خىتاينىڭ «تىللا دەرىخى» گە ئايلاندۇرۇلغان توغراقلىقلار
2024.10.27
توغراق كەم ئۇچرايدىغان دەرەخلەردىن بولۇپ، ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، تارىم ۋادىسىدىكى توغراقلىق كۆلىمى پۈتۈن دۇنيادىكى توغراقلىق كۆلىمىنىڭ 60 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن. تەكلىماكان توغراقلىرى تىلغا ئېلىنغاندا كىشىلەر ئالدى بىلەن توغراقنىڭ قۇم بارخانلىرىنى يېرىپ چىققان قەيسەر ۋە باش ئەگمەس روھىنى ئەسلەيدۇ. خەلق ئىچىدە ‹‹توغراق قەيسەر دەرەخ، تىك تۇرۇپ مىڭ يىل، يىقىلىپ مىڭ يىل، يەر ئاستىدا مىڭ يىل ياشايدۇ›› دېگەن سۆزلەرنىڭ تارقىلىشىمۇ توغراقنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئېڭىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانلىقىنىڭ بىر دەلىلىدۇر.
كۆزىتىشىمىزچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە «توغراق بايرىمى» نامىدا تۈرلۈك بايراملارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، بايرام تەشۋىقاتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرماقتا. خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا، بۇ خىل بايراملارنىڭ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، خىتاي ئۆلكىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى تەكىتلەنمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى تارىم ئويمانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەشقەر، شايار، لوپ ناھىيەسى قاتارلىق بىر قىسىم رايونلاردا «توغراق مەدەنىيەت بايرىمى» نامىدا تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ كەلگەنىدى. «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» تورىنىڭ 21-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە، بۇ يىلمۇ مارالبېشى، پوسكام ناھىيەلىرىدە «15-قېتىملىق ئالتۇن توغراق مەدەنىيەت ساياھىتى بايرىمى» ۋە قەشقەر شەھىرىدە «5-قېتىملىق قەشقەر يىپەك يولى مەدەنىيەت توغراق بايرىمى» ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
دەرۋەقە مىڭلىغان خىتاي ساياھەتچىلەر بۇ قېتىمقى بايرامغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقى ۋە تارىم دەرياسى ئەتراپىدىكى بوستانلىقلاردا ئۆسكەن توغراقلىقلارنىڭ كۈز پەسلىدىكى ئالتۇن رەڭگە كىرگەن ئاجايىپ جۇلاسىدىن بەھر ئالغان. خەۋەرلەردە «توغراق مەدەنىيەت باغچىسى» نامىدا بەرپا قىلىنغان ئىپتىدائىي توغراقلىقلاردا ماشىنا ۋە موتوسىكلىت بىلەن كېزىش، چېدىر تىكىش قاتارلىق 30 نەچچە خىل پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، زور ئىقتىسادىي پايدا ياراتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان. بۇ بايرامغا يەنە شاڭخەي شەھىرىدىن سەنئەتچىلەر ۋە رەسساملار تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. پائالىيەت جەريانىدا خىتاي ئەنئەنىۋى مۇزىكىلىرى ۋە سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلىپ، خىتاي مەدەنىيىتى داغدۇغىلىق تەشۋىق قىلىنغان.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەبىئىي توغراق ئورمانلىرىنى خىتاينىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش سىياسىتىنىڭ قورالى سۈپىتىدە، تەكلىماكان ئەتراپىدىكى بىپايان توغراقلىقلارنى «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ» كە ئايلاندۇرۇش پىلانىنى سوقماقتا.
