«خىتاينىڭ چوڭ دۆلەت بولۇشى تۈركىيەگىمۇ باغلىق» ماۋزۇلۇق ماقالە ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايانلىرى

0:00 / 0:00

خىتاي يىپەك يولىنى قايتىدىن تىرىلدۇرۇش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن 5-ئاينىڭ 14-، 15- ماي كۈنلىرى بېيجىڭدا چاقىرىلغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىش پىلانىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدىن كېيىن، مەزكۇر يول تۈركىيەدە داۋاملىق ھالدا مۇنازىرە قىلىنىشقا باشلاندى. تۈركىيەدە تونۇلغان سىياسەتشۇناس، سابانجى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئىلتەر تۇران ئەپەندىنىڭ «خىتاينىڭ چوڭ دۆلەت بولۇشى تۈركىيەگىمۇ باغلىق» ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

«دۇنيا» تور گېزىتىدە 28-ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، «بىر بەلۋاغ، بىر يول خىتاي ئۈچۈن نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟ » تېمىسى ئاستىدا مۇنۇلار يېزىلغان: «بۇ، خىتاينىڭ چوڭ دۆلەت بولۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان بىر ئىش پىلانى. بىر بەلۋاغ، بىر يول يول بويىدىكى پۈتۈن دۆلەتلەرگە بىر نەرسىلەر بېرىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بىر پىلان. خىتاي ئىشلەپچىقارغان ماللىرىنى غەرب ئەللىرىگە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاپىرىپ سېتىش مەقسىتى بىلەن يول ئۆتىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشلىرىغا ياردەم قىلىش ۋە مەبلەغ سېلىش ۋەدىسىنى بەرمەكتە. بۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيەمۇ شېرىك بولغان ئاسىيا ئاساسىي قۇرۇلۇش بانكىسىنى قۇردى. ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى خىتاينىڭ رايوندىكى تەسىرىنى توسۇش ئۈچۈن بۇنىڭغا قارشى تۇردى.»

سىياسەتشۇناس، ئوبزورچى پروفېسسور دوكتور ئىلتەر تۇران ئەپەندى ماقالىسىدە، تۈركىيە بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىش پىلانىنىڭ قەيىرىدە دەپ سوراپ، يىپەك يولىنىڭ مىلادىدىن كېيىن 2-ئەسىردىن باشلاپ، خىتاينىڭ تارىخىي شەھىرى شىئەندىن باشلىغان بىر قاتناش لىنىيەسى ئىكەنلىكىنى، تۆگە كارۋانلار بىلەن يۈك توشۇغان بۇ يول شىمال ئارقىلىق ياۋروپاغا، جەنۇبتا ئىران ۋە باغدات ئارقىلىق تۈركىيەگە ئۇلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ، ماقالىسىدە خىتاينىڭ ھازىر تۈركىيەنى بۇ يىپەك يولىنىڭ بىرىنىڭ تۈگىنى قىلىمەن، بۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيەگە مەبلەش سالىمەن دەپ ۋەدە بەرگەنلىكىنى، خىتاي ماشىنا ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلىرىنى تۈركىيەگە قۇرۇپ تۈركىيەدىن ياۋروپاغا ماشىنا سېتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىلىق تەرەققىياتلىرىغا قارىغاندا بۇنى قىلالايدىغان كۈچتە ئىگەدەك قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىلتەر تۇران ئەپەندى ماقالىسىدە، بىر بەلۋاغ، بىر يول پىلانى خىتاينىڭ سىياسىي تەسىرىنى كۈچەيتەمدۇ دەپ سوراپ، ئۆزىنىڭ بۇ سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ:

«ئۇزۇن مۇددەتلىك قارايدىغان بولساق، ئاسىيانىڭ خوجايىنلىقىنى تالىشىپ رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا چوقۇم توقۇنۇش پەيدا بولىدۇ. بۈگۈن غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى قۇرۇلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا خىتاي بىلەن رۇسىيە ھەمكارلاشماقتا. ئەمما، بۇ ھەمكارلىقنىڭ ئىزچىل ھالدا داۋاملىشىشى مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ. بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىش پىلانى ئەمەلگە ئاشسا، خىتاينىڭ سىياسىي تەسىرى رۇسىيەنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى رايونلارغا كېڭىيىشى مۇمكىن. خىتاي نوپۇسىنىڭمۇ تېشىشى نەتىجىسىدە، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پەيدا بولۇشى مۇمكىن.»

قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان بىر بەلۋاغ، بىر يول پىلانىدا سىياسەتشۇناس، ئوبزورچى، پروفېسسور دوكتور ئىلتەر تۇران ئىلگىرى سۈرگەندەك تۈركىيە مۇھىم بىر تۈگۈن بولالامدۇ؟ خىتاي تۈركىيەدە ماشىنا ئىشلەپچىقىرىپ ياۋروپاغا ساتالامدۇ؟ بىر بەلۋاغ، بىر يول پىلانى ئىلتەر تۇران بايان قىلىپ ئۆتكەندەك رۇسىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلارمۇ؟ ئەگەر بۇنداق بولغان تەقدىردە، بۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنىستىتۇتى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ۋە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان، ئەنقەرەدە ئىقتىساتشۇناسلىق كەسپىدە ماگىستىرلىقنى تۈگەتكەن مەمەتجان ئونسۇ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.