خىتاينىڭ «يېڭىچە تەشۋىقات ئۇسلۇبى» ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرالامدۇ؟

ئامىستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2025.02.10
ma-xingrui-xjtv-1024 ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنىدا پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2025-يىلى 7-فېۋرال، ئۈرۈمچى
xjtvs.com.cn

«خىتاي ئۇچۇر تورى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنى 7-فېۋرال ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېلىپ بارماقچى بولغان تەشۋىقات خىزمىتى ھەققىدە مۇھىم يوليورۇق بەرگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەشەببۇسكارلىق بىلەن شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئاساس قىلغان ھالدا شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت خىزمىتىدىكى يېڭى ئۇسلۇبىنى يارىتىشى كېرەك» مىش. ما شىڭرۈي يەنە «شىنجاڭغا ئالاقىدار سىرتقا قارىتا تەشۋىقات كۆرۈشىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئېلىپ بېرىش؛ ھەر مىللەتنىڭ ئۆز ئارا سىڭىشىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان رېئال ۋەقەلىكلەرنى تەشۋىق قىلىدىغان ئۈنۈملۈك گەۋدە قۇرۇش؛ مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى تېپىش ۋە توسقۇنلۇقلارنى يوقىتىش؛ بولۇپمۇ ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە بۇ جەھەتتىكى جامائەت پىكرىنى تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىش؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىنى ئىشلەيدىغانلار بولۇش ۋە ياخشى ئىشلەش» نى ئوتتۇرىغا قويغان.

دېمەك، ما شىڭرۈينىڭ يۇقىرىقى بايانلىرىدىن تەشۋىقات خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ يىغىننىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشنىڭ يېڭى يوللىرىنى تېپىپ چىقىش ياكى يېڭى ئۇسلۇبتا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىش بولغانلىقى ئاشكارا.

يىللاردىن بۇيان، كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ساختا تەشۋىقاتى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ كەلدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاي تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك تەشۋىقاتنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كۈچىنىڭ بارىچە يوشۇرۇپ قېلىشقا تىرىشتى. ما شىڭرۈي بۇ قېتىمقى تەشۋىقات مەسئۇللىرى يىغىنىدىمۇ، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات كۈرەشلىرىگە دائىر بىر تۈرلۈك نەزەرىيە ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنداقتا بىز تەشۋىقاتنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشتا قانداق قوللىنىلغانلىقى، خىتاي بىلەن تارىختىكى ناتسىستلارنىڭ تەشۋىقات ئۇسلۇبىدا قانداق ئوخشاشلىقلارنىڭ بارلىقىغا قاراپ باقايلى.

 «تەشۋىقات»: خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم ئەڭگۈشتەرى

 «تەشۋىقات» بولسا كوممۇنىست خىتاي پەيدا بولغاندىن بېرى «قوراللىق كۈرەش» ۋە «بىرلىكسەپ ھەرىكىتى» بىلەن بىرلىكتە كوممۇنىست خىتاينىڭ كۈچىيىشىدىكى «ئۈچ چوڭ ئەڭگۈشتەر» دەپ تەرىپلىنىپ كېلىنگەن. كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيەت قۇرغاندىن كېيىنمۇ، «تەشۋىقات» ئىزچىل يوسۇندا جامائەت پىكرى پەيدا قىلىش ئارقىلىق ھاكىمىيەت كۈچىنى مۇستەھكەملەش ۋە خەلقنىڭ ئىدىيەسى كونترول قىلىشتىكى مۇھىم قورال سۈپىتىدە قوللىنىلغان. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلى، تىبەت باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ زېمىنلىرىنى بېسىۋېلىش ۋە باشقۇرۇشتا، كوممۇنىست خىتاي تەشۋىقات ئارقىلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ مىللىي ئىدېئولوگىيەسىنى تىزگىنلەش، قارشى پىكىردىكىلەرنى باستۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق مۇستەملىكە تەرتىپىنى قوغداشتا تەشۋىقات قورالىغا تېخىمۇ كۈچلۈك تايانغان.

مىسال كۆرسەتسەك، خىتاي كومپارتىيەسى ئۆز سىياسىي تەشۋىقاتىدا ئۇيغۇرلارنى ئەڭ دەسلەپتە، «ئەكسىلئىنقىلابچى»، «باي-پومېشچىك»، «چەت ئەلگە باغلانغان ئۇنسۇر»، «پانتۈركىست»، «مىللەتچى»، «ئوڭچى، سولچى، شيۇجېڭجۇيى (رۋىزىونىست) » دېگەنلەرگە ئوخشاش تۈرلۈك تۆھمەتلەر بىلەن قارىلاپ ۋە يوقىتىپ كەلگەن بولسا، ئەڭ ئاخىرى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشتا، ئۇلارنى پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بويىچە «ئۈچ خىل كۈچ» نامى بىلەن كاتېگورىيەلەشتۈرگەن. شۇنداقلا بۇ تۆھمەت ئاستىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق قارشىلىقلىرىنى پۈتۈنلەي بۇرمىلاپ ۋە ئۇنى زوراۋانلىق، تېررورلۇق بىلەن باغلاشتا تەشۋىقاتتىن كۈچلۈك پايدىلانغان.

