خوڭكوڭدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى قوراللىق ئىنقىلابقا ئايلىنىپ كېتەمدۇ؟
2019.10.21

ئانالىزچىلار خوڭكوڭدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ قوراللىق ئىنقىلابقا ئايلىنىپ كېتىش مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
20-ئۆكتەبىر كۈنى غەرب مەتبۇئاتلىرى خوڭكوڭدا يۈز بەرگەن زور نامايىش توغرىسىدا بەس-بەستە نەق مەيداندىن خەۋەرلەر تارقاتتى. 16-ئۆكتەبىر ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا «خوڭكوڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەسى قانۇن لايىھەسى» ماقۇللۇقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، 20-ئۆكتەبىر كۈنى بۇ لايىھىنى قوللاش يۈزىسىدىن ئامېرىكا بايرىقىنى كۆتۈرگەن قانچە ئونمىڭلىغان كىشىلەر يەنە كوچىغا چىقىپ نامايىش ئېلىپ بارغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، تۈنۈگۈنكى نامايىشتا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئەۋجىگە چىقىپ، توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدىكى ئوتتا 5 كىشى كۆيۈپ ئۆلگەن. بۇنىڭ بىلەن، 5 ئايدىن بۇيانقى نامايىش جەريانىدا ئۆلگەن ئادەمنىڭ سانى جەمئىي 8 كىشىگە يەتكەن. ھازىرغا قەدەر يارىلانغانلار نەچچە يۈز كىشى، قولغا ئېلىنغانلار 1400 كىشى بولغان. خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تۈرمە كامىرلىرى يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن يېڭىدىن تۈرمە بەرپا قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئالدىنقى ئايلاردىلا خەۋەر قىلىشقان ئىدى.
20-ئۆكتەبىردىكى نامايىشتا يۈزىگە نىقاب تاقىۋالغان كىشىلەر 78 تۆمۈريول بېكىتىگە ئوت قويۇۋەتكەن. خىتاي مەبلىغى بىلەن ئېچىلغان بانكا ۋە دۇكانلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان. نۇرغۇنلىغان ماشىنىلار كۆيۈپ كۈل بولغان. يول بويىدىكى ۋىۋىسكىلار بۇزۇلغان. خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارشى ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان ھەربىي ھالەتنىڭ كۆلىمىنى يەنىمۇ بىر بالداق كېڭەيتىپ، شەھەر سىرتىدىكى 4 رايونغا قەدەر ئەسكەر ئاجراتقان. ساقچىلاردىن باشقا ئامانلىق ساقلاشقا ئاجرىتىلغان ئەسكەرلەرنىڭ سانى 9400 كىشىگە يەتكەن.
خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى 6-ئۆكتەبىر سەھەردىن باشلاپ نامايىشچىلارنىڭ نىقاب تاقىشىنى چەكلىگەن ئىدى. ئەمما نامايىشچىلار بۇ تۈزۈمگە ئىزچىل رىئايە قىلمىغان. بۇ قېتىم ساقچى دائىرىلىرى نامايىشچىلارنى ئاسان پەرقلەندۈرۈپ تۇتۇش ئۈچۈن تەركىبىگە بىرخىل خىمىيەلىك كۆك ماددا ئارىلاشتۇرۇلغان سۇيۇقلۇقنى ماشىنا بىلەن نامايىشچىلارغا پۈركۈگەن. بۇ سۇيۇقلۇق شەھەر مەركىزىدىكى «توققۇز ئەجدىھا مەسچىتى» نىڭ تام ۋە پەلەمپەيلىرىنىمۇ بۇلغىۋەتكەن.
گەرچە خىتايدا مەسچىتلەر چېقىلىۋاتقان، ئىبادەتلەر مەنئى قىلىنغان، دىنىي ئېتىقاد ئېغىر دەپسەندىچىلىكلەرگە يولۇقۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق دىنىي جەمئىيەتلەرگە، دىنىي قۇرۇلۇشلارغا، دىنىي ئېتىقادقا مۇتلەق ھۆرمەت قىلىش خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ئايلانغان بولغاچ، ساقچىلار مۇسۇلمانلاردىن دەرھال ئەپۇ سورىغان. نامايىشچى خەلقمۇ مەسچىت تاملىرى ۋە پەلەمپەيلەردىكى كۆك رەڭنى تازىلاپ چىقىرىش ئۈچۈن مەسچىت جامائىتىگە ئۆزلۈكىدىن ياردەملەشكەن.
دىققەتنى تارتىدىغىنى، «تۇتقۇنلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇن لايىھەسى» گە قارشى 6-ئايدا نامايىشلىرىنى باشلىغان خوڭكوڭلۇقلار بۇ نۇقتىدا ھۆكۈمەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، يەنە نېمە ئۈچۈن قارشىلىقلىرىدىن ۋاز كەچمەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ نامايىشلىرى بارغانسېرى شىددەتلىك تۈس ئالىدۇ؟
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 20-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «خوڭكوڭدىكى قارشىلىق ئىنقىلابقا ئايلىنىپ كېتەمدۇ؟» ناملىق مۇلاھىزە خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، نامايىشچىلارنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ تىغ ئۇچى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارىتىلغان بولۇپ، ئۇلار ھازىرقى خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنى «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قالدى، خوڭكوڭلۇقلارغا رەھبەرلىك قىلىش سالاھىيىتىنى يوقاتتى، ‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم› بەربات بولدى، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە مۇھىتى بارغانسېرى تارىيىپ كەتتى» دەپ قارايدىكەن ۋە ئەركىن خوڭكوڭ ئۈچۈن كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتماقتا ئىكەن.
