«خىتاي ئەڭ چوڭ دېموكراتىك دۆلەت» سەرلەۋھىلىك ماقالە مەسخىرىگە ئۇچرىدى
2015.08.27
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت گېزىتى-«يەر شارى ۋاقتى» دا ئېلان قىلىنغان «كىم ئەڭ چوڭ دېموكراتىك دۆلەت» سەرلەۋھىلىك ماقالە 14 سائەت ئىچىدىلا خىتاي تورداشلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك مەسخىرىسىگە ئۇچرىغان. بۇ ئەھۋال خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان.
«كىم ئەڭ چوڭ دېموكراتىك دۆلەت» سەرلەۋھىلىك ئوبزور ماقالىسىنى بېيجىڭ چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكوم سېكرېتارى خەن يوڭ قەلەمگە ئالغان.
27-ئاۋغۇستتىكى گوگۇل تورىدىن تەكشۈرگىنىمىزدە خەلقئارادا تونۇلغان نۇرغۇنلىغان خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى، داڭلىق تور بېكەتلىرىنىڭ كۈلكىلىك خەۋەرلەر ستونى، ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالە ۋە 1000 دىن ئارتۇق خىتاي تورداشلىرىنىڭ ئىنكاس يازغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ۋە خەۋەر ئانالىزلىرى ئېلان قىلىنغان.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى بۈگۈن ئېلان قىلغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ جۇڭگو ئەڭ دېموكراتىك دۆلەت دېگەن ماقالىسى مۇنازىرە قوزغىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئانالىزىدا ماقالىغا نىسبەتەن خىتاي تورلىرىدا يېزىلغان خىتاي تورداشلار ماقالە ئاپتورىنى «چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ 1-قول باشلىقى بۇنداق ماقالىنى يېزىپ ئېلان قىلغىنىدا باشقىلارنىڭ كۈلكە ئوبيېكتىغا ئايلىنىشتىن قورقمىغانمىدۇ؟! يەر شارى ۋاقتى گېزىتى بۇ ماقالىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئىشەنچلىك ھالدا ئۆزىنىڭ دېموكراتىيە ئۇقۇمىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئىپادىلەپتۇ،» دېگەن ئىنكاسلار نەقىل قىلىپ ئېلىنغان.
ياخوو تورىنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «يەنە بىر كۈلكىلىك خەۋەر چىقتى، جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ دېموكراتىك دۆلەت ئىمىش» دېگەن ماۋزۇ بىلەن «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» دىكى ماقالە ۋە خىتاي تورداشلىرىنىڭ ئىنكاسلىرى بېسىلغان.
خىتاي تورداشلىرى ماقالىدە ئىشلىتىلگەن «جۇڭگو ئەڭ چوڭ دېموكراتىك دۆلەت»، «جۇڭگو دېموكراتىيەسى ئەڭ ھەقىقىي» دېگەن ئىبارىلەرگە قاپىيىداش«جۇڭگو ئەڭ قەدىمىي دېموكراتىك دۆلەت»، «جۇڭگو ئەڭ مۇكەممەل دېموكراتىك دۆلەت»، «رەئىس ماۋ زېدوڭ ئۇلۇغ دېموكراتىيە تەشەببۇسچىسى»، «مەدەنىيەت ئىنقىلابىي پرولېتارىياتنىڭ دېموكراتىيەسى»،«جۇڭگودا ئەمەلدارلار دېموكراتىيەدىن پايدىلىنىپ بېيىدى» دېگەندەك ماۋزۇلار قويۇلۇپ كىنايىلىك ئىنكاسلار يېزىلدى.
بېيجىڭ چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ماقالىسىنىڭ 1-ئابزاسىدىلا غەربنىڭ دېموكراتىيە تەشەببۇسىغا ھۇجۇم قىلىپ: «غەرب تاراتقۇلىرى ھەر ۋاقىت ھىندىستاننى ئەڭ چوڭ دېموكراتىك دۆلەت دەپ مەدھىيەلەيدۇ، خوڭكوڭدىكى ئۆكتىچىلەرنى ‹دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار› دەپ تەرىپلەيدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىتى جۇڭگونى دېموكرات دۆلەتلەر قاتارىدىن سىقىپ چىقىرىش، جۇڭگودا ھۆكۈمەتسىزلىك قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىش. ئەمەلىيەتتە جۇڭگو 21-ئەسىردىكى ئەڭ ھەقىقىي دېموكراتىيىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەڭ ئۈنۈملۈك دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن.
