ژۇرنالىست مىياكې: خىتاي ئۇيغۇر تۇپرىقىنى خىتايلاشتۇرۇۋەتتى
2015.05.25
ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق سىياسىي ژۇرناللاردىن بىرى بولغان «ۋىلل ژۇرنىلى» نىڭ بۇ يىلقى 6-سانىدا ئاتاقلىق ژۇرنالىست مىياكې كۇنىھىكونىڭ «خىتاي ئۇيغۇر تۇپرىقىنى خىتايلاشتۇرۇۋەتتى» ناملىق سىياسىي ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
ژۇرنالىست مىياكې ھازىر توكيودىكى چەتئەل سىياسىتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى. ئۇ، ئىلگىرى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا خىزمەت قىلغان شۇنداقلا بېيجىڭدىكى ياپونىيە ئەلچىخانىسىدا مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى بولغان.
ژۇرنالىست مىياكې ماقالىسىنىڭ «ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىش» دېگەن بۆلىكىدە 2002-يىلى بېيجىڭدىكى ياپونىيە ئەلچىخانىسىدا مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن يېڭىدىن تېپىلغان قەدىمكى ئاسارە-ئەتىقىلەر كۆرگەزمە مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارغانلىقىنى، مۇزېيغا قويۇلغان ئۇيغۇرلارغا تەۋە بولغان بارلىق ئاسارە-ئەتىقىلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە، بۇلارنى خىتاينىڭ تاڭ، خەن دەۋرلىرىگە باغلاپ، خىتاي مىللىتىگە تەئەللۇق دەپ شەرھلەپ، ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلار نامىنىڭ ھېچقانداق تىلىغا ئېلىنمىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇيغۇرلار ياراتقان يىپەك يولىدىكى بۇ بۈيۈك مىراسلارنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى قىلىپ كۆرسىتىلىشى مېنى تولىمۇ بىئارام قىلدى» دەيدۇ.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي رەھبەرلىرىنىڭ خىتايلاردىن، بىر قىسىم خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپقانلىقى ۋە ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى ئالاقە تىلدا خىتاي تىلى ئاساس قىلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاللىقاچان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ پاجىئەدىن ئەپسۇسلانغان ئاپتور ماقالىسىدە: «مەن ئەتە ئەتىگەندە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسارە-ئەتىقە كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ماڭا بېرىلگەن سۆزلەش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆزۈمنىڭ چوقۇم ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىم لازىملىقىنى قارار قىلدىم. ئەتىسى ئەتىگەندە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە سەھنىگە سۆزگە تەكلىپ قىلىندىم. مېنىڭ خىتاي تىلىغا پىششىقلىقىمدىن خەۋەردار ساھىبخانىلار ماڭا تەرجىمان قويمىغان ئىدى. شۇڭا مەن تەمكىن قەدەملىرىم بىلەن سەھنىگە چىقىپ كۆپچىلىككە سالام بېرىپ، ‹ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم› دېدىم. مېنىڭ ئۇيغۇرچە سالىمىمدىن كۆپچىلىك تولىمۇ ھەيران بولدى. مەن ئارقىدىن ئۇيغۇر تىلىدا ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ ‹مەن بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ياپونىيە ئەلچىخانىسىنىڭ مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى بولىمەن. مەن بۈگۈن يىپەك يولىدا بۈيۈك مەدەنىيەت ياراتقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۈرۈمچىدە بىرگە بولغانلىقىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن› دېدىم. مېنىڭ راۋان ئۇيغۇر تىلىمدىن خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ ھەيران قىلىشتى. ھاياجانلانغان ئۇيغۇرلار ماڭا قاراپ خۇشاللىنىپ چاۋاك چىلىشتى» دەيدۇ.
ژۇرنالىست مىياكې يىغىندىن كېيىن ئۆزىنىڭ شۇ چاغدىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنى ئايلىنىپ ھېس قىلغانلىرى ئۈستىدە توختىلىپ: «بۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ تەقى-تۇرقى، چىراي شەكلى، تۇرمۇش، ئۆرپ-ئادىتى ۋە تائاملىرىنىڭ پۇرىقى كىشىگە ھەقىقىي ئوتتۇرا ئاسىيانى ئەسلىتىدۇ» دەيدۇ.
