خىتاينىڭ «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ» ىگە ئايلانغان ئۇيغۇر ياڭاقلىرى
2024.05.09
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلى نۆۋەتتە خىتايدىكى ئىككىنچى چوڭ ياڭاقچىلىق بازىسىغا ئايلانغان. خەلقئارالىق مېۋە ۋە كۆكتات ئۇچۇرلىرى تورى بولغان «FreshPlaza» نىڭ 7-مارتتىكى بىر خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 2024-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مېۋە ئېكسپورتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئىككى ھەسسە ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ياڭاق ئېكسپورت مىقدارى ئەڭ يۇقىرى رېكورت ياراتقان ئىكەن.
ئۇيغۇر رايونىدىكى ياڭاقلىقلار ئاساسلىقى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي-جەنۇبىي قىسمىدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان بوستانلىقلارغا تارقالغان بولۇپ، قەشقەردىن خوتەنگىچە بولغان لىنىيەدىكى نەچچە ئونلىغان ناھىيە ۋە يۈزلىگەن يېزا-كەنتلەر ئەڭ سۈپەتلىك ياڭاق چىقىدىغان رايونلار ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ يەركەن، قاغىلىق ۋە خوتەننى مەركەز قىلغان جايلاردا پوستى نېپىز، مېغىزى قېلىن ۋە تەملىك، سۈپىتى يۇقىرى بولغان قەغەز ياڭاقلىرى بىلەن مەشھۇردۇر. شۇڭىمۇ ياڭاقچىلىق بۇ جايلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئەڭ مۇھىم باغۋەنچىلىك ئىگىلىكىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن.
ھالبۇكى، كېيىنكى يىللارغا كەلگەندە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ياڭاقلىرى خىتاي مىقياسىدا كەڭ كۆلەمدە ئىستېمال قىلىنىشقا، بازاردىكى نەرخى يىلسېرى ئۆرلەشكە باشلىغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ياڭاقچىلىقىنى تېخىمۇ كۆلەملەشتۈرۈپ، ياڭاق مەھسۇلاتلىرىنى خەلقئارا بازارلارغا ئېكىسپورت قىلىشقا باشلىغان. ئۇنداقتا، يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرى خىتاي ئىچى ۋە خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈلگەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياڭاقچىلىقنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى ۋە ئەمەلىي پايدىسىدىن مەنپەئەتلەندىمۇ-يوق؟ بۇنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن قانچىلىك ئەمەلىي باغلىنىشى بار؟ شۇنچە تېز سۈرئەتتە كۆلەملەشتۈرۈلگەن ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مېۋە-چېۋە ئېكىسپورتىدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان ياڭاق مەھسۇلاتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋىتى زادى قانچىلىك؟
بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن مەسىلىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە قاراپ باقايلى!
بىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياڭاقچىلىق ۋە ياڭاق مەھسۇلاتلىرى ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي قىممەتنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارغا ھېچقانچە مەنپەئەت بەرمىگەنلىكى، بەلكى بۇنىڭ پايدىسىنى خىتاي مېۋە-چېۋە ئېكىسپورت شىركەتلىرىنىڭ كۆرۈۋاتقانلىقىنى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى تارقاتقان خەۋەر ۋە ئۇچۇرلاردىن ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز. بىز بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-پىلان كومىتېتىنىڭ 2019-يىلى 10-مايدىكى بىر خەۋىرىگە نەزەر ئاغدۇرساقلا، بۇنىڭ ئىچ يۈزىنى ئېنىق ھېس قىلالايمىز. چۈنكى بۇ خەۋەر بىزگە مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى شەرھىيىلەپ بېرىدۇ. خەۋەرنىڭ تېمىسى «شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى دېھقانچىلىق كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ ياردىمىدە نامراتلىقنى يەڭدى» دېيىلگەن. خەۋەردە دەل ئاتالمىش «شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى» نىڭ خوتەن ناھىيەسى باغچە كەنتىنىڭ ياڭاقچىلىق كەسپىنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى بايان قىلىنغان. يەنى مەزكۇر شىركەت باغچە ناھىيەسىدىكى 44 دېھقانچىلىق كەسپىي كوپېراتىپى ئارقىلىق 15 مىڭ ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ 58 مىڭ مو تېرىلغۇ يېرىنى تارتىۋالغان. تارتىۋېلىنغان يەرلەردە ياڭاقچىلىقنى كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىش بازىلىرىنى تەسىس قىلىپ، يەنە شۇ يەرلىرى تارتىۋېلىنغان دېھقانلارنى ياڭاقچىلىق بازىلىرىنىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچى ياكى قۇل ئىشچىسى قىلىپ ئىشلەتكەن.