خىتاينىڭ «تېررورلۇق» تەبىرى ۋە يانفوننىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئۇيغۇرلار
2023.05.03
ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە تاشقى دۇنياغا كۆپلىگەن ئۇچۇرلار مەلۇم بولغان بولسىمۇ، مەزكۇر قىرغىنچىلىقنىڭ باشلىنىشىدىكى زور تۇتقۇننىڭ قانداق ئورۇنلىنىشى ھەمدە بۇنىڭغا قانداق ئامىللارنىڭ سەۋەب بولغانلىقى يەنىلا تولۇق يورۇتۇلماي كېلىۋاتقان بىر تېما بولۇۋاتقانىدى. خەلقئارا دۇنيانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق قىلمىشىنى ئەيىبلىشىگە قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە ئۆزلىرىنىڭ «تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق» قا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل كۈرەشنىڭ ھەرقانداق ھۆكۈمەت ئۈچۈن زۆرۈر بولغان چارىلەردىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن. شۇنداقلا «بىز ھەرقاچان تېررورلۇقنىڭ قۇربانى بولۇۋاتىمىز» دېيىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مىليونلاپ لاگېرلارغا قامىشىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىپ كەلگەنىدى.
2023-يىلى 3-ماي كۈنى «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى مەخسۇس دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان «تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق» نىڭ نېمىنى كۆرسىتىدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم نامايان بولدى. ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساقچى دائىرىلىرى «تېررورلۇققا چېتىشلىق» دەپ ماۋزۇ قويغان 50 مىڭدىن ئارتۇق يانفون ھۆججىتىنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ چىققان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرى پەن-تېخنىكىنىڭ ياردىمىدە ئىجرا قىلىۋاتقان غايەت زور نازارەت مېخانىزمىنىڭ ئاخىرقى خۇلاسىسى شەكلىدە توپلانغان ئۇچۇرلار ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۇچۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى 2017-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە توپلانغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 11 مىليون قېتىملىق يانفون تەكشۈرۈشتىن ھاسىل بولغان. بۇنىڭدا خىتاي ساقچى سىستېمىسى «ساپ تور مۇھاپىزەتچىسى» (Jing Wang Wei Shi) نامىدىكى مەخسۇس مەزمۇن تەكشۈرگۈچى ئەپنى بارلىق كىشىلەرنىڭ يانفونىغا ئورنىتىشى لازىملىقىنى بەلگىلىگەن بولۇپ، بۇ خىل ئەپنى ئورناتماسلىقنىڭ ئۆزىلا نۇرغۇن كىشىنىڭ لاگېرغا قامىلىشىغا سەۋەب بولغان. ئەينى ۋاقىتتىلا ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، جۈملىدىن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى بۇ خىل ئەپنىڭ رولى ھەمدە «خەتەرلىك» مەزمۇننى بايقىغان ھامان ساقچى سىستېمىسىغا ئاپتوماتىك خەۋەر يەتكۈزۈش رولى ئوينايدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنىدى. بۇ قېتىملىق دوكلاتنىڭ ئاپتورلىرىدىن بىرى، «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇۋەققەت دىرېكتورى مايا ۋاڭ (Maya Wang) رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق قىلىپ شۇنچە كۆپ كىشىلەرنى لاگېرغا قاماپ بولۇشىدا بۇ ئەپنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ قېتىملىق تەتقىقاتتا ئاشۇ ئەپلەرنىڭ زادى قانداق رول ئوينىغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلدۇق. چۈنكى شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئىشلار خىتاينىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بىز يەنە ھۆكۈمەتنىڭ مۇشۇ خىل ئەپلەر ئارقىلىق يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىسىنى قانداق ئىشقا سالغانلىقى ھەمدە ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ئەركىنلىكىگە قانداق ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنىمۇ يورۇتۇپ بەردۇق. بىز بۇنىڭدا كۆپلىگەن سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش ئارقىلىق بۇلارغا تەپسىلىي قاراپ چىقتۇق. بۇلار بەكمۇ زور ھەجىمدىكى ماتېرىياللار بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ‹خەتەرلىك› ۋە ‹ئاشقۇن مەزمۇن› دەپ بېكىتكەن ئۇچۇرلار ئىدى. بىز بۇلارنىڭ چىنلىقىنى سىفىرلىق ئىمزا ئارقىلىق دەلىللەپ چىقىش بىلەن بىرگە شىنجاڭ ساقچى سىستېمىسى قوللانغان ئىككى ئەپكە دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈردۇق. بۇلارنىڭ بىرى ‹ساپ تور مۇھاپىزەتچىسى› (Jing Wang Wei Shi)، يەنە بىرى ‹ھەرىلەرنىڭ شىرنە يىغىشى› (Feng cai) دەپ ئاتالغان. بۇ ئىككى ئەپنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ساقچى سىستېمىسى پۇقرالارنىڭ يانفونلىرىغا مەجبۇرىي يوسۇندا ئورناتقان. بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ئەپنى ئورناتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يانفونىدا ھۆكۈمەت ‹خەتەرلىك› دەپ بېكىتكەن ئۇچۇرلار بايقالغان ھامان ئۇلار باش سىستېمىغا خەۋەر قىلىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ تېلېفوننىڭ نومۇرى ۋە ئادرېسىغا دائىر بارلىق ئۇچۇرلارنىمۇ قوشۇپ يوللاپ بېرىدۇ».
