«خىتايدىن كېلىۋاتقان خىرىسلار» تېمىسىدىكى يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇھىم نۇقتا بولدى
2018.12.06

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىغا قاراشلىق تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتى قارمىقىدا بىرنەچچە تارماق كومىتېتلار بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە قەرەللىك گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرى ئاچىدۇ. ئەنە شۇ كومىتېتلارنىڭ بىرى «شەرقىي ئاسىيا، تىنچ ئوكيان ۋە خەلقئارا تور بىخەتەرلىكى سىياسىتى كومىتېتى» بولۇپ، بۇ كومىتېت ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى بىر ياقلىق قىلىدۇ.
4-دېكابىر كۈنى مەزكۇر كومىتېت «خىتايدىن كېلىۋاتقان خىرىسلار» تېمىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ ئۈچىنچى بۆلىكىنى ئۆتكۈزدى. ئالدى بىلەن مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى كورى گاردنېر سۆز ئالدى. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكا تاشقى سىياسىتى ئۆتكەن نەچچە ئون يىل جەريانىدا خىتاينى سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنكى يېڭى دۇنيا تەرتىپىگە ئېلىپ كىرىش ئارقىلىق ئۇنى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەگە باشلاشنى كۆزلىگەنلىكىنى، ئەمما نۆۋەتتىكى مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلاردىن خىتاينىڭ بۇنىڭ ئەكسىچە يولدا مېڭىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۆزلىرىنىڭ زومىگەرلىك ئورنىنى تىكلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي ۋە رۇسىيەدىكى بۇ خىل ھاكىممۇتلەقلىق ئاساسىدىكى كېڭەيمىچىلىكنىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە خىرىسلارنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
رەئىس گاردنېرنىڭ پىكرىچە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا زورىيىۋاتقان ھاكىممۇتلەقلىقى ئىچكى قىسىمدا دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ مىسلىسىز دەرىجىدىكى ئاياق-ئاستى بولۇشىغا سەۋەب بولغان. بۇنىڭ ئەڭ زور قۇربانلىرى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە باستۇرۇشقا دۇچ كېلىشىدە ئىپادىلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ رايوندىكى غايەت زور كۆلەملىك لاگېرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققان. نۆۋەتتە بۇ مەسىلە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ب د ت نىڭ زور دىققىتىدىكى ئىشلاردىن بولۇپ قالغان.
شۇنىڭدىن كېيىن مەزكۇر كومىتېتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ئېدۋارد ماركېي سۆز ئالدى. ئۇمۇ ئۆزىنىڭ خېلى ئۇزاق مەزگىللەرگىچە خىتاي دۆلىتى خەلقئارادىكى ئەركىن دۇنيا ساھەسىگە ئېلىپ كىرىلسە سىياسىي ئەركىنلىك جەھەتتە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىدۇ، دەپ قارىغانلىقىنى، ئەمما ھازىرقى ئەھۋالنىڭ نەق بۇنىڭ ئەكسى بولۇپ چىقىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت رايونىدىكى باستۇرۇشنى ئۇيغۇرلار دىيارىدا نەچچە قاتلاپ ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ھەممىلا ئادەمگە مەلۇملۇق بولغان «بىر مىليون كىشىنىڭ ‹قايتا تەربىيەلەش مەركىزى› نامىدىكى لاگېرلارغا قامىلىشى» ھەققىدىكى ئەھۋالنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر مۇشۇ يوسۇندا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي چېگراسىدىن ھالقىپ ئامېرىكىغىچە قول ئۇزىتىۋاتقانلىقىنى، يېقىندا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدىكى ئالتە مۇخبىرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈ ئورنىدا ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
كومىتېت ئەزالىرىنىڭ بايانلىرىدىن كېيىن بۈگۈنكى گۇۋاھلىق بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغانلارغا سۆز بېرىلدى. ئالدى بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئەمگەك ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى مۇدىرى سكوت باسبىي سۆز ئالدى. ئۇ سۆزىدە ھەممىگە ئورتاق ھەقلەرنى ۋە تۈپلۈك ئەركىنلىكنى قوغداشنىڭ ئىزچىل ھالدا ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ بىر مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، بۇ ھالنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن «ھازىر كەڭ كۆلەمدە داۋام قىلىۋاتقان، شۇنداقلا ئەڭ قەبىھ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» نىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى، 2017-يىلى ئاپرېلدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىگۇناھ ئۇيغۇرلاردىن ئاز دېگەندىمۇ 800 مىڭ كىشىنى لاگېرلارغا قامىۋالغانلىقىنى، بۇ سان ھەققىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىككى مىليوندىن ئارتۇق كىشى لاگېرلارغا قامالغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ تەخمىن قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. شۇنىڭدەك بۇ لاگېرلاردىكى ۋەھشىيلىكلەردىن تاشقى دۇنيانىڭ بەكمۇ ئاز خەۋەردار بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەسلەپ بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنى، يېقىندا ئاشۇ خىلدىكى لاگېرلاردا ياتقان سابىق مەھبۇسلاردىن مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ بۇ ھەقتىكى گۇۋاھلىق سۆزلىرىدىن لاگېرلاردىكى سىياسىي مەۋقەنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشى، ئىسلام ئېتىقادى ۋە ئۇيغۇرلۇق مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىش قاتارلىقلارنىڭ تېخىمۇ ئاشكارا بولغانلىقىنى، بۇ لاگېرلاردا ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قاباھەتلىك مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا لاگېرلارنىڭ سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىمۇ لاگېردىن بەك چوڭ پەرق قىلمايدىغانلىقىنى، ھەممىلا جاينى قاپلىغان ساقچىلار ۋە تەكشۈرۈش پونكىتلىرى، مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشى، خىتاي كادىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە «تۇغقان بولۇش» نامىدا يېتىۋالىدىغانلىقىنى، بۇ زۇلۇملاردىن قېچىپ چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا خىتاينىڭ پاراكەندە قىلىشىدىن قۇتۇلالمايۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى سەۋەبلىك كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ شۇ جايلارغا قېچىپ بارغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
