتاي دۆلىتى ئىچىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، دېموكراتىك سىياسەت تەلەپ قىلغۇچىلاردىن نوبېل ئەركىنلىك مۇكاپات ساھىبى، خىتاي زىيالىيسى ليۇ شاۋبو، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا ئوخشاشلارنى تۈرمىلەرگە تاشلىدى. شۇڭا نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان ‹مۇقىملىقنى قوغداش، ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش› نامىدىكى ھەرىكەتلەر ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي تەشۋىقاتى ۋە مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتىنىڭ داۋامى. ئەلۋەتتە بۇ خىل ئەھۋالدا، چەتئەللەردىكى تىبەت، ئۇيغۇر ۋە خىتاي دېموكراتلىرى ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىشىشى، خىتاي ئىچىدىكى خەلققە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ مەقسىتى ۋە ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلىشى كېرەك.»

جاشى سېرىن ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئوخشاش ھالەتتىكى مىللىي باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، بۇ مىللەتلەرگە ئاتالمىش «ئاز سانلىق مىللەت» نامىنى بېرىپ، 60 يىلدىن بۇيان بۇ رايونلارغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، نۆۋەتتە بۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى نوپۇسىنى ئاللىقاچان ئاز سانلىقلارغا ئايلاندۇرۇپ بولغانلىقىنى ۋە بۇ زېمىنغا يەرلەشتۈرۈلگەن خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن ئەسلىدىكى زېمىن ئىگىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت توقۇنۇشىنى كۈچەيتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك تۇيغۇسىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

جاشى سېرىن ئەپەندى يەنە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان ئاتالمىش «3 خىل بۆلگۈنچى كۈچلەرگە زەربە بېرىش»، «مۇقىملىقنى قوغداش» نامىدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ تىبەت رايونىدىمۇ ئوخشاش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى تىبەت، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي دۆلىتى ئىچىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرەش ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەسىلەن، تىبەتلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ‹تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيى› ۋە ‹سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى› نى، خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى تىبەتلەرگە چەتئەللەردىكى تىبەت بۆلگۈنچى كۈچلىرى دەپ تەشۋىق قىلىدۇ. يىللاردىن بۇيان چەتئەللەردىكى تىبەت، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارىغان خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادا يەنە بۇ تەشكىلاتلارغا ‹بۆلگۈنچىلىك›، ‹مۇستەقىللىق› ھەتتا ‹تېررورلۇق› قالپاقلىرىنى كىيدۈرۈپ ئۇلارنىڭ پائالىيىتىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشى خەلقئارادا ئۈنۈم بەرمىدى. ئالايلۇق، ھىندىستان ھۆكۈمىتى دارامسالادا ‹سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى› ۋە ‹تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيى› نىڭ قۇرۇلۇشىغا ئىمكان ياراتتى، دالاي لاما باشچىلىقىدىكى تىبەتلەرنىڭ پائالىيەتلىرى چەتئەللەردە قوللاشقا ئېرىشتى. ئۇيغۇرلارنىڭمۇ چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىپ كەلمەكتە. شۇڭا ئامالسىز قالغان خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاي دۆلىتى ئىچىدە مۇشۇنداق ھەر خىل سىياسىي ھەرىكەت-پائالىيەتلەرنى كۆپەيتىش ئارقىلىق، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاۋاتقان تىبەت، ئۇيغۇر ۋە خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدىكى نامىنى سېسىتىشقا ئۇرۇنماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل سىياسىي پائالىيەتلەرنى كۈچەيتىشتىكى مەقسىتى شۇ.»

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى، خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھەر خىل ناملاردىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتە يۈرگۈزگەن رادىكال سىياسىتى سەۋەبلىك، تىبەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، خەلقئارادا «خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتىدىكى مەغلۇبىيىتىنىڭ سىمۋولى» دەپ تەسۋىرلىنىۋاتقان چېن چۈەنگونى ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكەپ كېلىپ، تىبەتتە ئاللىقاچان مەغلۇپ بولغانلىقى ئىسپاتلانغان مىللىي باستۇرۇش سىياسىتىنى ئۇيغۇر دىيارىدا ئوخشاش شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ، رايوندىكى مىللىي زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىنمۇ شىددەتلىك بولغان نارازىلىق ۋە مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.