تىك-توكتىن باشقا خىتاي ئەپلىرى بىخەتەرمۇ؟

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2023.04.04
tik-tok-tiktok-Shou-Zi-Chew-2.jpg تىكتوك(TikTok) شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى شۆ زى چېۋ ئاۋام پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېنېرگىيە ۋە سودا كومىتېتى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2023-يىلى 23-مارت، ۋاشىنگتون.
REUTERS

ئامېرىكانىڭ ئۆزىدىلا 150 مىليون ئەتراپىدا قوللانغۇچىسى بولغان تىك-توك ئېپى خۇسۇسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىك يوچۇقى سەۋەبىدىن ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدىكى ئەڭ قىزىق تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغانىدى. تىك-توك ئېپىنىڭ قوللانغۇچىلىرىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى خىتايدىكى باش شىركىتى بولغان «بايتدەنس» كە ئەۋەتىدىغانلىقى ۋە نەتىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكالىق قوللانغۇچىلارغا ئائىت بارلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشىدىغانلىقى مەلۇم بولۇپلا قالماي، بۇ ئەپ ئارقىلىق تېلېفون يۇمشاق دېتالىنى كونترول قىلغىلى بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشقان. ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىستوفېر ۋراي (Christopher Wray) ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزىدە تىك-توكنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاسۇسلۇق قورالى دەپ ئەيىبلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئەپ ئارقىلىق مىليونلىغان ئامېرىكالىقلارنىڭ قول تېلېفونلىرىنى كونترول قىلالايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

تىك-توكنى چەكلەش مەسىلىسى نۆۋەتتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيە ئەزالىرى بىرلىكتە «تىك توك قانۇن لايىھەسى» نى تونۇشتۇرۇپ، تىك-توكنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەشكە ھەرىكەت قىلماقتا.

ئۇنداقتا، تىك-توكنى چەكلەش بىلەن بۇ خەتەر ئاياغلىشامدۇ؟

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياق. «مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، لىنكولىن تورى (Lincoln Network) ناملىق مۇستەقىل تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى جەففىرىي كېيىننىڭ (Geoffrey Cain) بىزگە ئېيتىشىچە، خىتاي شىركەتلىرى ياسىغان ھەرقانداق ئەپنى خۇسۇسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە يوشۇرۇن تەھدىت، دەپ قاراشقا بولىدىكەن. ئۇ بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «ئىستېمالچىلارغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى يىغىدىغان، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرى بىلەن ئىشلەيدىغان ياكى ئىلغار يېرىم ئۆتكۈزگۈچ بىلەن ئىشلەيدىغان ھەرقانداق خىتاي تېخنىكا شىركىتى يەرشارى بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. بىز ئىلغار تېخنىكىلاردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىشىمىز كېرەك. خىتاي شىركەتلىرى خىتاينىڭ ‹ئۇچۇر بىخەتەرلىكى قانۇنى› ۋە ‹خىتاي دۆلەتلىك ئىستىخبارات قانۇنى› دا بېكىتىلگەن قائىدە بويىچە ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپىگە بىنائەن مەشغۇلات قىلىشى ۋە ھۆكۈمەت تەلەپ قىلغان سانلىق مەلۇماتلارنى تاپشۇرۇشى كېرەك.»

ب ب س 'نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەدە تىك-توك ئېپىدىن قالسا كەپكات (CapCut)، شېين (Shein) ۋە تېمۇ (Temu) قاتارلىق ئەپلەر ئەڭ كۆپ چۈشۈرۈلىدىغان ئالدىنقى 10 ئەپ ئىچىدە بولۇپ، بۇ ئەپلەرمۇ قوللانغۇچىلارنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن يوشۇرۇن خەۋپ تەشكىل قىلىدىكەن. خەۋەردىن قارىغاندا، كەپكات ناھايىتى داڭلىق بىر ۋىدىيو تەھرىرلەش ئېپى بولۇپ، بۇ ئەپ بىلەن تىك-توكقا چىقىرىدىغان ۋىدىيولارنى ھەرخىل ئالاھىدىلىكلەرنى قوشۇپ تەھرىرلىگىلى بولىدىكەن. ئۇمۇ تىك-توك ئېپىگە ئوخشاش خىتايدىكى «ByteDance» شىركىتىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا تەۋە ئىكەن.

شېيىن بولسا خىتاينىڭ كىيىم-كېچەك تور بېتى بولۇپ، 2012-يىلى خىتاي مىلياردېر كىرىس شۈ قۇرغان بۇ شىركەتنىڭ باش مەركىزى سىنگاپوردا ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەرزان باھالىق كىيىم-كېچەكلىرى بىلەن ئاساسەن ياشلار ئارىسىدا بازار تاپقان ئەپ ئىكەن.

«تېمۇ» ئېپى بولسا كىيىم-كېچەكتىن تارتىپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا قوللىنىلىدىغان ئۇششاق-چۈشەك لازىمەتلەرگىچە ھەممە نەرسىنى تاپقىلى بولىدىغان مال سېتىۋېلىش ئېپى ئىكەن. مەزكۇر شىركەتمۇ خىتاينىڭ پ د د شىركەتلەر گۇرۇھىغا (PDD Holdings) تەۋە تارماق شىركەت ئىكەن.

جەففىري كەيننىڭ كۆرسىتىشىچە، Capcut, Shein ۋە Temu قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىستېمالچىلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا نىسبەتەن خەتەر تەشكىل قىلىدىكەن.