«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» تەييارلاپ چىققان بۇ قېتىملىق دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان «تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق» نىڭ خەلقئارادىكى ئورتاق تەبىردىن غايەت زور دەرىجىدە پەرق قىلىدىغانلىقى نۇقتىلىق بايان قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ سىياسىي، دىنىي ياكى ئىدېئولوگىيە جەھەتتە مەيلى باشقا شەخسلەرگە بولسۇن ياكى جەمئىيەتكە بولسۇن ھېچقانداق زىيان-زەخمىتى بولمىغان ھادىسىلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىردەك «تېررورلۇق» دەپ خۇلاسىلىگەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈزۈپ چىققان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى قانۇن-نىزاملار ئەنە شۇ يوسۇندا كىشىلەرنىڭ ئەقەللىي ھەقلىرىنى «تېررورلۇق» قا باغلاپ چىققان ھەمدە مۇشۇ ئارقىلىق زىيانكەشلىكنى ئىجرا قىلغان.
دوكلاتتا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بىر مەزمۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 1000 كىشىنىڭ دېلوسى بولۇپ، بۇلار 1400 يانفوننى تەكشۈرۈشتىن كېيىن ھاسىل بولغان. ئەمما بۇلارنىڭ 57 پىرسەنتى «قۇرئان كەرىم» نىڭ تولۇق نۇسخىسى ياكى قىسمەن ئايەتلىرى چۈشۈرۈۋېلىنغان تېلېفونلار بولۇپ، بۇ خىلدىكى ئىسلامىي تېكىستلەر بايقالغانلىكى تېلېفونلارنىڭ ئىگىسى «تېررور گۇماندارى» قىلىپ بېكىتىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى»، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»، «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» قاتارلىق تەشكىلات ياكى ئورگانلاردىن چۈشۈرۈلگەن، ئەمما تېررورلۇق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان ھەرقانداق سۈرەت، ئاۋاز ھۆججىتى ياكى ۋىدىيو ھۆججىتى بايقالغان بولسا ئۇلارمۇ «تېررورلۇق» كاتېگورىيەسىگە مەنسۇپ قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە «كاپىرلارغا قارشى جىھادقا ئاتلىنىش» تېمىسىدىكى مەزمۇنلار تۆت پىرسەنتنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇسى قوللىنىلغان مەزمۇنلار ئالتە پىرسەنتنى ئىگىلىگەن. ئەمما بۇ تېلېفونلارنىڭ ئىگىسى 100 پىرسەنتلىك نىسبەتتە تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مايا ۋاڭ مۇنداق دەيدۇ:
«بۇ خىل ئەپلەر تەكشۈرۈپ سۈزۈپ چىققان ‹تېررورلۇق› نامىدىكى ماتېرىياللار ئارىسىدا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ئۇچۇرلار بار. ئۇلار قانداق مەزمۇندىكى ئۇچۇرلار دېسىڭىز، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەر ماقالىلىرى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ ‹5-ئىيۇل نامايىشى›غا دائىر مەزمۇنلار بىرقەدەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇ خىلدىكى ئېلان قىلىنغان خەۋەر ماقالىلىرىنى چۈشۈرۈۋالغانلارنىڭ ئىسىملىكى بەكمۇ كۆپ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خەۋەر ماقالىلىرىنى بىردەك ‹ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك› دەپ جاكارلىغان ھەمدە مەخپىي ھالدا يانفون تەكشۈرۈشى ئارقىلىق مۇشۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارنى توپلىغان. بۇ خىلدىكى خەۋەر ماقالىلىرىنى چۈشۈرگەنلەر، ھەمبەھىرلىگەنلەر ياكى باشقىلارغا تارقاتقانلار بىردەك تۇتقۇن قىلىنغان. ھالبۇكى بۇ ئۇچۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھېچقاچان تېررورلۇق ياكى ئاشقۇنلۇق بىلەن قىلىچىلىكمۇ ئالاقىسى يوق مەزمۇنلاردۇر. ئەقەللىيسى بۇ كىشىلەرنىڭ 57 پىرسەنتى يانفونلىرىغا ‹قۇرئان› ئايەتلىرىنى چۈشۈرۈپ قويغانلىقى ئۈچۈنلا قامىلىپ كەتكەن. بۇ كىشىلەرنىڭ ھازىر لاگېردىن چىققان-چىقمىغانلىقى توغرىسىدا بىز ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز».
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. بولۇپمۇ غەرب دۇنياسىدىكى دۆلەتلەر تەمىن ئەتكەن يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قانداق تەتبىق قىلىنىشى ھەر ساھەنى بەكمۇ چۆچۈتتى. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان «تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق» نىڭ تەبىرىنى تاغدەك ئىسپاتلار بىلەن ئىنكار قىلىشى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىشى ھەر ساھەنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.