ئانالىزچىلار: «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش زەربىدار ئەترىتى» ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قورالىدۇر

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.08.07
ئانالىزچىلار: «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش زەربىدار ئەترىتى» ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قورالىدۇر 2021-يىل 7-ئاينىڭ 5-كۈنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالاپ، «قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى» قارمىقىدىكى بىر ئالاھىدە ئەترەتكە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش زەربىدار ئەترىتى» دەپ نام بەرگەن.
Social Media

2021-يىل 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، يەنى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ يۈز بەرگىنىگە 12 يىل بولغان كۈندە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بۇيرۇق ئىمزالاپ، «قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى» قارمىقىدىكى بىر ئالاھىدە ئەترەتكە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش زەربىدار ئەترىتى» دەپ نام بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئەترەتنىڭ بىراقلا داڭقى چىقىپ، خىتاي تاراتقۇلىرى ئۇنىڭ «ئىش-ئىزلىرى» نى كەڭ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان.

سىياسىي كۆزەتچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قىلمىشىنى «خەلقئارادىن كېلىۋاتقان نارازىلىق ۋە بېسىمنى كۆزگە ئىلمىغانلىق، خەلقئارا قانۇنلارنى دەپسەندە قىلغانلىق، ئۇيغۇرلارغا ھەيۋە قىلغانلىق ۋە تەھدىت سالغانلىق، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى رىغبەتلەندۈرگەنلىك، مەلۇم نۇقتىدىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىق» دەپ چۈشەندۈردى.

«خەلق تورى»، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ ئاتالمىش «زەربىدار ئەترەت» نىڭ 31 قېتىم «تېررورلۇققا قارشى جەڭ» گە قاتنىشىپ، 91 «تېررورچى» نى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، بىر قېتىمدىلا نەق مەيداندا 17 ئادەمنى ئېتىپ، 121 ئادەمنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، يەرلىك خەلق تەمىنلىگەن ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ «تېررورىستلار» نى قەيەردىلا بولسا تېپىپ يوقاتقانلىقىنى بىر ئايدىن بېرى تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قوراللىق ساقچى ئەترەتنى كۆتۈرۈپ چىقىشىدا سىياسىي سەۋەب بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «خىتاي ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشىلىق بىلدۈرگەن خەلقنى تېررورىزمغا باغلاپ يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا Rand سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى سكوت ھارولد (Scott Harold) ئەپەندى خىتاينىڭ تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرغا زەربە بېرىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «شۇنى ئېيتىش كېرەككى، شىنجاڭدا تېررورلۇق يۈز بەردى دېگەن تەقدىردىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە مىليون ئۇيغۇرنى لاگېرغا سولاپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىنى قانداق قوبۇل قىلغىلى بولسۇن؟ يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ھەر يەردە تەقىپ-نازارەت سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرغان، جاي-جايلاردا ساقچى پونكىتى قۇرغان ئەھۋالدا، ئۇ يەردە چوڭ كۆلەملىك تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس. مەنچە، شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئوبرازىنى نامايان قىلىش ھەم پۈتۈن خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇنى قوللاۋاتقانلىقىدەك بىر تەسىرات پەيدا قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. بىز بىلىمىزكى، دىكتاتورلار قورقۇپ تۇرۇپ يالغان سۆزلەيدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، خىتاي پۇقرالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداقتۇر خىتايلارغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە تەشۋىقاتلارنى كۆرسە، ئۇيغۇرلارنى تېررورسىت دەپ چۈشىنىدۇ ھەم ئۇلارنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىپ خىتايلاشتۇرۇش كېرەك دەپ ئويلايدۇ. مەنچە، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى خىتايدىكى بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، ئۇلارنى يېڭى تىپتىكى خىتاي پۇقراسى قىلماقچى، يەنى ئۇلارنىڭ تىلى، ئېتىقادى، ئىرقى ۋە تارىخىنى يوقاتماقچى. خىتاي كومپارتىيەسى ۋە خىتاي مىللىتىگە ئىشلەيدىغان خەلقنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقچى».

