ھەربىي ئانالىزچى ئالېكساندىر خرامچىخىن: «ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ ئارمىيىلىرى خىتاي ۋە تالىپلارغا زەربە بېرەلەمدۇ؟»
2013.12.02

يېقىندا رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ھەربىي ئانالىزچى، رۇسىيەنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئانالىز ئىنستىتۇتى مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى ئالېكساندىر خرامچىخىننىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ ئارمىيىلىرى خىتاي ۋە تالىپلارغا زەربە بېرەلەمدۇ؟» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
ماقالىنىڭ دەسلەپكى قۇرلىرىدىلا ئۇنىڭ ئاپتورى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ ئىچىدىن قازاقىستان ئارمىيىسىنىڭ خېلىلا كۈچلۈك ۋە مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىپ، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەسكەر سانى ۋە قوراللىق كۈچلىرى تەركىبىنى ئاتاپ چىققان.
قازاقىستان ئارمىيىسى قوشنا دۆلەتلەرگە قارىغاندا خېلىلا «ياۋروپالاشقان» بولۇپ، ئىقتىساد جەھەتتىن يېتەرلىك تەمىنلەنگەن. ئاپتور مۇنداق دەپ يازىدۇ:
«بۇنىڭدىن تاشقىرى، بۇ يەردە سلاۋيان ئاھالىسىنىڭ نىسبىتى خېلى ئۈستۈن، قازاقلار ئۆزلىرىمۇ مەركىزىي ئاسىيانىڭ باشقا مەملىكەتلىرى تۇرغۇنلىرىغا قارىغاندا ئازراق ئىسلاملاشقان. شۇنىڭغا قارىماستىن، بەرىبىر مەلۇم جەھەتتە ئىسلاملىشىش يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇ جەريان خېلى تېز بولمىسىمۇ، ئامما مەھكەم راۋاجلىنىدۇ. ئىسلاملىشىش بولۇپمۇ ئا ق ش ۋە ناتو ئەسكەرلىرى ئافغانىستاندىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن جىددىي تېزلەيدۇ، ئاندىن تالىپلارنىڭ شىمالغا تارىلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن.»
ماقالە ئاپتورى، بىرىنچىدىن، ئۆزبېكىستاننى، ئىككىنچىدىن، خىتاينى قازاقىستان ئۈچۈن «كلاسسىك» ھەربىي خەۋپ تۇغدۇرۇۋاتقان مەملىكەتلەر سۈپىتىدە كۆرسەتكەن. ئۇ ئۆزبېكىستان ھاكىمىيەت بېشىغا ئىسلامچىلار كەلگەن تەقدىردە ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا چوقۇم ئۇرۇش بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەمدى قازاقىستان ۋە خىتاي ھەققىدە توختىلىپ، ئۇ يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ:
«قازاقىستان خىتاي ئۈچۈن كېڭىيىشنىڭ ناھايىتى ياخشى بىر يولىدۇر، سەۋەبى بۇ مەملىكەت ئۆزىنىڭ ئاز ئاھالىسى بىلەن ئىنتايىن چوڭ تېررىتورىيىنى، شۇنداقلا تەبىئىي مەنبەلەرنىڭ زور مىقدارىنى ئىگىلەپ تۇرماقتا. بۇنىڭدىن تاشقىرى، بېيجىڭ قازاقىستاننى كونترول ئاستىغا ئېلىۋېلىپ، موسكۋاغا گېئوسىياسىي ‹شاھ-مات› دېيەلەيدۇ. بۇ جەھەتتە شۇ نەرسە ئېنىقكى، قازاقىستان قوراللىق كۈچلىرى ئۆزى يالغۇز خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە جىددىي قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىزىق بىر سوئال تۇغۇلىدۇ: خىتاي باسقۇنچىلىق قىلغان تەقدىردە موسكۋا ئاستاناغا ياردەمگە كېلەمدۇ؟ ئەپسۇسكى، يۈز پىرسەنت ئىشەنچ بىلەن ‹ھە› دەپ جاۋاب بېرىشكە بولمايدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ناتونى خىتايغا قارشى قوشۇمچە بىر بىخەتەرلىك دەپ تونۇغان قازاقىستان ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ. بۇ يەردە ئاستانا چوڭ خاتالىققا يول قويىدۇ. ئەگەر رۇسىيە ياردەمگە كېلەمدۇ؟ دېگەن سوئالغا يۈز پىرسەنت ئىشەنچ بىلەن ‹ھە› دەپ جاۋاب بېرىشكە بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا ناتوغا نىسبەتەن 1000 پىرسەنت ئىشەنچ بىلەن ‹ياق› دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئۇلار سوۋېتتىن كېيىنكى بوشلۇقتا بۈگۈنكى ناتونىڭ ھەقىقەتەنمۇ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلمەيۋاتىدۇ.»
ئا. خرامچىخىن ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئىچىدە ھەربىي قۇدرەتتە ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆزبېكىستاننى قويىدۇ. ئۇ مەملىكەتتە پارىخورلۇقنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە راۋاجلانغانلىقىنى، دېموكراتىك ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ باستۇرۇلغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئىسلام رادىكاللىرىنىڭ، بىرىنچى نۆۋەتتە، «خىزبۇت تاھرىر» تەشكىلاتىنىڭ مەۋجۇت ھاكىمىيەتكە قارشى بىردىن-بىر رېئال كۈچ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، ئەمدى «ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى ئىككىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. ئاپتور شۇنداقلا بولۇپمۇ چېچەن ۋە ئۆزبېكلەرنىڭ تالىپلار ۋە «ئەلقائىدە» سېپىدە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، كېلەچەكتە تالىپلارنىڭ تارىلىشىدا ئۆزبېكىستاننىڭ ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە قازاقىستان ئۆزبېكىستاننىڭ پەرغانە ۋادىسىدىن ئىنتايىن ئەنسىرىمەكتە ئىكەن، چۈنكى ئاھالە زىچ ئورۇنلاشقان بۇ رايوندا، بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدا ئىشسىزلىقنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئىسلام رادىكاللىرىنىڭ تەشۋىقلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولۇۋاتماقتا. ئا. خرامچىخىن پەرغانە ۋادىسىدا چوڭ ئىسيان يۈز بېرىدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇنىڭ پەقەت ئۆزبېكىستاننىلا ئەمەس، بەلكى قوشنا مەملىكەتلەرنىمۇ پارتلاشقا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، چوڭ ۋە كۈچلۈك قازاقىستان بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلىسىمۇ، باشقىلارنىڭ گۇمران بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ماقالە ئاپتورى قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان ھەربىي كۈچلىرىنىڭ ئىنتايىن ناچار، ئىچكى ۋەزىيىتىنىڭمۇ تۇراقسىز ئىكەنلىكىنى، ئەمدى تۈركمەنىستان بولسا بىتەرەپ مەۋقەنى تۇتۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، تالىپلار تەسىرىنىڭ بولماسلىقىغا ھېچكىمنىڭ كاپالەتلىك قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
شۇنداق قىلىپ، ماقالە ئاپتورى ئا. خرامچىخىن ئوتتۇرا ئاسىيادا مەملىكەتلەر ئىچىدە ۋە مەملىكەتلەر ئارا توقۇنۇشلارنىڭ، شۇنداقلا تالىپلارنىڭ، مۇمكىن ئۇلارنى قوللاۋاتقان پاكىستان ۋە پاكىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئىتتىپاقدىشى خىتاي تەرىپىدىن كېلىۋاتقان تاشقى خەۋپنىڭمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ 2014-يىلدىن كېيىن تالىپلارنىڭ كۈچىيىپ، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ خەۋپ ئاستىدا قېلىش مۇمكىنلىكىنى تەخمىن قىلىدۇ.