ئالدىنقى ئايلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا مەلۇماتى بولغان خوڭكوڭلۇق بەزى نامايىشچىلار «بىز ئىككىنچى شىنجاڭ بولۇپ قېلىشنى خالىمايمىز» دېگەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلىشقان ئىدى.
خوڭكوڭدىكى «جەسۇرلار گۇرۇھى» نىڭ بىر خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشلىرى داۋاملاشقان تەقدىردە، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى ئۆلۈك جىسىملاردىن ھالقىپ ساقچىلارغا مەركەزلىشىدىكەن ۋە خوڭكوڭدىكى قارشىلىق ئومۇمى يۈزلۈك قوراللىق ئىنقىلابقا ئايلىنىپ كېتىدىكەن. تەيۋەنلىك بىر مۇلاھىزىچىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خوڭكوڭلۇقلار ھەقىقەتەنمۇ خەلقنى تەشكىللەپ، كېلەچەكتە دېموكراتىك ۋە ئەركىن سايلام بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان بىر ھاكىمىيەت قۇرۇشنىڭ تەييارلىقىنى قىلماقتا ئىكەن.
خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ نامايىشلىرىنىڭ ئەسلى مەقسىتى ھاكىمىيەتنى ئىسلاھ قىلىش، خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتىنىڭ رېجىمىدىن قۇتۇلدۇرۇش بولغان بولسىمۇ، نامايىشچىلارنىڭ ئىدىيەلىرىدە بارا-بارا ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن. مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنىڭ سانى كۆپىيىپ بارغان. بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى؛ ھازىرغا قەدەر نامايىشلاردا ئاكتىپ رول ئويناپ تۇتقۇن قىلىنغان ۋە سوتنىڭ ھۆكۈمىنى كۈتۈشكە قويۇپ بېرىلگەن مىڭلىغان ياشلار، ئەگەر بۇ قارشىلىقلار توختاپ قالسا، بۇ ھۆكۈمەت ئىسلاھ قىلىنمىسا ياكى ئاغدۇرۇپ تاشلانمىسا، ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىدە ئېغىر قاماق جازالىرىغا مەھكۇم بولىدىغانلىقىنى بىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئالدىنقى ھەپتە خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىگە سۇنغان 5 تۈرلۈك تەلەپلىرىنىڭ بىرىدىمۇ «نامايىشچىلارنى سوتلىماسلىق، ئۇلارغا كەڭچىلىك قىلىش» ئورۇن ئالغان ئىدى.
خوڭكوڭنىڭ قانۇنى بويىچە، تۇتقۇنلار ئۈستىدىن سوت ئېچىلىپ رەسمىي قاماق جازاسى ئېلان قىلىنغانغا قەدەر ئۇلار ئەركىن قويۇپ بېرىلىدىغان بولۇپ، كەلگۈسىدە بۇنداق بىر ئېغىر ئاقىۋەتنىڭ بېشىغا كېلىشىنى خالىمىغان نۇرغۇنلىغان ياشلار رادىكال قارشىلىق يولىنى تاللىماقتا ئىكەن. ئەگەر ئۇلار ھازىرقىدەك ئۇرۇپ-چېقىش، ئوت قويۇش، بۇزۇش، شەھەر قاتنىشىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش، ئىش توختىتىش قاتارلىق زورلۇق خاراكتېرىنى ئالغان قارشىلىقلىرى ئارقىلىق ھېچ بولمىسا بۇ ھاكىمىيەتنى ئىسلاھ قىلىش مەقسىتىگە يىتەلمىسە، ئۇ ھالدا قوراللىق ھەرىكەت يولىنى تاللاشقا باشلايدىكەن.
ھالبۇكى، كۆزەتكۈچىلەر خوڭكوڭدىكى قارشىلىق ئەۋجىگە چىقسا، 1989-يىلى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن «4-ئىيۇن تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» نىڭ خوڭكوڭدىمۇ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز ئەندىشىلىرىنى ئىپادە قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇندىن ئىككى ئاي ئىلگىرىلا خوڭكوڭغا يېقىن بولغان شېنجېن شەھىرىگە تولۇق قوراللانغان ساقچى قىسىملىرىنى ۋە برونېۋىك، تانكىلارنى يەرلەشتۈرۈپ بولغانلىقى خەۋەرلەردە ئاشكارا بولغان ئىدى. ئەمما تۈركىيەدىكى ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خوڭكوڭنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى سەۋەبلىك خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى قارشىلىقنى قوراللىق باستۇرۇش ئېھتىماللىقىنىڭ ھازىرچە يۇقىرى ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات ياقۇپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خوڭكوڭدا ئېغىر دەرىجىدىكى باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزەلمەسلىكىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، بۇ جاينىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي مەركەز ھەمدە ئاخبارات ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە بولغان بىر رايون بولغانلىقىدا ئىكەن.