بۇ قېتىمقى يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ يەنە بىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ياردەمچى مۇدىرى لاۋرا ستون ئىدى. ئۇ نۇقتىلىق قىلىپ ئامېرىكىنىڭ نەچچە ئون يىللاپ دېموكراتىيە، ئورتاق ھەق-ھوقۇقلار، جۈملىدىن ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدە پۈتۈن دۇنياغا ئۈلگە بولۇپ كەلگەنلىكىنى، ئەمدىلىكتە ئامېرىكا بىلەن ھەر تەرەپلىمە مۇناسىۋەت ئورنىتىۋاتقان خىتاينىڭ بولسا دەل بۇ مەزمۇنلارنىڭ ئەكسىچە ئىش كۆرۈۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقان لاگېرلارنىڭ بۇنىڭدىكى بىر تىپىك مىسال ئىكەنلىكىنى، ئۆزىگە كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە بۇ كىشىلەر ئارىسىدا ئامېرىكىنىڭ مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇم ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلەر، ئامېرىكا پۇقراسى بولغان كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ بارلىقىنى بايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن بولغان ئالاقىدار سۆھبەتلەردە ئىزچىل بۇ مەسىلىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، لاگېردىكىلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى ھەمدە ئۇلارنى تېزدىن قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيو، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىس، مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پەنس، ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى نىككى خالېي قاتارلىقلار ئىزچىل خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇشلارنىڭ خەلقئارا جامائەتكە قانداق يوسۇندا «بىخەتەرلىك خىرىسلىرى» پەيدا قىلىۋاتقانلىقى توغرىلىق سۆز قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقلار ئارا سۆھبەتلەرنى تەشكىللەپ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ھەققىدە كۆپ قىرلىق مۇزاكىرىلەرنى تەشكىللىگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا دەستەك قىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىزمەتلەر ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلىدە دۇنياۋى مىقياستا دىپلوماتىك بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۆزلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ ئىزچىل ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى بىلەن ۋە ئامېرىكا قانۇن ئورگانلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداۋاتقانلىقىنى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىلىرى ۋە ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ خەتەر ئاستىدا قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ھەمدەم بولۇۋاتقانلىقى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قىلمىشىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشتە يەنىلا خەلقئارانىڭ ئىش بىرلىكى بولۇشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
گۇۋاھلىق بېرىشتىن كېيىن كومىتېت رەئىسى ۋە باشقا ئەزالار گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن ئالاقىدار مەسىلىلەر بويىچە سوئاللار سورىدى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ «ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراش مەسىلىسىدە نېمىلەرنى قىلدى؟» دېگەن مەزمۇندىكى سوئاللىرىغا سكوت باسبىي ۋە لاۋرا ستون تېگىشلىك جاۋابلارنى بېرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتە بىر قاتار خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. بولۇپمۇ كومىتېت رەئىسى گاردنېر ئەپەندى «ھازىر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى قوغداپ قېلىش ھەققىدە پىكىرلەر بار. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىك، خۇددى بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ قىلغىنىدەك ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىشنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قوللامدۇ؟» دەپ سورىغاندا سكوت باسبىي «بىز ئومۇمەن ھەرقانداق ئۇيغۇرنى مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە قارشى تۇرىمىز» دېدى.
شۇ قاتاردا كومىتېت ئەزالىرىدىن ماركېي ئەپەندى «سىزنىڭچە ھازىر لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدە بىرەر ئېنىق مەلۇمات بارمۇ؟» دەپ سورىغاندا سكوت باسبىي «ئىستىخبارات ئورگانلىرىمىزنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا نۆۋەتتە لاگېرلارغا سولانغانلارنى 800 مىڭدىن بىرنەچچە مىليونغىچە، دەپ تەخمىن قىلماقتىمىز. ئەمما بۇ رايونغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەش ئىمكانىمىز بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئېنىق ساننى بىلمەيمىز» دېدى.
يىغىننىڭ سوئال-جاۋاب بۆلىكىدە يەنە ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋىتىدە ئىنسان ھەقلىرىنىڭ قانداق ئورۇن ئىگىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇشقا ئۇچرىشىغا قارىتا مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى قانداق ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش قاتارلىق كۆپلىگەن تېمىلار بويىچىمۇ سوئاللار سورالدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ خاتىرىلىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئاق ساراي ۋە دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا قارىتىلغان تاشقى سىياسەتلەرنى تۈزۈشىدە مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولىدىكەن.