ئەي ۋېيۋېي: جۇڭگو ھازىر ئەڭ ئېغىر خەتەرگە يۈزلەنمەكتە

0:00 / 0:00

تونۇلغان سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېينىڭ ئىجادىيىتىگە بېغىشلانغان كۆرگەزمە بۇ يىل گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىدى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ توسقۇنلۇقى سەۋەبلىك، بۇ يىللىق كۆرگەزمىنىڭ 2-ئاپرېلدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشالمىغان ئەي ۋېيۋېي گېرمانىيە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مۇخبىرنىڭ خىتاينىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «ئۇزۇنغىچە پىكىر ئەركىنلىكى بوغۇلۇپ كېلىۋاتقىنى ئۈچۈن، جۇڭگو ھازىر ئەڭ ئېغىر خەتەرگە يۈزلەنمەكتە. مانا بۇ كوممۇنىستلارنىڭ مىلتىقتىن ھاكىمىيەت چىقىدۇ دېگەن ئېتىقادىنىڭ نەتىجىسى»دېگەن. ئۇنىڭ مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا بەرگەن يۇمۇرلۇق ۋە كىنايىلىك جاۋابلىرى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە مۇنازىرە قوزغىماقتا.

ئۇزۇندىن بۇيان نەزەربەند ئاستىدا تۇرۇۋاتقان خىتاي سەنئەتكارى ئەي ۋېيۋېي 2-ئاپرېل كۈنى گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە ئۇنىڭ نامىدا ئېچىلغان سەنئەت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشالمىغان. ئەمما ئەي ۋېيۋېنىڭ خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ كۆرگەزمە ھەققىدىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، مۇخبىرنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا يۇمۇرلۇق ۋە كىنايىلىك ئۇسلۇبتا جاۋاب بېرىپ، كىشىلەرنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى بوغۇلغان،ھاكىم مۇتلەقلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ دېگەن سۆزلىرى ئىككى كۈندىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كۆچۈرۈپ بېسىلغاندىن باشقا، تۋىتېر، ۋىچات، فەيسبوئوك قاتارلىق ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغان.

تۋىتېر تورىغا يېزىلغان ئىنكاسلاردا، ئەي ۋېيۋېينىڭ گېرمانىيە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا بەرگەن جاۋابلىرىنىڭ ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى بېرلىن كۆرگەزمىسىگە قويۇلغان سەنئەت ئەسەرلىرىدىنمۇ بەكرەك تەسىر قوزغىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بىر تورداش ئەي ۋېيۋېي ھەققىدە توختىلىپ، «ئەي ۋېيۋېينىڭ سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرغىنى ئەمەلىيەت، ئۇنىڭ بۇ ھاكىمىيەتكە قارشى يۈزمۇ يۈز تۇرالىغىنى. ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ھاكىمىيەتنىڭ رەزىللىكىنى دادىللىق بىلەن پاش قىلالايدىغان روھى بولدى،» دېگەن.

ئەي ۋېيۋېي 2-ئاپرېل كۈنى گېرمانىيە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مۇخبىرنىڭ، «بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئەسەرلىرىڭىزدىن سىز ئەڭ رازى بولىدىغان ئەسىرىڭىز قايسى؟» دەپ سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «مېنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قاتنىشالمىغانلىقىمنىڭ ئۆزى مەندە ئەڭ رازىمەنلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلغان ئىش بولدى. مەن بۇ ئەھۋالنى بىر سەنئەت ئەسىرى دەپ قارايمەن. دەپ بېقىڭا دۇنيادا قايسى سەنئەتكار ئۆزىنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرى قويۇلغان كۆرگەزمىگە قاتنىشىشتىن چەكلىنىپ باقتى؟ مېنىڭ قاتناشتۇرۇلماسلىقىمنىڭ ئۆزى، مېنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمنى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىشىغا ئىمكان يارىتىپ بەردى.» دېگەن.