خىتايلارنىڭ توغراق دەرىخىگە بولغان ھەۋىسى ۋە قىزىقىشى خىتاي سۇلالىلىرى دەۋرىدىلا شەكىللەنگەن دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا خىتايلار ئۆزلىرى بىلەن چېگراداش زېمىنلاردا ياشىغان بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىگە تەۋە بولغان ھونلار، شىيەنبېيلار ۋە دىلار قاتارلىق چارۋىچى مىللەتلەرنى «خۇلار» ياكى «خۇزلار» دەپ ئاتىغان بولۇپ، تارىختىكى «خۇلار» نىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە مۇزىكا-ئۇسسۇل مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى مەلۇم. بۇلارنىڭ ئىچىدە توغراقمۇ ئەزەلدىن خىتايلار ئۈچۈن ناھايىتى سىرلىق بىلىنىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن توغراقنى خىتاي تىلىدا تا بۈگۈنگىچە «خۇلارنىڭ تېرەك دەرىخى» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «خۇ ياڭ» ºúÑî سۆزى بىلەن ئاتاپ كەلگەن.
ھالبۇكى خىتايلار ئەلمىساقتىن بېرى تەلپۈنگەن ۋە ئىلكىگە ئېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەن تەكلىماكاندىكى ئاشۇ قويۇق توغراقلىقلارنىڭ كۆپ قىسمى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يېتىپ كېلىش قەدىمى بىلەن تەڭ، خىتاي ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈۋېلىندى. خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا دائىم «توغراقتەك يىلتىز تارتىش» دەيدىغان سۆز كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر زېمىنىغا يەرلىشىشىدە ۋاز كەچمەستىن، قەيسەرلىك بىلەن مۇستەملىكە قەدىمىنى تېزلەشتۈرۈشتەك سىياسىتىنى ئەڭ ئوبرازلىق تۈردە ئىپادىلەپ بەرگەن.
بىڭتۈەن ئەسكەرلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن نورمىدىن ئارتۇق بوز يەر ئېچىش، سۇ مەنبەلىرىنى قالايمىقان ئېچىش قاتارلىق ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇش قىلمىشلىرى نەتىجىسىدە، توغراقلىقلار قۇرۇپ كېتىش ۋە مەجبۇرىي كېسىلىشتەك بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچراپ، كۆلىمىمۇ شىددەت بىلەن تارىيىپ كەتكەنىدى.
ئەسىرلەر بويى قەد كۆتۈرۈپ كەلگەن توغراق ئورمانلىرى تارىختا قىتئەنى قىتئەگە، ماكاننى ماكانغا، كۆڭۈلنى كۆڭۈلگە ئۇلىغۇچى قانچىلىغان ئەلچىلەر ۋە سەيياھلارنى تەكلىماكاننىڭ قۇم-بورانلىرىدىن قوغداپ ھىمايىسىگە ئېلىپ كەلگەن ئىدى. تەكلىماكان توغراقلىرى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تەكلىماكان ئەتراپىدىكى قەدىمىي ئىزلارنى تەكشۈرۈش-تەتقىقاتتا بولغان بىر قىسىم غەربلىك سەيياھلاردا چوڭقۇر تەسىراتلارنى قالدۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خاتىرىلىرىدىن ئورۇن ئالغان. شىۋېتسىيەلىك ئېكسپېدىتسىيەچى سۋېن ھېدىن Sven Hedin تارىم دەرياسى ئېقىنىدىكى سەپەرلىرىدە توغراق ياغىچىدىن ياسالغان كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ، تالاي قېتىم قومۇشلۇقلار ۋە توغراقلىقلاردىن كېسىپ ئۆتكەن ۋە ئالەمشۇمۇل بايقاشلارنى دۇنياغا جاكارلىغان ئىدى.
سۋېن ھېدىننىڭ تارىم ۋە لوپنۇر رايونلىرىدا توپلىغان يەر-جاي ناملىرى ئارىسىدا، «توغراق» سۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «باش توغراق»، «توغراق بۇلاق»، «توغراقلىق كۆل»، «قارا توغراق»، «توغراق تۆپە» قاتارلىق يەر ناملىرى ئۇچرايدۇ. بۇلاردىن باشقا ئاۋات رايونىغا تەۋە ‹‹ئەختەم بۇزۇرۇكگاھ››، ‹‹سەردار گۈمبىزى›› قاتارلىق جايلاردىن، كىچىك مۈرەن قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن، چەرچەندىكى زاغۇنلۇقتىن، نىيە خارابىلىكىدىن، شۇنداقلا لوپنۇر ئەتراپىدىكى جايلاردىن توغراق ياغىچىدا ياسالغان تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، ئۆي جاھازلىرى ۋە توغراق قوۋزىقىدىن ياسالغانلىقى ئىسپاتلانغان قەغەز پارچىلىرى قېزىۋېلىنغان. قەدىمىي قەبرىستانلىقلاردىن قېزىۋېلىنغان بۇيۇملار ئىچىدە توغراق ياغىچىدىن ياسالغان ئەڭ قەدىمكى چالغۇ ئەسۋاب غوڭغا بايقالغان بولۇپ، 2700 يىللىق تارىخى بىلەن دۇنيا جېننىس رېكورتى قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن.
