ئامېرىكا، خىتايدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ تېررورلۇق ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.07.20
kocha-charlash-qoralliq-saqchi-herbiy-qeshqer.jpg كوچا چارلاۋاتقان قوراللىق ئەسكەرلەر. 2014-يىلى 31-ئىيۇل، قەشقەر.
AFP

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2016‏-يىللىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يىللىق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكىتى نۇقتىلىق «ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىب قىلىدىغان تەشكىلات‏-شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە قارىتىلغانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2016‏-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىخەتەرلىك ۋە تەكشۈرۈشنى جىددىيلەشتۈرگەنلىكىنى قەيت قىلغان.

خىتاينىڭ تۇنجى يۈرۈش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى 2016‏-يىلى 1‏-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر قانۇنىدا ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان تېررورلۇققا قارشى قوللىنىپ كەلگەن ھەرىكەتلىرىگە ئاشكارا دەستەك بېرىلگەن بولۇپ، بەزىدە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ ھەرىكىتىنىڭ تېررورلۇقنى نىشان قىلغانلىقىنى ياكى شەخس ۋە گۇرۇھلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى پەرقلەندۈرمەك مۈشكۈل بولۇپ كەلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب ئەللىرىنى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە تېررورلۇققا قارشى ئىككى خىل ئۆلچەم قوللاندى، دەپ ئەيىبلەپ كەلسىمۇ، بىراق خەلقئارا تەشكىلاتلار، كۆزەتكۈچىلەر ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ تېررورلۇق مەسىلىسىدە ئۇيغۇرلارغا ئىككى خىل ئۆلچەم يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ كەلدى.

د ئۇ ق باش كاتىپى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2016‏-يىلى 1‏-يانۋاردا يولغا قويغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىككى خىل ئۆلچەمنى قانۇنلاشتۇرغان.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇق مەسىلىسىنى ئاساسلىق شەرقىي تۈركىستانغا يەنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئوخشاش بىر ۋەقە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرسە، خىتاينىڭ بۇنىڭغا ئۆلچىمى ۋە باھاسى ئوخشىمايدۇ. ئۇ شەرقىي تۈركىستاندا ھەرقانداق بىر ۋەقە يۈز بەرسە ئۇنى تېررورلۇققا باغلاپ ئېلان قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىمۇ ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىلمىشلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان بىر ھەرىكەت. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى پۈتۈن ئۇيغۇر ھەرىكىتىنى تېررورلۇق رامكىسىغا سېلىپ باستۇرۇشتۇر.»

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى بەزى پۇقرالىرىنىڭ دائىش ۋە بەزى تېررورلۇق تەشكىلاتلارغا قاتناشقانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ «بۇ چەتئەللىك تېررورچى جەڭچىلەر» خىتايغا قايتىپ كېلىدۇ، دېگەن ئەندىشىدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سۈرىيە، ئىراق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بېرىشنى چەكلەشكە كىرىشكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بەزى خىتاي ئانالىزچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇق دەپ ئېلان قىلغان نۇرغۇن ۋەقەلەرنى تېررورلۇق دېگىلى بولمايدۇ. ئامېرىكىدىكى «بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلى»نىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى خۇ پىڭ ئەپەندى، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن بەزى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ۋەقەلەرنىڭ يەنە بىر قىسمىنى (خىتاي) ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىگە ۋەھشىيلىك بىلەن مۇداخىلە قىلىپ كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ ۋەقەلەردە قارشى تەرەپ ھېچقانداق زورلۇق كۈچ قوللانغان ئەمەس. پەقەت (خىتاي) ھۆكۈمىتى دىنىي ئېتىقاد بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان سورۇنلارغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇيغۇرلارغا بىر تەرەپلىمىلىك زورلۇق كۈچ قوللانغان ۋە ئۇلارنى باستۇرغان. بۇ ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ ھەقىقىتى. مانا بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دېگىنىڭ ماھىيىتى.»

خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە تېررورلۇقنى بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىيلىك دېگەن پەرقلىق ئۇقۇملار بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ، بۇ پەرقلىق 3 ئۇقۇمنىڭ چەك-چېگرىسىنى مۈجمەللەشتۈرۈۋەتكەن.

خۇ پىڭ مۇنداق دەيدۇ: «شىنجاڭدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى 3 خىل كۈچلەر دېگەن بۇ 3 مەسىلىگە يىغىنچاقلاشقا بولمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پەرقلىق 3 مەسىلىنى بىر سېۋەتكە قاچىلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق ھەرىكىتىگە زەربە بېرىشكە باشلىغان. ئىككىنچى، بۇ 3 مەسىلە بىر-بىرىدىن پەرقلىق 3 خىل ئۇقۇم. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى باشقۇرماقچى بولسىمۇ، بۇ 3 خىل مەسىلىنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈشى كېرەك. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ھەرىكىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان بارلىق ھەرىكەتلىرىگە بۇ 3 قالپاقنى كىيدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئەڭ قاتتىق زورلۇق ۋاسىتىلەر بىلەن زەربە بېرىۋاتىدۇ. مانا بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدىكى ھالقىلىق مەسىلە.»

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تېررورلۇق دوكلاتىدا يەنە، ئامېرىكا‏-خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ ئىنتايىن چەكلىكلىكىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي 2016‏-يىلى 3‏-نۆۋەتلىك ئامېرىكا-خىتاي ئۆز ‏-ئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دىئالوگى ۋە 2‏-نۆۋەتلىك پارتلاتقۇچ بۇيۇملىرىنى كونترول قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدا يۈز بەرگەن ئاتالمىش تېررورلۇق ۋەقەلىرىدە ئوچۇق ‏-ئاشكارا بولمىغاچقا ۋە يېتەرلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىمىگەچكە ئاتالمىش بۇ ۋەقەلەرنىڭ خاراكتېرىگە باھا بېرىشنى مۈشكۈللەشتۈرۈۋەتكەن.

دولقۇن ئەيسانىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن تېررورلۇق مەسىلىسىنى سۆزلەشكەندە، ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇشى زۆرۈر. ئۇ، بولمىسا بۇنىڭ خىتايغا خاتا سىگنال بېرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

دولقۇن ئەيسا: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى خىتاي بىلەن بولغان دىئالوگتا ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇقنى باھانە قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىش شەپكىسى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق، كىشىلىك ھوقۇق، ئادالەت ھەق-ھوقۇقلىرىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنى تېررورلۇق دەپ ئەيىبلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر كوزىر بولۇپ بەرمەسلىكى كېرەك. ناھايىتى دىققەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئامېرىكا بۇ مەسىلىدە خىتايغا پاراللېل بەزى يول قويۇشلارنى قىلسا، خىتاي تېخىمۇ جاسارەتلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا تېخىمۇ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى، ھەق -ھوقۇقلىرىنى ئىپادىلىشىنىڭ تېخىمۇ تاقىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.» دېدى.

دوكلاتتا يەنە، ئامېرىكا قانۇن تارماقلىرى خىتايدا يۈز بەرگەن «تېررورلۇق ۋەقەلىرى»گە دائىر ئۇچۇرلارنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنىڭغا جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، ئۇنىڭ 2015‏-يىلى 12‏-ئايدا ماقۇللاپ 2016‏-يىلى 1‏-يانۋاردا يولغا قويغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى تېررورلۇققا كەڭ دائىرىلىك تەبىر بېرىپ، خەلقئارانىڭ تېررورلۇققا بەرگەن تەبىرىدىن ھالقىپ كەتكەن ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى كېڭەيتكەن.

دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتايدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ئىجرا قىلىش چارىسى چىقارغان بىردىن-بىر ئۆلكە دەرىجىلىك رايون ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا ياش-ئۆسمۈرلەرنى دىنىي پائالىيەتلەرگە قىزىقتۇرۇش ۋە يېتەكلەش، دىنىي كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىش، ئىسلامدىكى ھالال سۆزىنى ياكى بەزى نازۇك ئىپادىلەرنى «بۇرمىلاش»نى چەكلىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.