شىمالىي كورېيەگە ئوخشاپ قېلىۋاتقان خىتايدىكى گاڭگىراش ۋە چۈشكۈنلۈك

0:00 / 0:00

خىتاي ھەقىقەتەن دۇنيانى ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈۋەتكۈدەك قۇدرەتكە ئىگە دۆلەتمۇ؟

يېقىندا «نيۇ-يوركلۇقلار» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «داۋالغۇش دەۋرىدىكى خىتاي» ناملىق ماقالىدە يۇقىرىقى سوئالغا جاۋاب بولالايدىغان تەپسىلىي ئۇچۇرلار ۋە مۇلاھىزىلەر بېرىلگەن.

بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى ئىۋان ئوسنوس (Evan Osnos) ، 2005-يىلدىن 2013-يىللارغىچە خىتايدا مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن يازغۇچى بولۇپ، خىتايدىكى كەچمىشلىرى ۋە كۆزىتىشلىرىگە ئاساسەن خىتاينىڭ نۇرغۇن ئىچكى مەسىلىلىرى ۋە يوشۇرۇن ئاپەتلىرىگە نەزەر ئاغدۇرغان، ئۇلارغا توغرا دىياگنوز قويغان. خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتلەرنى كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۆزگەرمەس ماھىيىتىگە، ماۋ زېدۇڭنىڭ يولىنى تۇتقان شى جىنپىڭنىڭ ‹بۈيۈك خىتاي دۆلىتى قۇرۇش چۈشى› گە باغلاپ چۈشەندۈرگەن بولۇپ، «بۇ يۈزلىنىشلەر خىتايغا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چۆكۈشىدىنمۇ ئېغىر بالايى ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن؛ شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتايغا باھا بېرىپ، «مۇستەبىتلىك بىلەن بايلىق بىرلەشسە نېمە بولىدۇ؟ بۈگۈنكى خىتاي بولىدۇ. ھازىرقى شى جىنپىڭ ‹پۇلدار ماۋ زېدۇڭ› غىلا ئوخشايدۇ، يەنە بىر جەھەتتىن، بۈگۈنكى خىتاي تەرەققىي قىلغان ‹شىمالىي كورېيە› گە ئوخشايدۇ» دېگەن نۇقتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ بۇ ماقالىدىكى بايانلارغا ئاساسەن، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشىنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: «20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي خەلقى كوممۇنىست ھاكىمىيەتنى بۇرۇنقى يولىنى ئۆزگەرتىشكە ۋە ئاكتىپ تەدبىر قوللىنىشقا مەجبۇرلىغاندا خىتاي گۈللەندى. دېڭ شىياۋپىڭ كاللىسىنى ئىشلىتىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنى ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدىكى كونتروللۇقتىن بوشاتتى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ خىتاي خەلقىنىڭ ئاكتىپلىقى يۈكسىلىپ، دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇردى. ئەمدىلىكتە شى جىنپىڭ ھوقۇقنىڭ بېشىغا چىقىپ، خىتاي جەمئىيىتىنى دۇنيادىن ئايرىۋەتتى؛ بارلىق ھوقۇقنى ئۆزىنىڭ ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قولىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قايتىدىن ھەممىنى كونترول قىلىشقا باشلىدى. مانا بۇلار نەچچە ئون يىل ئالدىغا ماڭغان خىتاينى كەينىگە چېكىندۈرۈۋەتتى» .