خەنيوڭنىڭ ماقالىسىگە ئىنكاس يازغان گۇاڭدۇڭلۇق بىر تورداش خەنيوڭنىڭ سۆزىنى مەسخىرە قىلىپ، «سېكرېتار جانابلىرى توغرا دەيدۇ. مەنمۇ قوشۇمچە قىلاي. ماقالىغا ‹جۇڭگو ئەڭ قەدىمىي دېموكراتىك دۆلەت› دېگەن ئىبارىلەرنى قوشقان بولسا تېخىمۇ مۇكەممەل بولاتتىكەن. چۈنكى جەنگو دەۋرىدىكى مىڭزى ‹ئاۋامنىڭ كۆڭلىنى ئالساڭ جاھاننى قولغا ئالىسەن دېگەن›. رەئىس ماۋ زېدوڭ ‹خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى!› دېگەن. جۇڭگودا خەلق كومپارتىيەنى تاللىدى. ئۇلۇغ، دانا، ھېچ قاچان خاتالاشمايدىغان كومپارتىيە ۋە ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەتنى مەھكەم تۇتۇپ، ئىزچىل خەلقنىڭ مەنپەئەتنى ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا. شۇڭا دۆلىتىمىز خەلقىنىڭ ئاتالمىش ‹كىشىلىك ھوقۇق› دېگەن قۇرۇق ئېمىزگىگە ئەلۋەتتە ئېھتىياجى يوق. جۇڭگودا مىڭزى دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلغاندا ئامېرىكالىقلار تېخى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. شۇڭا ‹جۇڭگو ئەڭ چوڭ دېموكراتىك دۆلەت دېگەن بۇ سۆز زادىلا خاتا ئەمەس!› دەپ يازغان.
خۇبېي تىيەنمىن شەھىرىدىكى بىر تورداش «جۇڭگوچە دېموكراتىيە» دېگەن ماۋزۇنى قويۇپ، «داھىيمىز ماۋ زېدوڭ ‹خەلق دېموكراتىيەسى ئاساسىدىكى دىكتاتور بارلىق ئەكسىيەتچىلەرگە زەربە بېرىدۇ› دېگەن. مانا بۇ پەقەت جۇڭگودىلا بار دېموكراتىيە. بىز كومپارتىيە يارىتىپ بەرگەن ھەممە ئادەم باراۋەر، خاتىرجەم تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى تۇرمۇشىمىزغا رازى. شۇڭا بىز پەخىرلەنگەن ھالدا بىزگە جۇڭگوچە دېموكراتىيە كېرەك، غەربنىڭ قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇش غەرىزىدىكى ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق دېموكراتىيەسى كېرەك ئەمەس» دېگەن ئىنكاسنى يازغان.
بېيجىڭ چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پارتكوم سېكرېتارى خەنيوڭ ماقالىسىدە يەنە «بەزى دۆلەتلەر دېموكراتىيە دېگەن سۆزنى دەستەك قىلىۋېلىپ، پۇل ۋە مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى بىرقانچە سىياسىي پارتىيىلەر ئىچىدىن دۆلەت رەھبىرى سايلىماقتا. ئۇلار ‹دېموكراتىك سايلام› نامىدىكى بۇ تۈزۈمنى جۇڭگوغا تاڭماقچى.» دەپ يېزىپ، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ دېموكراتىك سايلىمىغا ھۇجۇم قىلغان.
خەنيوڭنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇرغان گۇيجۇلۇق بىر تورداش ئۆز ناھىيىسىدىكى بىر قېتىملىق ئاتالمىش دېموكراتىك سايلامنى نەقىل ئېلىپ، مەسخىرىلىك ئىبارىلەر ئارقىلىق جۇڭگوچە دېموكراتىك سايلامنى تەنقىدلىگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن:«مەن باشقا گەپ قىلماي پەقەت ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ناھىيىمىزدىكى دېموكراتىك سايلامنىلا نەقىل ئالاي. بىزنىڭ رايوندا خەلق ۋەكىلى سايلىغاندا ئىدارىمىزنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئالدىنالا ئىسمى بەلگىلەپ قويۇلغان ئۈچ كىشىگە بېلەت تاشلىدۇق. بىزگە بۇ ئۈچ كىشىدىن ئۆزۈڭلار تاللىغان كىشىگە بەلگە قويۇڭلار دېدى. بۇ كىشىلەرنى مەن بىلمەيدىكەنمەن، ئۇلارنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى ھېچكىمگە ئايان ئەمەس ئىكەن، ئەمما بىز يەنىلا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەنگە خالىغانچە بەلگە ئۇردۇق. مانا بۇ ھازىر بىزدە ئومۇملاشقان جۇڭگوچە دېموكراتىك سايلام. بىزدە ئەلۋەتتە چەتئەللەردىكىدەك ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن كىشىلەر جاپا تارتىپ ئۆز پىلانلىرىنى سۆزلەپ، پۇقرالارغا نېمە ئىش قىلىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرمەيدۇ. كىشىلەردىن ئۆزىنى قوللاپ بېلەت تاشلاشنى تەلەپ قىلمايدۇ. ھۆكۈمىتىمىز خەلقنى ۋاقتى زايە بولمىسۇن، سايلىنىدىغان باشلىقنى ئىزدەپ ئاۋارە بولمىسۇن دەپ، ئۆزىلا ئەڭ مۇۋاپىق نامزات كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىزمۇ بۇنىڭغا كۆنۈك. بىز ئەلۋەتتە غەربچە دېموكراتىك سايلام ئېلىپ بارىمىز دەپ جەمئىيەتنى قالايمىقان قىلساق بولمايدۇ-دە؟»
نەنجىڭ شەھىرىدىن بىر تورداش «خەنيوڭ ئەپەندى، ‹غەرب دۆلەتلىرى جۇڭگونى دېموكراتىك دۆلەتلەر قاتارىدىن چىقىرىۋەتتى› دەپ ۋايسىمىسا بوپتىكەن. مېنىڭچە دۆلىتىمىزدە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى دېموكراتىيەدىن پايدىلىنىپ تازا بېيىۋاتىدۇ. قاراڭلار ھەتتا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىمۇ جۇڭگوچە دېموكراتىيەدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، پارىخورلۇق بىلەن بېيىپ ‹كىچىك يولۋاسلار› غا ئايلىنىپ بولدى. ھازىر بالىلىرىمىزنى مەكتەپكە كىرگۈزۈش ئۈچۈن مەكتەپ مۇدىرىغا پارا بېرىمىز. دوختۇرغا داۋالىنىش ئۈچۈن ‹قىزىل بولاق› بېرىمىز. ھۆكۈمىتىمىز پاش بولغان بۇ پارىخور ئەمەلدارلارنى تۇتۇپمۇ تۈگىتەلمەيۋاتىدۇ. تيەنجىندىكى پارتلاش ۋەقەسىگە سەۋەب بولغىنىمۇ شۇ جايدىكى ساقچى باشلىقىنىڭ ئوغلىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى خىمىيىلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتى ئىكەن. مانا بۇ جۇڭگودا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى دېموكراتىيەدىن ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئەمىلى مىسالى» دەپ يازغان.
نەنجىڭلىق يەنە بىر تورداش كىنايىلىك قىلىپ، «ئەجەبا غەربنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمى ياخشى بولمىسا، ئۇنداقتا پۈتۈن دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر يەنە نېمە ئۈچۈن دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلىدۇ؟ دېموكراتىك سايلام تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ؟ خوڭكوڭ جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن جۇڭگو يەنە نېمە ئۈچۈن بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈمنى تەشەببۇس قىلىدۇ؟ خوڭكوڭلۇقلار نېمە ئۈچۈن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تۈزۈمىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدۇ؟ تەيۋەنلىكلەر نېمە ئۈچۈن جۇڭگونىڭ تۈزۈمىنى يولغا قويمايدۇ؟» دەپ يازغان.