توغراق ئۇيغۇر خەلقىگە نىسبەتەن قاتناش قورالى ۋە تۇرمۇش بۇيۇمى بولۇشتىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد-ئەقىدىلىرى، توي-تۆكۈن، دەپنە مۇراسىملىرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن دەپ ئېيتالايمىز. لوپنۇر خەلقىنىڭ تويلۇق سېلىش ئادىتىدە توغراق ياغىچىدىن ياسالغان يەرلىك تىلدا «كاپان» دەپ ئاتالغان قولۋاق مۇھىم تويلۇق ھېسابلىنىدۇ. قۇم دەريا ۋادىسىدىن تېپىلغان قەدىمىي قەبرىلەردە لوپنۇر خەلقىنىڭ جەسەتنى كىچىك قولۋاقلارغا سېلىپ دەپنە قىلىش ئادىتى ئەكس ئەتكەن بولۇپ، بۇ خىل ئادەت شىمالىي ياۋروپادىكى بىر قىسىم جايلاردىمۇ كۆرۈلگەن ئادەت ئىدى.
خىتاينىڭ بىڭتۈەن قۇرۇلۇشلىرى ۋە يېقىنقى زاماندىكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان مۇستەملىكىچىلىك ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئاستىدا، توغراقلىقلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىغا ئوخشاشلا خىتايلارنىڭ تالان-تاراج قىلىشىغا ۋە سۇيىئىستېمال قىلىشىغا ئۇچرىماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توغراق مەنزىرىسى ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۇلار جار سېلىۋاتقاندەك ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش ئۈچۈن بولغان بولسا، توغراقلىق رايونلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك ئىقتىسادىي
مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلىدى؟
ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپ ھالدا دەريا بويى يېزىسىغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي يۇرتلىرىنى قەدەممۇقەدەم يوقىتىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتلىرىدىن ۋە ئەسلىدىكى تىرىكچىلىك ئىگىلىكىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ توغراققا باغلانغان ئىشلەپچىقىرىش ھاياتى ۋە مەنىۋى ئېتىقادلىرىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا.
خىتاي مەنبەلىرىگە كۆرە 1995-يىلى تارىم دەرياسىنىڭ ئۈستۈنكى ۋە ئوتتۇرا توغراق ئورمىنىنىڭ كۆلىمى 1950-يىللارنىڭ بېشىدىكى 6 مىليون مودىن ھازىرقى 3 مىليون 600 مىڭ موغا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى 810 مىڭ مودىن ھازىرقى 110 مىڭ موغا چۈشۈپ قالغان، شۇنداقلا يىلىغا 50 مىڭ مودىن قۇرۇپ كېتىۋاتماقتا. ئەپسۇسكى قۇرۇپ كېتىۋاتقان توغراقلارنىڭ نالىسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تويماس نەپسىنى توختىتالمىدى. خىتاي خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا خىتاي شىركەتلىرى توغراقتىن ئۆي جاھازلىرى، ئەسۋابلار، قەغەز قاتارلىقلارنى ياساشنى پىلانلاشتىن باشقا يەنە توغراق ئورمانلىرى باغچىلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىماقتا ئىكەن. دېمەككى، تارىم ۋادىسىدىكى قەدىمىي توغراقلىقلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىقتىسادىي كىرىم يارىتىدىغان بايلىققا ئايلاندۇرۇلماقتا.
[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]