خىتاي تەھدىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قەدەر تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا
2017.10.30
كانادانىڭ «يەرشارى ۋە مەكتۇپلار گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى ناتان ۋەندېركلىپپى تەرىپىدىن 30-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان «خىتاي چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى قانداق نىشانغا ئېلىۋاتىدۇ؟» مەزكۇر ماقالىدە، ئاپتور خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانادانى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا، ئۇلارنىڭ يۇرتىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى گۆرۈگە ئېلىش، جاسۇسلارنى ئىشلىتىش، خەت ۋە ئۇچۇرلار ئارقىلىق تەھدىت سېلىش ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىشكە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتايغا ئىشلەشكە، ئۇچۇر بېرىشكە زورلاش ۋە قورقۇتۇش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى يورۇتۇش ئۈچۈن چەتئەللەردىكى بەزى ئۇيغۇر جامائىتى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى زىيارەت قىلغان. مۇخبىر ناتان ماقالىسىدە خىتاينىڭ مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن سالغان تەھدىتلىرى ۋە خىتاينىڭ قولى بىلەن مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان تۇتقۇندىن قېچىپ كېلىۋالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ گەرچە، ئۆزلىرى خىتاينىڭ تۈرمىلەرگە ئېلىپ جازالىشىدىن قۇتۇلغان تەقدىردىمۇ، خىتايغا قايتىپ كەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ بولسا، يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئامالسىز چەتئەللەردە قالغان بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناھايىتى ئېغىر روھى بېسىمدا ياشاۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللارنى مىسرادىن تۈركىيەگە كېلىپ ياشاۋاتقان ئاينۇر ئىسىملىك بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ بايانىدىن بەرگەن بولۇپ، ئاينۇر مۇخبىرغا دادىسىنىڭ تەربىيىلەش مەركىزىگە سولانغانلىقىنى، دادىسىنىڭ جىنايىتى بولسا، ئۆزىنىڭ خىتايغا قايتىپ كەتمىگەنلىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئاپتور ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بۇ خىل تەھدىتلىرى تەسىرىدە ئاۋسترالىيەدىكى سوفىيە ئىسىملىك بىر قىزنىڭ ھەتتا ھىجابىنى ئېلىۋېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، فامىلىسىنى يوشۇرۇپ قېلىش شەرتى بىلەن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بۇ قىز ئوقۇغۇچى، ئۆزىنىڭ ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقىنى بىلەن بەرىبىر خىتاينىڭ قانۇنىغا بوي سۇنۇشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ھىجابلىنىش ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي تەرىپىدىن چەكلەنگەن بولغاچقا، ھىجابلىق سۈرەتلىرىنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن جازالىنىش سەۋەبى بولۇپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئاپتور ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋاسىتىلىك ۋە بىۋاسىتە تەھدىت سېلىشتىن باشقا، خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ مەخسۇس ئادەملەر ئارقىلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئۇچۇر توپلاش، جاسۇسلۇق قىلىشقا كۈچ ۋە مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىنى يېقىندا تۈركىيەدىكى ئۇلۇغداغ ئەپەندى ئاشكارىلىغان، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلىش ئۈچۈن تۈركلەرگىمۇ يۇقىرى ھەق بىلەن ئىش تەكلىپى سۇنغانلىقىنى ئاشكارىلىغانلىق خەۋىرى ئارقىلىق يورۇتقان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۆزىگە قارشى پائالىيەتچىلەرنى نىشان قىلغان تەھدىتلىرىنىڭ تېخىمۇ جىددىي ۋە ئاشكارا بولۇۋاتقانلىقىنى بولسا، خىتايدىكى ئورگان سودىسى تېمىسىدىكى دوكلاتلىرى بىلەن دۇنيادا غۇلغۇلا قوزغىغان، ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىدىن ئەنۋەر توختى ئەپەندىنىڭ يېقىندا ئۇچرىغان سىرلىق تەھدىت ئارقىلىق ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە كۈزنىڭ باشلىرىدا، بىر ناتونۇش كىشى تەرىپىدىن لوندوندىكى كافېخانىغا سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىنغان ئەنۋەر توختىغا، باشتا بىر دوستىنىڭ تونۇشى دەپ ئۆزىنى تونۇشتۇرغان بۇ كىشى «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا بولىدىغانلىقى، ئەمما قىزىل سىزىقتىن چىقىپ كەتمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكى» نى ئېيتقان، ئەنۋەر توختى مۇخبىرغا ھەتتا، ئۇ كىشىنىڭ «قىزىل سىزىقتىن چىقىپ پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرغاندا سېنىڭ بۇ دۆلەتتىكى بىخەتەرلىكىڭگە كاپالەتلىك قىلالمايمىز» دەپ ئاشكارا تەھدىت سالغانلىقىنى ئېيتقان. ماقالىدە ئەسكەرتىلگىنىگە قارىغاندا ئەنۋەر توختىنىڭ پەرىزىچە، بۇ تەھدىتنىڭ ئارقىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بار ئىكەن.