ئاپتور بۇ ماقالىسىدە، شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى خىتايدا ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى، ئىقتىسادىنىڭ چۆكۈشكە باشلىغانلىقىنى، خىتاي پۇقرالىرىدا تېڭىرقاش ۋە چۈشكۈنلۈكنىڭ باش كۆتۈرگەنلىكىنى مىسالغا ئالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ پات-پات يوقاپ كېتىشى، خىتاي ياشلىرىنىڭ «ئىشلىمەي يېتىۋېلىش» تەك پاسسىپ پوزىتسىيە بىلەن جەمئىيەتكە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىشى، خىتاي كارخانىچىلىرىنىڭ خىتايدىن قېچىشتا بەسلىشىشى قاتارلىق بىر قاتار ھادىسىلەرنى تىلغا ئېلىپ، «بۇلارمۇ خىتاينىڭ ئۇنچە مۇقىم، كۈچلۈك دۆلەت ئەمەسلىكىنى، يېڭى كىرىزىس ۋە بالايى ئاپەتكە ھامىلىدار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي جەمئىيىتىدە ھەقىقەتەن زاۋاللىققا يۈزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي 1978-يىل ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، بازار ئىگىلىكىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كۆلىمى ھەر 10 يىلدا بىر ھەسسىدىن كۆپ ئاشقان. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ناھايىتى تېز بولغان. خىتاينىڭ 3 يىلدا ئىشلەتكەن سېمونتى ئامېرىكا 20-ئەسىردە ئىشلەتكەن سېمونتتىدىنمۇ كۆپ بولغان؛ ناھايىتى كۆپ ئايرودۇرۇم، تۆمۈر يول، زاۋۇت ۋە ئېگىز بىنالار سېلىنغان، گۇيجۇدەك نامرات بىر ئۆلكىگە 11 ئايرودۇرۇم سېلىنغان.

كۆلەم جەھەتتىن ئالغاندا، خىتاي ھازىر دۇنيادا ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، 120 دۆلەت بىلەن سودا ئالاقىسى بار، دۇنيادىكى كۈنتاختا باتارېيەسىنىڭ 80 پىرسەنتنى خىتاي تەمىنلەيدۇ، خىتايدا يەنە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ توك ئاپتوموبىلى ياساش زاۋۇتى بار. ئەمما خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى خىتاي پۇقرالىرىنى قىيناشقا باشلىغان. تۇرمۇشىنى ياخشىلاش كويىدا تېپىرلاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئەڭ چوڭ غېمى ئۆي سېتىۋېلىش بولۇپ، يىللاردىن بېرى تاپقان پۇلىغا يېڭى ئۆي ئېلىپ بانكىنىڭ قەرزىگە بوغۇلغانلار، شۇنداقلا خەقتىن پۇل ئېلىپ ئۆي سېلىۋاتقان ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرى ئېغىر كىرىزىسقا دۇچ كەلگەن. خىتاينىڭ ‹كوۋىدنى نۆلگە چۈشۈرۈش› سىياسىتىمۇ خىتاي ئىقتىسادىغا زەربە بەرگەن بولۇپ، دۆلەت خەزىنىسى قۇرۇقدىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ۋاقتىدا مائاش ئالالمايدىغان ئەھۋال پەيدا بولغان.

خىتاي ئىقتىسادى ئۆتكەن يىل ئاران 3 پىرسەنت ئاشقان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ كۆزلىگەن نىشانىدىن كۆپ تۆۋەن بولغان؛ ئېكسپورت تۆۋەنلىگەن، قەرز ئېشىپ كەتكەن، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئۈمىدۋار قارايدىغان ئىقتىسادشۇناسلارمۇ ئۈمىدسىزلەنگەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ ھۆكۈم سۈرگەن مۇددەتچە بۇ ھالەت ئۇزۇن داۋاملىشىدىكەن.

خىتاينىڭ ھەر بىر تارىخىي دەۋرىدە، شى جىنپىڭدەك مۇستەبىتلەر ھۆكۈم سۈرگەن، نۇرغۇن بالايى ئاپەتلەرنى پەيدا قىلغان. گوردون چاڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ماۋ زېدۇڭ ۋە باشقا خىتاي پادىشاھلىرى مىڭ يىللاردىن بېرى ئوخشاش زۇلۇملارنى سېلىپ، نۇرغۇن ئاپەتلەرگە سەۋەبچى بولدى. كىشىلەر ماۋ زېدۇڭنى بىنورمال دېيىشىدۇ. ماۋ زېدۇڭنىڭ كوممۇنىست خىتاي قۇرۇلغاندىن كېيىن ئېلىپ بارغان ئەركىنلىك ۋە گۈللىنىش سىياسىتى قارىماققا كوممۇنىست خىتايغا زادىلا ماس كەلمىگەن بىر دەۋردەك كۆرۈنىدۇ. شى جىنپىڭ خىتاينى قىيناۋاتىدۇ، ئۇ خىتاينىڭ ئۈمىدۋار بىر جەمئىيىتىنى غەزەپ ۋە چۈشكۈنلۈك جەمئىيىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئۈمىدسىزلىك پۈتكۈل خىتاينى قاپلىدى؛ شى جىنپىڭنىڭ خاتا رەھبەرلىكى داۋاملاشقان مۇددەتچە، خىتاي پۇقرالىرىغا كۈن يوق. خىتاي ھالاكەتكە يۈزلەنمەكتە» .