 بولۇپمۇ ئۇ، ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى، مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە باشقا ئىجتىمائىي ساھەلەر ئارقىلىق، بۇ خىل بۇرمىلىما تەشۋىقاتلارنى تەكرار ۋە رەڭدار شەكىلدە ئېلىپ بارغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش «مىللىي بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ۋە رادىكاللىق جىنايىتى» كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىنغان. نەتىجىدە، ئۇيغۇرلارنى بىر پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بويىچە «جىنايەتچى» كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈشتە خىتاي ئىچىدە زور ئۈنۈمگە ئېرىشىلگەن ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشتا ئۆزىنى ھەقلىق كۆرسىتىش شارائىتى ھازىرلانغان.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەشۋىقاتى يالغۇز خىتاي ئىچىدىلا ئېلىپ بېرىلماستىن، بەلكى پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئوبرازىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان. خىتاي ھەتتا بۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى ئىنچىكە پىلانلارنى تۈزۈش، ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى خەلقئارادا «خىتايدىكى بىر ئۇچۇم شەرقىي تۈركىستانچى بۆلگۈنچى، تېررورچى كۈچلەر» نىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكىتى سۈپىتىدە كۆرسەتكەن.

لېكىن جازا لاگېرلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىقلارنىڭ ئاشكارىلىنىشى، خەلقئارادا يەنىلا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان. ھەتتا بۇ مەسىلە، بۈگۈن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسى بىلەن خىتاي، رۇس، ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق دۆلەتلەر ئارىسىدا پۈتۈنلەي ئىككى قۇتۇپلۇق قاراشنى شەكىللەندۈرگەن بىردىنبىر مەسىلىگە ئايلانغان. شۇنداقتىمۇ خىتاي يەنىلا تەشۋىقاتنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن پۈتۈنلەي كۆتۈرۈۋەتمەكچى، بۇنىڭ ئورنىغا «مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت ئىناق بولغان شىنجاڭ ئوبرازى» نى يارىتىشقا تىرىشماقتا.

مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق قارشىلىقى

ئۇيغۇر ئېلىگە كوممۇنىست خىتاي ئاياغ باسقاندىن بۇيان خىتاي نوپۇسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ كۆچۈرۈلۈشى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى باستۇرۇشلارنىڭ كۈچىيىشى، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئايىغى چىقماس زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخى خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسەتلىرى ئاستىدا سىستېمىلىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. مىللىي ۋە دىنىي ئۆرپ-ئادەت، ئەنئەنىلىرى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر يوقىتىشقا دۇچ كەلگەن. شۇنداق بولۇپلا قالماستىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بايلىق مەنبەلىرىنى ئىگىلىشى، ئۇيغۇرلارنى نورمال ئەركىن ياشاش ۋە ھەق-ھوقۇقلىرىدىن ئايرىپ تاشلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ ئىزچىل داۋام قىلغان. ئەسلىدە بۇلار، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت كىملىكى، دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى ۋە باشقا ياشاش ھەقلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغانىدى. لېكىن بۇ قارشىلىقلار خىتايدىن ئىبارەت بىر ھاكىمىيەتنىڭ تەشۋىقاتى ئارقىلىق، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بولغان تەھدىت دەپ ئوبرازلاشتۇرۇلدى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى دۆلەتنىڭ تەشۋىقاتى ئارقىلىق قارىلاش، بۇرمىلاش ۋە ئوبرازىنى پۈتۈنلەي خۇنۈكلەشتۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئېغىر قىسمەتلەر خىتاي ئىچى ۋە خەلقئارادا بۇرمىلىنىپ، ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر مىللىي يوقىتىلىش كىرىزىسىغا دۇچار بولدى.