ئەي ۋېيۋېي يەنە مۇخبىرنىڭ «سىز بېرلىن شەھىرىدىكى كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلامسىز؟»، «ئەگەر سىزگە پاسپورت بېرىلىپ، چەتئەلگە چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشسىڭىز، سىز جۇڭگوغا قايتىپ كېلەلمەسلىكىڭىزدىن ئەنسىرىمەمسىز؟» دېگەن سوئاللىرىغا «سەنئەتكار ئۈچۈن ئۆز نامىدا ئېچىلغان كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، ئەسەرلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىش، باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەجرىبە توپلاش ئەلۋەتتە ياخشى ئىش. ئەمما مەن ھازىرقى ئەركىن پائالىيىتىم چەكلەنگەن تۇرمۇشقا كۆنۈپمۇ قالدىم. مەن ئۆزۈمنى ئەينى يىللىرى قەلەم تۇتۇشتىن 20 يىل چەكلەنگەن دادامدىن(شائىر ئەي چىڭدىن)كۆپ تەلەيلىك دەپ قارايمەن. ھەر ھالدا ئۇلار مېنىڭ سەنئەت ئىجادىيىتىمگە يول قويۇۋاتىدۇ»، «مەن توغرا-بىلەن خاتانىڭ نېمىلىكى ئېنىق بولمىغان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمەن. ھەر كۈنى نېمە قىلىشىم كېرەكلىكىنىمۇ شۇ كۈنى بەلگىلەشكە مەجبۇرمەن. مۇشۇ كۈنلەرنىڭ ئۆزىدە مەن ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن مېنىڭ پاسپورتۇمنى بىكار قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئۇنداق ئىكەن، مەن يەنە قانداقمۇ ئۇلارنىڭ مېنىڭ بۇ دۆلەتكە قايتىپ كېلىشىمگە يول قويىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالايمەن؟» دېگەن جاۋابلارنى بەرگەن.

ئەي ۋېي ۋېي يەنە مۇخبىرنىڭ «سىزگە قارشى تۇرغۇچىلار(جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى دېمەكچى)سىزنى بەكلا رادىكال دەپ قارايدىكەن،ئۇلارنىڭ دېگىنى توغرىمۇ؟»دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «ماڭا ئوخشاش ئاجىز بىر تەن قانداقمۇ رادىكال بولالىسۇن؟ مەن ئۇلاردىن مېنىڭ بېشىمغا ئۇرغان كىم؟ دەپ سورىدىم خالاس. سىزنىڭچە بۇ رادىكاللىقمۇ؟ مەن يەنە ئۇلاردىن» سىلەر مېنى نېمىشقا قاماپ قويدۇڭلار ۋە يەنە نېمىشقا قويۇپ بەردىڭلار؟» دەپ سورىدىم. سىزنىڭچە مېنىڭ بۇ سوئاللىرىممۇ رادىكاللىق؟ مېنىڭ دوستلىرىم يەنى مەندىنمۇ پاسسىپ ھالدىكى دوستلىرىم، كومپارتىيىگە ياردەم قىلماقچى، جەمئىيەتنى تۈزىمەكچى بولۇشتى. ئەمما ئۇلارمۇ ئوخشاشلا قاماپ قويۇلدى. ئەجەبا ئۇلار مەندىنمۇ رادىكالمۇ؟ ئەگەر مەن ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار بىلەن كارىم بولمايدىغان، بۇ جەمئىيىتىمىز ئەڭ ئۇلۇغ بىر دەۋردە تۇرۇۋاتىدۇ، مېنىڭ ھېچقانداق پىكرىم يوق دېگەن بولسام ئەسلى ئۇ ھالدا مەن رادىكاللاشقان بولاتتىم. مېنىڭچە ئۆلۈم يولىغا كېتىۋاتقۇچىنى قاراپ تۇرۇپ قۇتقۇزمىغان كىشىلا رادىكال ھېسابلىنىشى كېرەك» دېگەن.

ئەي ۋېي ۋېي يەنە كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسىگە ۋە خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە باھا بېرىپ، «جۇڭگو ھازىر ئەڭ ئېغىر خەتەرگە يۈزلەنمەكتە. چۈنكى جۇڭگودا ئۇزۇن مەزگىل بولدى پىكىر ئەركىنلىكى بوغۇلدى. جۇڭگودىكى ئەمەلدارلار بارلىق ھاكىم مۇتلەق ئەمەلدارلارغا ئوخشاش ئۆز ئەمىلىدىن ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ. جۇڭگودا پۇقرالار ئارىسىدا ئىشەنچ تۇيغۇسى قالمىدى. چۈنكى پۇقرالار ئولتۇراق ئۆيىنىڭ پەقەت مانچە يىللىقىنىلا سېتىۋالىدۇ، يەرگە ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى يوق. ھەتتا پۇقرالار ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ياشاپ كەلگەن كەنت-مەھەللىلەر كوچىلار ئۇلارغا تەۋە ئەمەس،(بۇلار دۆلەتنىڭ). كىشىلەر ئۆز-ئارا ھال مۇڭ ئېيتىشالمايدۇ، قولۇم-قوشنىلار بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرىگىنى ئۈچۈن سىردىشالمايدۇ. بۇ بىر ئۆز-ئارا ئىشەنچ يوقىغان جەمئىيەت. ئەڭ ئېچىنىشلىقى بۇ جەمئىيەتتە مەڭگۈ قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان بىر ھۆكۈمەت مەۋجۇت. بۇ ھۆكۈمەتمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلىگۈچىلەرگە ئىشەنمەيدۇ. ئۇنىڭ خەلقىمۇ ئۆز كۆڭلىدىكىنى بۇ ھۆكۈمەتكە ئىپادىلىيەلمەيدۇ.» دېگەن.