خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى كېڭىيىۋاتقان نامايىشلار: شى جىنپىڭنىڭ زاۋاللىق كۈنى يېقىنلاۋاتامدۇ؟

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.11.29
urumchi-ot-shanghai-namayish تاجسىمان ۋىرۇس (COVID-19) قامالىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ۋە ئۈرۈمچىدە بىناغا تۇتاشقان ئوت ئاپىتىدە ئويلىرىدىن چىقالماي قازا قىلغانلارنى خاتىرىلەپ نامايىش قىلىۋاتقانلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 27-نويابىر، شاڭخەي.
AFP

خىتاي ھۆكۈمىتى 1989-يىلى «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن دۇچ كەلگەن بىر قېتىملىق ئەڭ كەڭ كۆلەملىك خەلق نامايىشى 25-نويابىردىن باشلاپ خىتاينىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىدە، جۈملىدىن شاڭخەي، چوڭچىڭ، گۇاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلىرىدە تۇشمۇ-تۇشتىن باشلاندى. ئۈرۈمچىدىكى «24-نويابىر ئوت ئاپىتى» پاجىئەسىنى پىلتە قىلغان بۇ نامايىشلارنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسى شاڭخەيدە ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇ قاتاردا نامايىشچى خىتايلار «شى جىنپىڭ تەختتىن چۈشسۇن! كومپارتىيە تەختتىن چۈشسۇن!» دەپ تۇنجى قېتىم ئاشكارا شوئار توۋلىدى.

«ۋال سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 27-نويابىردىكى تەھرىرات ماقالىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا مۇھىت مەسىلىسى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ زورلۇق-زومبۇلۇقى ياكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن ھەر خىل كۆلەمدىكى پۇقرالار نامايىشى ئوخشىمىغان رايونلاردا كۆرۈلۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كومپارتىيەسىگە ۋە شى جىنپىڭغا قارشى شوئارلار بىۋاستە توۋلانغان بۇ خىلدىكى نامايىش كۆرۈلۈپ باقمىغان. يەنە كېلىپ ئىزچىل تۈردە «دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇكەممەل نازارەت سىستېمىسىغا ئىگە بولغان ساقچى دۆلىتى» دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان خىتايدا خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى مەنىدىكى ھەرقانداق سۆز-ھەركەتنىڭ بەدىلى بەكمۇ ئېغىر بولىدىغانلىقى يىللاردىن بۇيانقى كۆپلىگەن تۇتقۇن ۋە باستۇرۇش ھەركەتلىرىدىن كۆپلەپ مەلۇم بولغان. ئەنە شۇنداق مۇدھىش بەدەلنىڭ سايىسى لىڭشىپ تۇرىۋاتقاندا مىڭلىغان خىتاي ئاممىسىنىڭ كوچىغا چىقىپ «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چارە-تەدبىرلىرىنى بىكار قىلىش، جۈملىدىن ئۆلۈك ھالدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان «قامال چارىلىرى» نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە ئاشكارا قارشىلىق كۆرسىتىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» مېخانىزىمى ئەمىلىيەتتە ھەممىگە قادىر ئەمەسلىكىنى بىۋاستە ھالدا كۆرسىتىپ بەرگەن. تېخىمۇ مۇھىمى ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ بىردەك «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى بويىچە ئۆلۈك ئىجرا قىلىنىۋاتقان قامال تەدبىرلىرىنىڭ قۇربانى سۈپىتىدە كۆيۈپ كەتكەنلىكى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ ۋەقە جەريانىدىكى بيۇرىكىراتلىقى قاتارلىقلار بۇ خىل پاجىئەلەرنىڭ قامالدىكى ھەممىلا كىشى دۇچ كېلىشى مۇمكىن بولغان ئىشلار ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ۋىرۇس يۇقۇمىغا قارشى قامال چارىلىرى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي چېكىنىشنىڭ خىتايدىكى نەچچە ئون مىليون نوپۇسقا ئىگە ئوتتۇرا تەبىقە قاتلىمىغا قانچىلىك زىيان سېلىۋەتكەنلىكىنى ۋاستىلىك ھالدا نامايەن قىلغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى برايىن خارت (Brian Hart) بۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ خىتاي ئۈچۈن زور بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى مۇنداق تەكىتلەيدۇ:

«دەرۋەقە بىز ھازىر، شۇنداقلا مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىدا كۆرۈۋاتقان بۇ مەنزىرىلەر راستلا ئاجايىپ. چۈنكى ئالدى بىلەن بۇ ھال بىزگە خىتاي مىقياسىدا بىر قېتىملىق ئومۇمىي خەلق نامايىشى بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇنداق ھالەت 1989-يىلىدىن بۇيان تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى. ئىككىنچىدىن بۇ نامايىشچىلار تاجىسىمان ۋىرۇسنى كونترول قىلىش چارىلىرىگە ۋە شى جىنپىڭغا قارشى چىققان. شۇنىڭدەك بۇ چارىلەرنى ۋە سىياسەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئاشكارا تەلەپ قىلغان. مېنىڭچە بۇ ھالنى ئۆتكەن 30 يىلدا زادىلا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئەھۋال دېيىشكە بولىدۇ».

تاجسىمان ۋىرۇس (COVID-19) قامالىغا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىۋاتقان نامايىشچىلار، ئاق ۋاراق قەغەز تۇتۇپ، ئۈرۈمچىدە ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنى خاتىرىلىمەكتە. 2022-يىلى 27-نويابىر، بېيجىڭ.
تاجسىمان ۋىرۇس (COVID-19) قامالىغا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىۋاتقان نامايىشچىلار، ئاق ۋاراق قەغەز تۇتۇپ، ئۈرۈمچىدە ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنى خاتىرىلىمەكتە. 2022-يىلى 27-نويابىر، بېيجىڭ.
REUTERS

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ 27-نويابىردىكى ئوبزورىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا تېزدىن يامراۋاتقان خەلق نامايىشلىرىنىڭ خەلقئارادا بۇنچە زور دىققەت قوزغىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم سەۋەب بۇ ھادىسىنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدا ئۈچىنچى قېتىم رەئىس بولۇپ «سايلانغان» لىقىدىن بىرەر ئاي ئۆتۈپلا باشلىنىشى بولغان. بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ «تاجىسىمان ۋىرۇسىنى تولۇق كونترول قىلىش» ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قابىل رەھبەر ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىش ئارزۇسى بىر قاتار مېخانىك چارىلارنى ئۈچ يىلدىن بۇيان قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ خەلققە قانچىلىك ئاپەت بولغانلىقى «24-نويابىر ئوت ئاپىتى» دىن كېيىن بىراقلا پارتلاپ چىققان. يەنە كېلىپ خىتاي كومپارتىيەسى مۇشۇ قېتىملىق ۋىرۇس يۇقۇمىنى كونترول قىلىش چارىلىرىنى دەستەك قىلىش ئارقىلىق «سوتسىيالىزىمنىڭ غەرپ دېموكراتىيەسىدىن قانچىلىك ئىلغار ئىكەنلىكى» نى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋىرۇس يۇقۇمىدا ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ سانىنى يوشۇرۇش ئارقىلىق خىتايدا ۋىرۇستىن ئۆلگەن ئادەم غەرپ دۇنياسىدا ئۆلگەنلەردىن غايەت زور دەرىجىدە ئاز ئىكەنلىكىنى بازارغا سالغان. ھالبۇكى ئۈچ يىللىق قامال ماھىيەتتە تاجىسىمان ۋىرۇسىنى كونترول قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان، پەقەت ئۇنىڭ تارقىلىشىنى مەلۇم ۋاقىت ئارقىغا سۈرگەن. بۇ جەرياندا شى جىنپىڭنىڭ «خىتاي مىللەتچىلىكىدىن ئىلھام ئالغان غۇرۇرى» غەرب دۇنياسىنىڭ ۋاكسىنىسىنى ئىمپورت قىلىشنى قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلغان. ئەمما خىتاي ئىشلەپچىقارغان ۋاكسىنا بۇ قېتىملىق ۋىرۇس يۇقۇمىدا كارغا كەلمىگەن. يەنە كېلىپ خىتاي خەلقىنىڭ ئومۇمىي ئىممۇنېت كۈچىنىڭ قانچىلىك تۆۋەنلىكى شۇنچە ئاشكارا نامايەن بولۇۋاتقاندا يېتەرلىك دوختۇرخانا ۋە ئۈنۈملۈك ۋاكسىنا بولماسلىقى خەلق ئاممىسىنىڭ سەۋرى قاچىسىنى تولدۇرغان ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. بۇنىڭ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى ئېراسى» ھە دىمەستىلا پاتقاققا پېتىپ قېلىش قىسمىتىگە دۇچ كەلگەن.

CNN نىڭ 28-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شاڭخەيدىن تاكى بېيجىڭغا قەدەر بولغان جايلاردا يامراۋاتقان بۇ خەلق نامايىشلىرى ئاز دېگەندىمۇ 16 شەھەردە يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇلار ماھىيەتتە خىتاي خەلقىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە ۋە شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىنىڭ بىر قېتىملىق ئاشكارا پارتلىشى ھېساپلىنىدىكەن. بولۇپمۇ ھەرقايسى خىتاي شەھەرلىرىدىكى نامايىشلاردا نامايىشچىلار ھېچقانداق خەت يېزىلمىغان سۈت رەڭ قەغەز ۋاراقلىرىنى كۆتۈرگىنىچە نامايىش قىلغان ھەمدە شۇ ئارقىلىق «سۆزلىگۈسى بار شۇنچە كۆپ ئىشلار بولسىمۇ ئۇلارنىڭ بىرسىنىمۇ ئېغىزدىن چىقارغىلى بولمايدىغانلىقى» دەك رېئاللىقنى ئىشارە قىلغان. بەزىلەر بۇ ھالنى «ئاق قەغەز ئىنقىلابى» دەپ ئاتاشقا باشلىغان.

CNN نىڭ 28-نويابىردىكى خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنغان بىر ئۆزگىچىلىك شۇ بولغانكى، خىتاي دائىرىلىرى مەيلى ئۈرۈمچىدە بولسۇن ياكى بېيجىڭدا بولسۇن بىردەك بۇ ھالنى ئېتىراپ قىلمىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بىر قىسىم مۇخبىرلارنىڭ «كەڭ ئەۋج ئېلىۋاتقان نامايىشلار سەۋەبىدىن نۆۋەتتىكى ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش چارىلىرى بىكار قىلىنامدۇ؟» دېگەن سوئالىغا قارىتا «سىز تىلغا ئالغان ئەھۋال رېئاللىقنىڭ ئىنكاسى ئەمەس» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۈرۈمچىدە بولسا «ئۆسەك سۆز تارقاتقانلار ۋە يۇقۇمنى كونترول قىلىش چارىلىرىگە قارشى تۇرۇپ جەمىيەت تەرتىۋىنى بۇزغانلارنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى» ھەققىدىكى سۆزلەر ھۆكۈمەت باياناتىدىن ئورۇن ئالغان. ئەنە شۇ خىل رېئاللىقنى كۆزدە تۇتقان ھالدا بەزى ئانالىزچىلار نۆۋەتتىكى خىتاي خەلقىنىڭ ۋىرۇس يۇقۇمىنى كونترول قىلىش چارىلىرىگە قارشى نامايىشلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ۋە شى جىنپىڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغۇدەك قۇدرەتكە ئىگە ئەمەسلىكىنى تەكىتلەيدۇ. «تۆپىلىك» (The Hill) گېزىتىنىڭ 28-نويابىر سانىدا ئېلان قىلىنغان ياڭ جيەنلى ئىمزاسىدىكى ئوبزوردا بۇ ھال ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. شۇنداقلا بۇنىڭ ماھىيەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىتايدىكى پۇقراۋىي جەمىيەتنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى خەلق ھەركىتىنى قوللاش ھەمدە خىتاي كومپارتىيەسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنىڭ «ئالتۇن پۇرسىتى» ئىكەنلىكى ئېيتىلىدۇ. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا برايىن خارت نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ نامايىشلارنىڭ ئومۇمىي ئېقىمغا ئايلىنالىشى قىيىن ئىكەنلىكىنى مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: «ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرگەنلىكىنى داۋراڭ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ بۇنىڭدا كۆپلىگەن گۇمانلار بار ئىدى. خىتاي كومپارتىيەسى بۇ تەدبىرلەرنى بىر قېتىملىق مۇۋەپپىقىيەت سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىپ كەلگەن ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ۋىرۇسنى كونترول قىلغانلىقىغا ئىسپات قىلغان ئىدى. ئەمدىلىكتە بۇ ئىشلار شى جىنپىڭ ئۈچۈن يېڭى بىر بويۇنتۇرۇق بولۇپ قالدى. ئەمما ئۇنىڭ بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشى ھەققىدە كېسىپ بىرنەرسە دېگىلى بولمايدۇ. ئەمما ھەپتە ئاخرىدىكى مەنزىرىلەردىن قارىغاندا شى جىنپىڭ تېخىمۇ كۆپ خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ نامايىشقا ئەگىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇنى قاتتىق قوللۇق بىلەن جىمىقتۇرىۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ نامايىشلار بەك ئۇزۇن داۋام قىلالماسلىقى مۇمكىن. 1989-يىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىمۇ پۈتۈن خىتاي مىقياسىغا يېيىلغان بولسىمۇ ئارانلا ئىككى ئاي داۋام قىلالىغان. شۇڭا بۇ ئىشلارنى داۋاملىق كۆزىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ».

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 28-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تىنچ شەكىلدىكى بۇ نامايىشلارنى باستۇرۇشنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە قانچىلىك كىشىنىڭ مۇشۇ نامايىشقا باغلىنىپ تۇتقۇن قىلىنىشى ھەققىدە كۆپلىگەن تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. ئەمما ئەڭ مۇھىمى بۇ قېتىمقى نامايىشتا خەلقنىڭ نارازىلىقىغا چەتئەل ھاكىمىيەتلىرى ئەمەس، بەلكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزى سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى خىتايلارنىڭ بىلىدىغانلىقى ئاشكارا بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.