ئاپتور ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى كىرىزىسى ئىقتىسادتىن ھالقىپ كەتتى؛ دىڭ شياۋپىڭ ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى خىتاينى ‹ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات دەۋرى› گە باشلاپ 40 يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋارىسلىرى خىتاينىڭ سىياسەت ۋە مەدەنىيەت يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. دىڭ شىياۋپىڭنىڭ ‹ئاق مۈشۈك قارا مۈشۈك، چاشقان تۇتقان ياخشى مۈشۈك› دېگەن نەزەرىيەسى شى جىنپىڭ دەۋرىگە كەلگەندە ‹مۈشۈك چاشقان تۇتامدۇ-تۇتمامدۇ، مۇھىم ئەمەس. مۈشۈك قىزىل بولسىلا بولدى› دېگەن پىرىنسىپقا ئايلاندى. يەنى، بىر ئەۋلاد خىتايلارنىڭ كاللىسىدا ‹ئەمەلىي مەنپەئەتنى نەزەرىيەنىڭ ئۈستىگە قويۇش› دەك ياخشى ئۇسۇلنى تاپقان پارتىيەنىڭ يولى ئۆزگىرىپ كەتتى» .

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ كوممۇنىست خىتاينى ماۋ زېدۇڭ دەۋرىگە قايتۇرۇشى بۇ پارتىيە، بۇ ھاكىمىيەتنىڭ مۇقەررەر تاللىشى. كوممۇنىست خىتاي يا ئىسلاھات قىلىپ ئۆزگىرىدۇ، يا ھاكىممۇتلەق سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى خىتايدا 80-ۋە 90-يىللاردا شەكىللەنگەن نىسپىي پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئىدىيەسى ئىلغار خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ مەنىۋى قارارگاھى، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى بولغان كىتابخانىلارنى تاقىۋەتكەن ياكى ئۇلارنى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كۇتۇپخانىلارغا ئۆتكۈزۈۋەتكەن. مەسىلەن، 1997-يىل شاڭخەيدە ئېچىلغان جىفېڭ كىتابخانىسى 2017-يىل تاقالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ھېچكىم بۇنداق كىتابخانىلارنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمىغان.

ئاپتور بۇ ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «خىتاينىڭ ‹غەربتىكى شىمالىي كورېيە› دېگەن نامى چەت ئەللەردە تارقىلىپ يۈرمەكتە. خىتايدىكى تەكشۈرۈش-نازارەت قىلىش ئورگانلىرى (ياكى ۋاسىتىلىرى) شى جىنپىڭنىڭ نامىنى ھوشيارلىق بىلەن قوغدىماقتا؛ ئۆتكەن يىل خىتايدىكى بىر ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئاشكارىلانغان ئۇچۇرغا قارىغاندا، بۇ تور بېكىتى شى جىنپىىڭغا ئالاقىدار بولغان ‹ئاخىرقى پادىشاھ، ئىسكەندەر، ئېيىقچاق› دېگەندەك 564 لەقەمنى چەكلىگەن» .

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، كوممۇنىست خىتاي تېگى تەكتىدىن ئالغاندا دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئۆلگۈدەك قورقىدۇ. شى جىنپىڭ بولسۇن، ماۋ زېدۇڭ بولسۇن، ھەممىسى مۇتلەق نوپۇزغا چوقۇنىدۇ. مۇستەبىتلەرنى ئۇلۇغلايدىغان بۇنداق ھاكىمىيەتنىڭ ئۆمرى ئۇزۇنغا بارمايدۇ.