ناتسىستلار ۋە كوممۇنىست خىتايلارنىڭ تەشۋىقات ئۇسلۇبىدىكى ئوخشاشلىقلار

ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تەشۋىقاتى ئەينى يىللاردا يەھۇدىيلارنى كەمسىتىش، دۈشمەن سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىش، ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلارنى رادىكال بىر ئۇسۇلدا مىللەت گەۋدىسى بويىچە يوقىتىشنى نىشان قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان. ناتسىستلار ئاممىۋى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى، كىنو-فىلىم، مائارىپ، سەنئەت قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلەرنى كونترول قىلىش ئارقىلىق يەھۇدىيلارنىڭ «دۈشمەن ئوبرازى» نى يارىتىپ، ئۇلارنى جەمئىيەتتە يېتىم قالدۇرغان. ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تەشۋىقاتىغا 1933-يىلى مارتتىن باشلاپ يۆسېف گوبېلىس (Joseph Goebbels) مەسئۇل بولغان بولۇپ، ئۇ ئەينى چاغدا ناتسىستلارنىڭ تەشۋىقات تارىخىدىكى تالانت ئىگىسى دەپ تەرىپلەنگەن. يەھۇدىيلارنىڭ ئوبرازىنى پۈتۈنلەي خۇنۈكلەشتۈرۈش ۋە ناتسىستلارنىڭ ئوبرازىنى كۆتۈرۈش تەشۋىقاتلىرىنىڭ ھەممىسى دەل يوسېف گوببېلىس رەھبەرلىكىدىكى تەشۋىقات ئورگىنى ئىشلەپ تارقاتقان. مانا مۇشۇنداق ھاكىمىيەت كۈچىگە تايانغان تەشۋىقات ئاقىۋەتتە ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشىغا قولاي شارائىت ھازىرلىغان.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى تەشۋىقات ئۇسلۇبىمۇ ناتسىستلارنىڭ تەشۋىقات ئۇسلۇبى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش. يەنى خىتاي ئالدى بىلەن «تېررورچىلار» دىن ئىبارەت بىر ساختا دۈشمەننى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، بۇ ساختا دۈشمەننى ئۇيغۇرلار بىلەن چەمبەرچاس باغلىغان. ئاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى خەلقئارا تېررورىزم بىلەن قارىلىغان. ئارقىدىن «تېررورلۇقنى يوقىتىش» نامىدا ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مۇكەممەل بىر شارائىت ھازىرلىغان.

دەرۋەقە، مەيلى ناتسىستلار بولسۇن ياكى كوممۇنىست خىتايلار بولسۇن، تەشۋىقاتنى كونترول قىلىش ئارقىلىق، زۇلۇمغا ئۇچرىغان بىر مىللەتنىڭ ئاۋازىنى بوغۇش ۋە ئۇلارنىڭ يوللۇق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى بۇ دۇنيادا مەۋجۇت بولۇشقا لايىق بولمىغان «خەتەرلىك دۈشمەن» بىلەن باغلىغان. گەرچە خىتاي بىلەن ناتسىستلارنىڭ ئىدېئولوگىيەسىدە مۇئەييەن پەرقلەر بولسىمۇ، لېكىن تەشۋىقاتنى قورال قىلىشتىكى ئوخشاشلىقىنى بۇ پەرق سەۋەبلىك ئىنكار قىلالمايمىز. ناتسىستلار خەلقنىڭ ھېسسىياتى ۋە ئىدېئولوگىيەسىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق، يەھۇدىيلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشنى قانۇنلۇق ۋە ھەقلىق كۆرسەتمەكچى بولغان. خىتايلار بولسا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ۋە «مۇقىملىقنى ساقلاش» نى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت بۇ جىنايەتنى قانۇنلاشتۇرغان.

بىر دەۋرنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە تارىخنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى

تارىخ بىزگە شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، بىر پارتىيەلىك تۈزۈمىدىكى ھەرقانداق ھاكىمىيەت، مەيلى ئۇ قانچىلىك كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ خەلق ئۈستىدە ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرى ھامان ئاشكارىلىنىپ كەلگەن. خۇددى ناتسىستلارنىڭ تەشۋىقاتى ئۇلارنىڭ يەھۇدىيلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇپ قالالمىغاندەك، كوممۇنىست خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىمۇ ئاقىۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقى بىر ھەقىقەت. چۈنكى ئۇچۇرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، پۈتكۈل يەر شارى مىقياسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە دىققەت تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. بۇ ھالەت ئاقىۋەتتە خىتاينىڭ يالغانچىلىق يوللىرىنى تارايتىپ، ھەقىقەتنىڭ ئاشكارا بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. كوممۇنىست خىتاينىڭ تەشۋىقاتى بەلكىم بىر بۆلۈك كىشىلەرنىڭ مېڭىسىنى يۇيالىشى مۇمكىن ھەم شۇنداق قىلالىغانىدى. ئەمما ئۇنىڭ كۈچى تارىخنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئەسلا يەتمەيدۇ. خۇددى ناتسىستلارنىڭ ئۆز جىنايىتى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىگىنىگە ئوخشاش، كوممۇنىست خىتايمۇ تارىخنىڭ سورىقىغا دۇچ كېلىدۇ.

[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.