مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ «تۈركىستان» ۋە «شىنجاڭ تارىخى» ھەققىدىكى قارىشىنى تەنقىد قىلدى (2)

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.09.20
enwer-eysa-korla.jpg كورلا شەھەرلىك پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر ئەيسا.
Social Media

كورلا شەھەرلىك پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر ئەيسا 17-سېنتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئىسلام دىنىنىڭ ئۇلارنىڭ ئورتاق دىنىي-ئېتىقادى ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ، «شىنجاڭ تارىخى» دا مۇستەقىل تۈركىي دۆلەتلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئىنكار قىلغان.

ئۇ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاينىڭ چىن ۋە خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىن بېرى خىتاينىڭ زېمىنى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن ئىسىمنى «3 خىل كۈچلەر» نىڭ «شىنجاڭ» نى خىتايدىن ئايرىپ چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۆتكەنكى پروگراممىمىزدا مۇتەخەسسىسلەر ئەنۋەر ئەيسانىڭ دىن ۋە مىللەت مەسىلىدىكى قارىشىنى تەنقىد قىلدى. ئۇلار، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق ئېتىقادى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قارىشى «ئىلمىي رېئاللىققا خىلاپ» دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. بۈگۈن مۇتەخەسسىسلەر يەنە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىي دۆلەتلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىنى رەت قىلدى. 

ئامېرىكىدىكى خىتاي تارىخچى جۈ شۆيۈەن ئەپەندى، «شىنجاڭ چىن-خەن دەۋرىدىن باشلاپ جۇڭگو زېمىنىغا ئايلانغان» دېگەن قاراشنىڭ تارىخىي ئەمەلىيەتكە چۈشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ ھازىرقى چېگراسى 19‏-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. 

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەنۋەر ئەيسا خىتاينىڭ زېمىنى چىن-خەن دەۋرىدىن بېرى شىنجاڭ، شىزاڭ، موڭغۇل رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، دەپ قارايدۇ. لېكىن چىن-خەن دەۋرىدە شىنجاڭدىن ياكى دۆلەت چېگراسىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ چېگرانى 18‏-19-ئەسىرلەردىن باشلاپ ئايرىلىشقا باشلىغان. بولۇپمۇ 19‏-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن ئايرىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن دۆلەتلەرنىڭ چېگراسى يوق ئىدى. دۆلەت چېگراسىنى ئايرىش بۇ غەربنىڭ چېگرا ئۇقۇمى، بولۇپمۇ ئەنگلىيەنىڭ چېگرا ئۇقۇمىدىن كەلگەن. رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ چېگرا ئايرىشى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا بولدى. ئۇنىڭ خىتاي چېگرانى چىن-خەن دەۋرىدىن باشلاپ ئايرىلغان دېگىنى ئەمەلىيەتكە پەقەت سىغمايدۇ.» 

جۇ شۆيۈەن ئەپەندى يەنە قەدىمدە خىتاي بىلەن غەربىي رايون ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ بولغانلىقىنى، بىراق بۇنىڭ ھەرگىزمۇ غەربىي رايوننىڭ خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەينى دەۋردە خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تاشقى دۇنياغا تەسىرى بولغانمۇ-يوق، ئەلۋەتتە تەسىرى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە غەربىي رايون مەدەنىيىتىنىڭ خىتايغا تەسىرى بولغانمۇ-يوق، ئوخشاشلا بولغان. ئۇ دەۋردە غەربىي رايون سودىگەرلىرىنىڭ چاڭئەن، لوياڭدا پائالىيەتلىرى ناھايىتى جانلانغان. ئۇنداقتا، خىتاي سودىگەرلىرىمۇ غەربىي رايونغا بارغانمۇ، ئەلۋەتتە بارغان. ئۇلار كافكازىيە ۋە ئىرانغا قەدەر يېتىپ بارغان. بىراق، سېنىڭ ئۇ رايونلارغا بارغانلىقىڭ ھەرگىزمۇ ئۇ جايلارنىڭ خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ.» 

ئەنۋەر ئەيسا شەھەرلىك پارتكومنىڭ ئۈندىدار سالۇنىدا ئېلان قىلىنغان «بىزنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان ئەمەس، بىزنىڭ مىللىتىمىز تۈرك ئەمەس، بىزنىڭ دىنىمىز ئىسلام ئەمەس» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، «3 خىل كۈچلەر» نىڭ شەرقىي تۈركىستان تارىخىي دېگەننى ياساپ چىقىپ، شىنجاڭ تارىخى، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىنى بۇرمىلىغانلىقى، «شىنجاڭ تارىخىدا تۈرك دۆلىتى دەيدىغان بىر دۆلەت بولۇپ باقمىغان» لىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. 

