ياپونىيە ئىقتىساد گېزىتى: خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر نېمە ئۈچۈن ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرىدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2013.11.06
5-Iyul-urumchi-weqesi.JPG ياپون تىلىدا نەشر قىلىنغان «خىتاينىڭ ھەقىقىي قىياپىتى» ناملىق كىتابتىن ئېلىنغان «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كۆرۈنۈش.
RFA/Qutluq

ياپونىيەدە نەشر قىلىنىدىغان نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بىرى بولغان ياپونىيە ئىقتىساد گېزىتى 28-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن ئىزچىل تۈردە مەزكۇر گېزىتتە ئۇيغۇرلارغا ئائىت كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلماقتا.

مەزكۇر ماقالىلەردىن «خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر نېمە ئۈچۈن ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرىدۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە 28-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل ۋەقەسىنىڭ خىتاينىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

ماقالىدە خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇش ئارزۇسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىشى بىلەن بىرگە، خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان ئۆچمەنلىكىنىڭمۇ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ماقالىدە، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 92% ئىنى خىتاي مىللىتى ئىگىلەيدىغانلىقى، خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت ھېسابلىنىدىغان 55 مىللەتنىڭ پەقەتلا ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 8% ئىنى ئىگىلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلىپ، خىتاي مىللىتىنى ئاساس قىلغان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

ماقالىدە خىتاينىڭ بەش ئاپتونوم رايونىنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان يىپەك يولىدىكى تۈركىي مىللەت ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ قوي گۆشىدىن تەييارلانغان تۈرلۈك تائاملىرىنىڭ بارلىقى شۇنداقلا خىتاي مىللىتىدىن پەرقلىق ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەتلەرگە ئىگە بولغان خەلقلەردىن بىرى ئىكەنلىكى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈلگەن.

ماقالىدە ئاپتور ئۇيغۇرلارنىڭ 8-ئەسىردىن باشلاپلا ئۇيغۇر پادىشاھلىقىنى قۇرۇپ ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت سوراپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما 18-ئەسىردە چىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىشغال قىلىنغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخنى ئەسلىتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا قۇرغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

ماقالىدە يەنە 1949-يىلدىن باشلاپ خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇر ئېلىنى تەلتۆكۈس ئىشغالىيەت ئاستىغا ئېلىپ ئۆز ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە، خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشقا ئىنتىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ 1991-يىلىدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداش بولغان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەرگە ئىگە بولۇشى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قۇرغان شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتىدىن دۆلەت قۇرۇش ئىستىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت مۇستەقىللىق ئېڭىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر ئېلىدا تۈرلۈك شەكىلدىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە ئاپتور، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتى تەشكىلاتلىرىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلارنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن قارشىلىشىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەردىن تىبەتلەرمۇ تىلغا ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن ئىزچىل ھالدا قارشىلىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،بۇنىڭغا مىسال تەرىقىسىدە تىبەتلەرنىڭ 2009-يىلىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ، ھازىرغىچە يەنى بۇ يىلنىڭ بېشىغا قەدەر بۇ ھەرىكەتتە يۈزدىن ئوشۇق تىبەتلىكنىڭ ئۆز جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تىبەتتىكى تۈرلۈك باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشىلىق بىلدۈرۈۋاتقان تىبەتلەرنىڭ ئارزۇسى بولسا، تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ يېتەكچىلىكىدە تىبەت بۇددىزمىنى ئاساس قىلغان دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ماقالە 1950-يىلىدىن باشلاپ خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن دالاي لاما ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك سۆھبەتلەر ۋە كېلىشىملەرگە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قىلچە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى، ئاقىۋەتتە تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ سەرگەردان بولۇشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ماقالىدە خىتاينىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى دىپلوماتىيىسىدە بولسۇن ۋە ياكى دۆلەت ئىچىدىكى سىياسەتلىرىدە بولسۇن ئۇيغۇر، تىبەت ۋە تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىغا ئىزچىل ھالدا قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئىبارەت خىتاينىڭ نېفىت بايلىقى ماكانى بولغان بۇ تۇپراقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يەردىكى بايلىقلاردىن ھېچقانداق نەپكە ئىگە بولمايۋاتقانلىقى، ئەمما بۇ زېمىندىكى بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ ھەر جەھەتتە گۈللەنگەن خىتاي مىللىتىنىڭ ئىقتىسادتا ئۇيغۇرلاردىن غايەت زور پەرقلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن گۈلىستان خانىم خىتاي ھاكىمىيىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئىزچىل ھالدا قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈستىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.