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى تارتىۋېلىشى يېقىنقى مەزگىللەردىلا كۆرۈلگەن ھادىسە بولماستىن، بەلكى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان مەسىلىدۇر. بولۇپمۇ خىتاي ئاتالمىش «نامراتلىقنى يىلتىزىدىن يوقىتىش» نى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ 19 ئۆلكە ۋە شەھىرىگە بۆلۈپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى يەرسىزلەشتۈرۈش سىياسىتى تېخىمۇ رادىكال شەكىلدە داۋام قىلدى. بۇ نەتىجىسىدە بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى يەرسىز، تۇپراقسىز ياللانما ئەمگەكچىلەرگە ئايلاندۇرۇلدى. خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم» تەشۋىقاتلىرىدا، ئۇيغۇر دېھقانلىرى دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى ياخشى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن خىتاي دېھقانلىرىدەك بېيىپ كېتەلمىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسا؛ «شىنجاڭغا ياردەم ئۈچۈن كەلگەن» خىتايلار بولسا خۇددى يەرلىك ئۇيغۇرلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغان شاپائەتچىلەردەك قىلىپ كۆرسىتىلدى. ۋەھالەنكى، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ تارىختىن بۇيان ئۆز جىنايى قىلمىشلىرىنى پەردازلاپ كۆرسىتىش ياكى ھەقلىقلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مۇشۇ خىلدىكى شېكەر يالىتىلغان تەشۋىقاتلارنى قىلىپ كەلگەنلىكى ھېچكىمگە سىر ئەمەس، ئەلۋەتتە! شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خىتاي تەشۋىقاتلىرى دۆلەتنىڭ كۈچى ۋە سىياسەتنىڭ قوللىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، مەيلى خىتاي ئىچىدە بولسۇن ياكى خەلقئارادا بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ كۈلپەتلەرنىڭ سۇ يۈزىگە چىقىشى ئىنتايىن قىيىن بولماقتا.
ئەمەلىيەتتە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم پىلانى» نىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بولمىغانلىقى بەش قولدەك ئېنىق بىر ھەقىقەت. شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق، تەكلىماكاندەك سۇسىز چۆل-جەزىرىدە كىمخابتەك گۈزەل بوستانلىقلارنى بەرپا قىلغان ۋە ھاياتلىق ماكانى ياراتقان مېھنەتكەش بىر خەلقتۇر. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گېرمان تىلى ۋە ئەدەبىياتى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور م. شۈكرۈ ئاققايا ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى» ناملىق ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلاردا تېرىم ۋە دېھقانچىلىق ئىگىلىكىنىڭ ناھايىتى تەرەققىي قىلغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئالاھىدە سۇغۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇر باغۋەنچىلىكى ۋە تېرىقچىلىقىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ يەنە ئارخېئولوگىيەلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈشلەردە زاپاس تۇرپان ۋە تارىم ئويمانلىقىدىن ئاشلىق، ئۈزۈم شەربىتى سودىسى قاتارلىقلارغا ئائىت نۇرغۇنلىغان ھۆججەتلەرنىڭ تېپىلغانلىقىنى بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «بېغى يوقنىڭ جېنى يوق» دېگەن تەمسىلنىڭ بولۇشىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئادەتلىرىدە كۆكەرتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن بىر خەلق ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. ئۇيغۇرلار ئۆزى ئولتۇراقلاشقان جايلاردا گۈل-گىياھ ۋە تۈرلۈك مېۋىلىك كۆچەتلەرنى تىكىپ، باغ-ۋاران بەرپا قىلىپ ئادەتلەنگەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان ھەرقانداق بىر يېزا-كەنت ياكى مەھەللىلەر بۈك-باراقسان باغلار بىلەن ئورالغان بولىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، بوستانلىق ۋە بوستانلىقلاردا يارىتىلغان باغۋەنچىلىك ئەنئەنىسى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى خاراكتېرلەيدىغان مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدە دېھقانچىلىقتىن قالسىلا باغۋەنچىلىك ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان مۇھىم ئىگىلىك شەكلىدۇر. شۇڭا تەكلىماكاننى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇپ ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار، ئۆز تۇپراقلىرىنى يەنە مەشھۇر مېۋە-چېۋە ماكانىغىمۇ ئايلاندۇرغان.
ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ نامراتلىق پاتقىقىغا پېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۈپ ئامىلنىڭ، خىتاي مۇستەملىكىسى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قورغانى ھېسابلانغان بىڭتۇەن ئىكەنلىكىنى خىتاينىڭ بىر قىسىم ھۆججەت-يازمىلىرىمۇ ئاشكارىلاپ كۆرسەتكەن. بۇ ۋەجىدىن خىتاي 1975-يىلى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نى تارقىتىۋېتىشكە مەجبۇر بولغانىدى. ئەمما ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتمەيلا، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەننى ئەسلىگە كەلتۈرمىسە، ئۇيغۇر ئېلىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن 1980-يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ۋاڭ جېننىڭ كۈچلۈك تەۋسىيەسى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدا بىڭتۇەننى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈردى. بۇ، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى خىتاينىڭ «ئىسلاھات» ۋە «ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» سىياسىتىنىڭ كىچىككىنە سايىسىدە ئەمدىلا بىر ئاز ئەركىن نەپەس ئېلىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇرلارنى قايتىدىن بېسىم ۋە نامراتلىق كرىزىسىغا يۈزلەندۈردى. ئاساسىي ئېقىمدىن چەتلەشتۈرۈش ۋە نامراتلىقتا قويۇش سىياسىتى ئاقىۋەتتە بۈگۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئاساسىنى ھازىرلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بىلەن خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىشى بىلەن تەڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ دېھقانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك ساھەسىمۇ تەبىئىي ھالدا خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ مونوپوللۇقىغا ئۆتتى. ئۇيغۇر دېھقانلىرى بولسا تېرىلغۇ يەرلىرى تارتىۋېلىنىپ، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىگە ۋە ياللانما ئىشچىلارغا ئايلاندۇرۇلدى.
دېمەك، بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان «شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى» پەقەت خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچە يېزىسىدىكى 15 مىڭ ئۇيغۇر دېھقان ئائىلىسىنىڭ يېرىنىلا تارتىۋالغان بولماستىن، بەلكى ياڭاقچىلىق كەسپىنى ئۇيغۇر ئېلىدا كۆلەملەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتىدىكى نۇرغۇنلىغان يېزا، بازارلاردا ياڭاق تېرىقچىلىق بازىلىرىنى تەسىس قىلغان. بۇنداق بازىلارنىڭ تەسىس قىلىنىشىمۇ تەبىئىي ھالدا شۇ يەرلەردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىش بىلەن روياپقا چىققان. ئېچىنارلىقى شۇكى، بۇ بازىلاردا ئۇيغۇر ياللانما دېھقانلىرىنىڭ قۇللۇق ئەمگىكى بىلەن مول-ھوسۇل بەرگەن ۋە خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن «شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يەرلىك مەھسۇلاتى» دېگەن ماركا چاپلانغان ئۇيغۇر ياڭاقلىرى، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئازابلايدىغان، ئەمما خىتاي مۇستەملىكىچىلەرنىڭ يانچۇقىنى توملايدىغان «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ» بولۇپ قالغان.
***بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.