خىتاي ھۆكۈمىتى 2019-يىل 7-ئايدا ئېلان قىلغان «يېڭى دەۋردىكى خىتاي دۆلەت مۇداپىئەسى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا بېرىلگەن مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى 2014-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە ماسلىشىپ، 1588 «زوراۋانلىق، تېررورلۇق گۇرۇھى» نى يوقىتىپ، 12 مىڭ 995 «تېررورچى» نى قولغا چۈشۈرگەن.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ خىتاينىڭ جىنايىتىنى مەلۇم دەرىجىدە ئاشكارىلاپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، خىتاي ئۆزىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلاردىن بىر نەچچىسى بىر يەرگە كېلىپ قالسىمۇ ئۇنى تېررورلۇق گۇرۇھى دەپ ھېسابلىغان. ئاتالمىش تېررورچى دەپ تۇتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى نەچچە مىليونغا بارىدۇ. بۇ ھەرگىز خىتاي دەۋاتقاندەك، تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ئەمەس، بەلكى خەلقئارا ئېتىراپ قىلىۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىقتۇر».

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2015-يىلدىكى ھەربىي ئىسلاھاتىدىن كېيىن، خىتاينىڭ قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ئىچكى مۇداپىئە باش ئەترىتى، ھەرىكەتچان باش ئەترەت، دېڭىز ساقچىسى باش ئەترىتى قاتارلىق ئۈچ تارماققا بۆلۈنگەن. «شىنجاڭ قوراللىق ساقچى باش ئەترىتى» خىتاي بويىچە بىردىنبىر يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي شتات ئورنى ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي قوراللىق ساقچى قىسمى ئاساسەن مۇقىملىقنى ساقلاپ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىقنى بېسىىقتۇرۇش ۋەزىپىسى ئۆتەيدىغان كۈچلەر بولۇپ، ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش زەربىدار ئەترىتى» بولسا ھەر قانداق جايدا جىددىي ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ھەرىكەتچان قىسىم ئىكەن.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇرلارنى قانلىق باستۇرۇپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە جاۋابكار بولۇشتىن قېچىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى «تېررورست» دەپ قارىلاشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ ئاتالمىش «زەربىدار ئەترەت» نى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قورالى ھەم تەشۋىقات ۋاسىتىسى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي مەنبەلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2009-يىل شى جىنپىڭ خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان مەزگىلىدە ئۇيغۇر رايونىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بەرگەن. ئۇ خىتاي رەئىسى بولغاندىن كېيىن 2014-يىل 4-ئايدا ئۇيغۇر رايونىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنى قوبۇل قىلىپ، «تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىش» توغرۇلۇق يوليورۇق بېرىپ قايتقاندىن كېيىن بىر كۈن ئۆتۈپ ئۈرۈمچىدە پارتلاش يۈز بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۇيغۇرلارنى كەڭ-كۆلەملىك باستۇرۇشنىڭ پىلانىنى سوققان. بەزى سىياسىي تەھلىلچىلەر بۇ خىل ئاتالمىش «تېررورلۇق» ۋەقەلىرىنى خىتاي ئىستىخبارات ئورۇنلىرى پىلانلىغان سۇيىقەست ۋە قەستەن ئويدۇرۇپ چىقارغان ۋەقە دەپ قارىغان.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە ئېتىقادىنى تامامەن يوقىتىشنى كۆزلەۋاتقان خىتاينىڭ، قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، ، ئۆز ۋاقتىدا يەھۇدىيلارنى دۈشمەن كۆرۈپ يوقاتماقچى بولغان ناتسىستلارنىڭمۇ شۇنداق قىلغانلىقىنى، شۇڭا خىتايغا ھەرگىز ئىشەنچ باغلىماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.