ماقالىغا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى كۆزەتكۈچىلەردىن ئاۋسترالىيە لا تروبې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى جامېس لېيبولنىڭ «خىتاي چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىگە يېقىن تۇرۇشىنى خالايدۇ، چۈنكى شۇنداق بولغاندا خىتاي ئۇلارنى تېخىمۇ ئىنچىكە كۆزىتەلەيدۇ» دېگەن بايانلىرىنى قىستۇرۇلغان. بۇ ھەقتە ئوخشاش پىكىردە بولغان كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رۇقىيە تۇردۇش، كانادادىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ خىتاينىڭ ھەر خىل ئۇسۇللاردىكى تەھدىتلىرىگە ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئاتا-ئانىلىرى ياكى ئۇرۇق تۇغقانلىرى گۆرۈگە ئېلىنغان بولغاچقا ئاۋاز چىقىرالمايۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاردىكى بۇ خىل ئائىلىسىگە بولغان ساداقەتمەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، بىر بولسا خىتايغا قايتىشقا ياكى ئۇن-تۈنسىز ياشاشقا مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ، ئەركىن ئەللەردە تۇرۇپمۇ خىتاينىڭ تەھدىتلىرىدىن قۇتۇلالماي ھەر خىل روھىي بېسىمدا ياشاۋاتقانلىقلىرى ھەققىدە مۇخبىر ناتخاننى قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتكەن كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رۇقىيە تۇردۇش خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.
رۇقىيە خانىم گەرچە خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىملىرى ۋە تەھدىتلىرى ئىنتايىن ئېغىر بولسىمۇ، بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىش ياكى خىتاينىڭ دېگىنىنى قىلىش بىلەن ۋەھىمىدىن قۇتۇلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ھېچبولمىغاندا بۇ بېسىم ۋە ۋەھىمىنىڭ بىر ۋە ئىككى ئۇيغۇرلار ئەمەس پۈتۈن بىر مىللەت ئۇچراۋاتقان بېسىم ئىكەنلىكىنى، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىغا، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا ئاڭلىتىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش، ۋەھىمىدىن قۇتۇلۇش يولى ئىزدەش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئامېركىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى، نىكول موگرېت خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كانادا «يەرشارى ۋە مەكتۇپلار گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىشتا «ئىنتايىن پايدىلىنىش قىممىتى بار ماقالە» دەپ باھا بەردى. ئۇ، مەزكۇر ئورگاننىڭمۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەھدىتىگە ئۇچراش مەسىلىسىدە مەخسۇس دوكلات تەييارلاۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا دوكلاتنىڭ پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.
نىكول خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ئورگان تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئوخشىمىغان ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئالغان مەلۇمات ۋە تەكشۈرۈشلەردىنمۇ خىتايدىن كېلىۋاتقان بۇ خىل بېسىمنىڭ يېڭى مەسىلە ئەمەسلىكى ئېنىق. ئەمما دائىرىلەر بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى بېسىمنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش تاكتىكا ۋە ۋاسىتىلىرىنىمۇ كۈچەيتكەن. مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىشانغا ئېلىنىشىمۇ بۇنىڭ بىر پارچىسى. خىتاي ھۆكۈمىتى مىسىردىن باشقا ئەللەردە ھەتتا ئامېرىكادا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغىمۇ ھەر خىل تەھدىت ئىشلىتىپ قايتىپ كېتىشكە زورلىغان ئەھۋاللار مەلۇم ئىكەن.
نېكول خانىم ئەركىن ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، ئۆزلىرى ياكى باشقىلار ئۇچرىغان بېسىم ۋە زۇلۇم ئۈستىدىن سۈكۈتتە تۇرۇش خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قورقىسىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ يۇقىرى بېسىم سىياسىتى ۋە تەھدىت ئىشلىتىشىدىن باشقا نەتىجە بەرمەيدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھەتتا خىتاينىڭ چەتئەللەردە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىمۇ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم، مېنىڭچە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئۇچرىغان بېسىم قورقۇتۇش تەھدىتلەرنى يېڭىش ئۈچۈن ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرگە خىتاينىڭ تەھدىت ۋە جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئاشكارىلىشى كېرەك، ئاخباراتلارغا ئاشكارىلاش ئارقىلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەزكۇر مەسىلىگە جىددىي قارىشىنى قولغا كەلتۈرۈش زۆرۈر»، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، بۇنىڭ رولى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، شىۋېتسىيە ۋە گېرمانىيەلەردە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلغانلارنىڭ پاش بولۇپ جازالىنىشى بۇنىڭ مىسالى، دەپ كۆرسەتتى.
«خىتاي چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى قانداق نىشانغا ئېلىۋاتىدۇ؟» تېمىلىق بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى كانادالىق مۇخبىر ناتان ۋاندەركلىپ، يەكەندە 2014-يىلى 28-ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن ئېلىشقۇ ۋەقەسىنىڭ ئېچىلمىغان سىرلىرى ھەققىدە خەۋەر ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ يىل 23-ئاۋغۇست يەكەننىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىغا بارغاندا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئېلىشقۇ ساقچىخانىسىدا ئۈچ سائەتتەك تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، قويۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ كومپيۇتېرىنى كېيىن ئەۋەتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇتۇپ قالغان ۋەقە ئاخباراتلاردا نۇرغۇن ئىنكاس قوزغىغان ئىدى.