لېكىن، تارىخچىلارنىڭ قارىشىچە، تۈركىستان-سىياسىي جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم بولۇپ، بۇ نام 4‏-5‏-ئەسىرلەردىكى گىرېك، ئەرمەنى تارىخچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇچرايدىكەن. ئۇلار، ھازىرقى تۈركىي قەبىلىلەر ئولتۇراقلاشقان كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دالاسىنى 'تۈركىستان' دەپ ئاتىغان ئىكەن. 

قاھار بارات، ئەنۋەر ئەيسانىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلق-ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ رايوندىكى دۆلەتلىرىنى غەرەزلىك ئايرىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، شەرقىي تۈركىستان تارىخىدىكى ھۇن، كۆك تۈرك، ئورخۇن، قاراخانىيلار، ئىدىقۇت قاتارلىق دۆلەتلەرنى بۇ رايوندىكى تۈركىي خەلقلەر قۇرغان. ئۇ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا 550‏-يىللاردىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ئىزچىل ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھازىر خىتاينىڭ بۇ رېئاللىقنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

قاھار بارات مۇنداق دەيدۇ: «شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيە قۇرۇپ، شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى بىلەن سوقۇشقۇدەك ياكى ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشقۇدەك، ھەتتا ئىرانىيلارنى ۋەيران قىلغۇدەك قۇدرەتكە ئىگە چوڭ دۆلىتى - غەربىي كۆك تۈرك قاغانلىقىنىڭ مەركىزى قارا شەھەر ئەتراپىدا ئىدى. غەربىي تۈرك خانلىقى مىلادى 552‏-يىلدىن كېيىن قارا شەھەردە ئۆزىنىڭ خانلىق مەركىزىنى تىكلىگەندىن بۇيان تۈركلەر شەرقىي تۈركىستاندا تا ھازىرغا قەدەر مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.» 

قاھار باراتنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ بۇ تارىخىي رېئاللىقنى ئىنكار قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە يولىغا ئىتتىرىشى خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. 

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتايدىكى 56 مىللەتنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتتى. ئەمدى بۇ يەردە ئاسسىمىلياتسىيە بولمىغان پەقەتلا ئۇيغۇرلار قالدى. ئۇلار خىتايدا قەپ قالغان باشقا بىر قانچە مىللەتنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە خىتاي دۆلىتى ناھايىتى خەتەرلىك تاق مىللەتلىك، تاق مەدەنىيەتلىك بىر دۆلەتكە ئايلىنىدۇ. تاق مىللەتلىك، تاق مەدەنىيەتلىك دۆلەت ئىنتايىن خەتەرلىك دۆلەت. بۇ خىتاينى ناھايىتى ئاسان شوۋىنىزملىق يولغا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۆزىگىمۇ پايدىسىز.» 

لېكىن تارىخچى جۇ شۆيۈەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قۇرغان دۆلەتلىرىنى، ئۇلارنىڭ ياراتقان مەدەنىيىتىنى ۋە ئورتاق تىلىنى رەت قىلىپ، ئۇلارغا «جۇڭخۇا مىللىتى» دېگەن كىملىكنى تېڭىش كومپارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى خاتالىقىنى يوشۇرۇشنى مەقسەت قىلغانىكەن. 

جۇ شۆيۈەن مۇنداق دەيدۇ: «ئورتاق مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى بار، ئورتاق تىلى بار بۇ رايوندا ئۇزۇن مەزگىل مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ ياشىغان بۇنداق بىر مىللەتنىڭ كىملىكىنى ئىنكار قىلىش، ئۇلارنىڭ تارىخىنى رەت قىلىش بۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى خاتالىقنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى سىز ئۇيغۇر دېگەن بۇ مىللەتنىڭ نامىنى تارتىۋالسىڭىز، ئۇلارنىڭ تارىخىنى يوققا چىقارسىڭىز، ئەجەبا ئۇيغۇرلارنى بويسۇندۇرغان بولامسىز! بۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ. بۇ پەقەت تېخىمۇ سەلبىي رول ئويناپ، تېخىمۇ چوڭ قارشىلىقنى پەيدا قىلىدۇ.» 

ئەنۋەر ئەيسانىڭ مەزكۇر ماقالىسى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ «شىنجاڭدىكى بىرقانچە تارىخىي مەسىلىلەر» ناملىق سۆھبەت يىغىنى 12‏-سېنتەبىر كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىپ ئارقىدىنلا ئېلان قىلىنغان. بېيجىڭدىكى سۆھبەت يىغىندا خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى يۈ جېشېڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن، تارىخ، مەدەنىيەت، مىللەت قاتارلىق ساھەلىرىدە «مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان خاتا ئىدىيىلەر» نى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.