ئۇ شۇنداقلا ئۇيغۇر رېستورانلىرىدا ھاراق سېتىلمايدىغانلىقىنى، ئىسلام دىنىدا چەكلەنگەن يېمەكلىكلەرنىڭ پەقەتلا يوقلۇقىنى، كوچىلاردىكى ۋىۋىسكا، ئېلان تاختىلىرىنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇرچە يېزىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
مىياكې ماقالىسىنىڭ «ئۇيغۇر ئېلىنى خىتايلاشتۇرۇش» ناملىق بۆلىكىدە، ئارىدىن ئون يىلدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ قايتىدىن ئۈرۈمچى شەھىرىگە بېرىپ كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلىپ: «ئۇيغۇرلار قانچە كۈچىگەن بولسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ يۇرتلىرىنى پەقەتلا قوغداپ قالالمىدى. مەن ئون يىل ئاۋۋال كۆرگەن ئۈرۈمچى بىلەن ھازىرقى ئۈرۈمچى ئاسمان-زېمىن پەرقلىق،دۇكانلارغا ئېسىلغان ۋىۋىسكىلار، رەستلەردىكى ئېلان تاختىلىرىدىكى يېزىقلار پۈتۈنلەي خىتايچە، شەھەر خىتايچە ئۇسلۇبىدىكى قۇرۇلۇشلار بىلەن تولغان، ئۇيغۇرلار نامى ‹شىنجياڭلىقلار› غا ئۆزگەرگەن» دەيدۇ.
ئاپتور ماقالىسىنىڭ بۇ قىسمىدا يەنە، ئۇيغۇرلارغا خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ مەجبۇرىي تېڭىلغانلىقى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ زور بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە ئۆزىنىڭ بىر قاتار قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ:«خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ساقلاپ قىلىندى دېيىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ۋەيران بولغان» دەيدۇ.
ماقالىدە ئاپتور ئۆزى چۈشكەن مېھمانخانىدىكى بىر خىتاي خىزمەتچىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى ھەققىدە ئېيتىپ بەرگەنلىرىنى بايان قىلىپ، ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەركىزى رايونلىرىنى 80% خىتايلار ئىگىلەپ بولغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەر سىرتىغا سىقىپ چىقىرىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ژۇرنالىست مىياكې ماقالىسىنىڭ «خىتايلار ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ ئاتايدۇ» دېگەن بۆلىكىدە بولسا، خىتاي ئۇيغۇرلارنى تېررورچىلار دەپ ئاتاپ خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۆزىنىڭ تېررورنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدا ھېچقانداق تېررورچىلارنىڭ يوقلۇقىنى، ئۇيغۇرلار تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنى قوللىمايدىغان، تىنچلىقنى سۆيىدىغان،ئادالەتكە موھتاج بولۇۋاتقان بىر خەلق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
ماقالىنىڭ مەزكۇر قىسمىدا ئاپتور شۇنچە كۆپ يەر ئاستى بايلىققا ئىگە بولغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كەمبەغەل، نامرات ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئەنسىزلىك، پاراكەندىچىلىك ئىچىدە،كەمسىتىش ۋە خورلۇققا ئۇچراپ خىتايلاردىن قورقۇپ ياشايدىغانلىقىنى،خىتاي مىللىتىنىڭ بولسا شادلىق ۋە باياشاتلىق ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
ئاتاقلىق ژۇرنالىست مىياكې ماقالىسىنىڭ بۇ قىسمىدا 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ، ئۇلارنى قوراللىق باستۇرۇپ ئۇيغۇر تىلىنى، مائارىپىنى يوق قىلىۋەتكەنلىكىنى، ئەمدىلىكتە بولسا ئۇيغۇرلارنى ئوتتۇرا شەرقتىكى «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا باغلاپ، ئۇلارنى يەنە قايتىدىن باستۇرۇشقا ئۆتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇ ماقالىسىدە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دەردىگە قۇلاق سالماي، ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلماي، بۇ خىلدىكى ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىدىغان بولسا، ئاقىۋەتتە بۇ خىل سىياسەت ئۇيغۇرلارنى خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى رادىكال ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرلاپ قويىدىغانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدا ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان خىتاي مىللەتچىلىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ خىتايلارغا قارشى بىر قىسىم ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىغا تۈرتكە بولۇپ قىلىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە توختالغان.
ماقالىدە يەنە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئائىت بىر قىسىم سۈرەتلەرمۇ بېرىلگەن.
ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتايدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ھيۇما مەزكۇر ماقالە ئاپتورى، ئاتاقلىق ژۇرنالىست مىياكې ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-مىياكې ئەپەندى، يالغۇز ژۇرنالىست بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇ، ياپونىيە ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى دۆلەت سىياسىتىنى تۇرغۇزۇش ۋە بېكىتىش شۇنداقلا ياپونىيە تاشقى سىياسىتىنى بەلگىلەشتەك ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا مۇھىم ۋەزىپىلەردىكى شەخسلەردىن بىرى. ئۇ، ئۇزۇندىن بۇيان خىتايدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.