«دىكتاتورلۇقنىڭ باش كۆتۈرىشى ۋە ‹ئۆتكۈر كۈچ› نىڭ كېڭىيىشى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.12.20
diktator-bash-koturishi-we-yumshaq-kuch.jpg «دىكتاتورىلىقنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە ‹يۇمشاق كۈچ› نىڭ كېڭىيىشى» تېمىسىدا ئېچىل مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى دېكابىر، ۋاشىنگتون.
RFA/Eziz

يېقىنقى يىللاردا خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ئاخبارات ساھەسى، ئىلمىي تەتقىقات دۇنياسى ھەمدە مەدەنىيەت ساھەسىگە غايەت زور مىقداردا مەبلەغ ئاجرىتىپ خەلقئارانىڭ ئۆزلىرى ھەققىدىكى ئوبرازىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك بۇ جەھەتتە بەلگىلىك نەتىجىلەرگىمۇ ئېرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. ھەربىي كۈچلەر ۋە ئىقتىسادىي قۇدرەتكە نىسبەتەن «يۇمشاق» دەپ قارىلىۋاتقان بۇ يۈزلىنىشنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قاراپ چىقىش مەقسىتىدە ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى» 6-دېكابىر كۈنى بىر مەيدان مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئالدى بىلەن مەزكۇر ئورگاننىڭ رەئىسى كارل گېرشمەن ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ نۆۋەتتە تاشقى دۇنياغا كېڭىيىۋاتقان دىكتاتورىلىق ۋە ھاكىممۇتلەقلىق خاھىشىنىڭ دېموكراتىيە كەڭ ئەۋج ئالغان غەرب دۇنياسى ئۈچۈن قانچىلىك بىر خەتەرلىك ھال ئىكەنلىكىنى قىسقىچە ئەسلىتىپ ئۆتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن چۈشتىن ئاۋۋالقى مۇھاكىمىنىڭ رىياسەتچىسى، «دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى» نىڭ خىزمەتچىسى شانتى كالاتىل سۆز ئېلىپ، نۆۋەتتىكى دىكتاتورا ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىن تارتىپ «يۇمشاق كۈچ» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ھازىر دۇنياغا يامراۋاتقان بۇ كۈچنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇنچە «يۇمشاق» ئەمەس، بەلكى «ئۆتكۈر» شەكىلدە دۇنيانىڭ دېموكراتىيەسىگە ۋە ياشلار توپىغا ئىچكىرىلەپ كىرىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇلارغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

شۇنىڭدىن كېيىن بۈگۈنكى مۇھاكىمىگە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەردىن جېسسىكا لۇدۋىگ نۇقتىلىق قىلىپ خەلقئارا جامائەت خىتاي ۋە روسىيەنى دۇنيادىكى ئاساسلىق سىياسىي كۈچلەردىن دەپ قاراۋاتقان ئەھۋالدا بۇ مەملىكەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ خەلقئارالىق «چوڭ كۈچ» ياكى «ئىقتىسادىي قۇدرەت ساھىبى» دەيدىغان ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇش ئېھتىمالى بولغان ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ «يۈزىنى تۆكۈۋېتىدىغان» ھەرقانداق ئىنتىلىشنى شەپقەتسىزلەرچە باستۇرۇۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە پۈتۈن كۈچى بىلەن پۇقرالارنىڭ مۇشۇ خىلدىكى «دۆلەتنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان» ئىشلارنى سادىر قىلىشىنى توسۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئاسانلا پايخان بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئارقىدىن خەلقئارادىكى داڭلىق يازغۇچى، ئىسپانىيەدىكى «دۇنيا» ۋە «ئىقتىسادشۇناسلار» قاتارلىق چوڭ گېزىتلەرنىڭ خىتايدا دائىمىي تۇرۇشلۇق سابىق مۇخبىرى خۇئان كاردېنال سۆز ئالدى. ئۇ نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غايەت زور مەبلەغ سەرپ قىلىش بەدىلىگە چەتئەللەردە تۈرلۈك ئاخبارات قاناللىرىنى تەسىر قىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھەرقايسى مەملىكەتلەردىكى تارقىتىلىش كۆلىمىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئاساسلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق بۇ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى خىتاينىڭ تەشۋىقات قورالىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى شەرھلىدى.

بۈگۈنكى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلغۇچىلار ئارىسىدا ئامېرىكىدىكى «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ خادىمى ساراھ كۇك خانىممۇ بار ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسەن نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي قۇۋۋىتىگە تايىنىپ چەتئەللەردىكى ئىلمىي ساھەدە مۇشتۇمزورلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇ ئورگانلارنىڭ خىتاينى «خاپا قىلىدىغان» ھەرقانداق ئىلمىي پائالىيەتنى تەشكىللىشىگە جان-جەھلى بىلەن قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرى بۇرۇندىن ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقان ئورگانلارنى بولسا «گەپ ئاڭلىمىغان ھامان دەرھال ئەدەپلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى» چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

پائالىيەت ئاخىرىدا خۇئان كاردېنال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن نۆۋەتتە خىتايدا باش كۆتىرىۋاتقان دىكتاتورىلىقنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىچىدە قانداق ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇنىڭ ھېچقانچە يېڭىلىق ئەمەسلىكىنى، ماۋ زېدوڭنىڭ دىكتاتورىلىقى ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتلاردا مىليونلىغان كىشىلەر بۇنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى، گەرچە ھازىر زامان ئۆزگەرگەن بولسىمۇ خىتايغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ خاراكتېرىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش يۈز بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ خىل دىكتاتورىلىقنىڭ داۋاملىق ھالدا سانسىز كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىنغا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ھەر ساھە كىشىلىرى ۋە ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.