بىز يۇقىرىدىكى تىمۇ ۋە شېين شېركەتلىرىنىڭ ئاخباراتقا مەسئۇل بۆلۈملىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى سىياسەتلىرىنى سورىغان بولساقمۇ، بىر جاۋابقا ئېرىشەلمىدۇق.

ئامېرىكادىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى گوردون چاڭ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە تىك-توكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاينىڭ ھەرقانداق ئېپىنىڭ ئامېرىكىدا چەكلىنىشى كېرەكلىكىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئامېرىكالىقلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى يىغىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز تىك-توكنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان خىتاينىڭ باشقا ئەپلىرىنىمۇ چەكلىشىمىز كېرەك. بۇ ئەپلەر ئامېرىكالىقلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يىغىۋاتىدۇ. تىك-توك ئېپىنىڭ ئامېرىكا قانۇنلىرىغا خىلاپ ھەرىكەتلەردە بولغانلىقى ئېنىقلاندى. تىك-توك ئېپى ئامېرىكىغا خۇددى خىتاينىڭ 150 مىليوندىن ئارتۇق جاسۇسلۇق شارىنى قويۇۋەتكەنگە ئوخشاش. شۇڭا ئامېرىكا بايدىن ھۆكۈمىتى بۇ ئەپلەرنى دەرھال چەكلىشى كېرەك».

ب ب س 'نىڭ دېيىشىچە، يۇقىرىدىكى 3 خىتاي ئېپى ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەدىكى ئەڭ كۆپ چۈشۈرۈلگەن ئالدىنقى 10 ئەپنىڭ ئىچىدە ئورۇن ئالغان بولۇپ، ۋىدىيو تەھرىرلەش ئېپى بولغان كەپكات پەقەت بىر ئاي ئىچىدە (2-ئايدا) 13 مىليون قېتىم چۈشۈرۈلگەن. بۇندىن باشقا يەنە، توردا ئەرزان باھالىق مال سېتىۋالىدىغان تېمۇ شىركىتىنىڭ ئېپىمۇ بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ ئامازون (Amazon) ۋە ۋالمارت (Walmart) شىركەتلىرىدىن ھالقىپ كەتكەن.

جەففىرىي كەيىننىڭ بىزگە دېيىشىچە، بۇنداق ئەپلەرنىڭ خەتىرىنى ھەل قىلىشنىڭ بىر قىسمى ئەپ قوللانغۇچىلىرىنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ھەققىدىكى ئېڭىنى ئۆستۈرۈش بولسا، مۇھىم بىر قىسمى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-قائىدىلەرنى چىڭىتىشقا باغلىق ئىكەن. ئۇ ئېلخېتىدە مۇنداق دېگەن: «دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەر تېخىمۇ كۈچلۈك جازا ۋە ئېكسپورت كونترول سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ھېچقانداق خەتەرلىك تېخنىكىنىڭ خىتايغا سېتىلىشىغا ھەمدە خىتايدىن بىزگە كىرىشىگە يول قويماسلىقى كېرەك. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى ‹چەتئەل مەبلىغى كومىتېتى› نىڭ (CFIUS) ئامېرىكادا تىجارەت قىلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ سېتىۋېلىش پائالىيەتلىرىنى تەكشۈرىدىغان ھوقۇقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەگەر بىر خىتاي شىركىتى ئامېرىكادا ئاللىقاچان بار بولغان يەنە بىر خىتاي شىركىتىنى سېتىۋالسا ئۇ ھالدا بۇ كومىتېت دەرھال بۇنىڭغا دىققەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا خىتاينىڭ ئامېرىكىدا قۇرۇلغان شىركەتلىرىنىلا ئەمەس بەلكى بارلىق شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئوچۇق ۋە ئەركىن دېموكراتىيەسىنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىكىگە ھەمدە ئامېرىكىنىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ».

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىستوفېر ۋراي بۇ يىل 3-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ تىك-توك ئېپى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە بۇ تىك-توك ئېپىنىڭ خەتىرىنىڭ يالغۇز شەخسى ئۇچۇر بىخەتەرلىكى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. ئۇ سۆزىدە بۇ ئەپنىڭ ئامېرىكالىقلارنى پىكىر جەھەتتىن بۆلىدىغان، ئۇلارنى زەئىپلەشتۈرىدىغان ھەر خىل ۋىدىيولارنى كۆپلەپ تارقىتىش ئارقىلىق ئامېرىكا جەمئىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتكەن.

مۇتەخەسسىسلەر نۆۋەتتە سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا دائىر كەڭ كۆلەملىك بىر قانۇن تۇرغۇزۇلۇپ ئىشقا كىرىشمىگۈچە بۇنداق ئەپلەردىن كېلىدىغان ھەر تەرەپلىمىلىك خەتەرنى ئاياغلاشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. «تۆت جەڭ مەيدانى: سۈنئىي ئەقىل دەۋرىدىكى قۇدرەت» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى پائۇل شېرېر ب ب س' گە قىلغان سۆزىدە «ئامېرىكا ۋە باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ تىك-توكقا ئوخشاش خىتاي سىرتىدا پائالىيەت كۆرسىتىۋاتقان ئەپلىرى پەيدا قىلىۋاتقان خىرىسنى قانداق ھەل قىلىشى دۇنيا مىقياسىدا سۆز ئەركىنلىكى ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكىنىڭ ئۆزگىرىشىگە چوڭقۇر تەسىر يەتكۈزىدۇ» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.