خىتاينىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشتىكى ياردىمىنى داۋراڭ قىلىشتىكى غەرىزى نېمە؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2015.08.31
yapongha-qarshi-parat.jpg خىتاي ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 3-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزمەكچى بولغان ھەربىي پاراتىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ھەربىيلەر. 2015-يىلى 23-ئىيۇل، بېيجىڭ.
XINHUA

ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاينىڭ ياپون مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان ئۇيغۇرلارنىڭ، بۈگۈن خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇش يولىدا جان تالىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئۇ چاغلاردا «بۆرىدىن قۇتۇلۇپ يولۋاسقا تۇتۇلغان» لىقىنى تىلغا ئېلىشماقتا.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن زور تۆھپىلەر قوشقانلىقىنى توختىماي داۋراڭ قىلىشماقتا. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ زۇۋانى بولغان شىنجاڭ گېزىتىدە بۇ خۇسۇستا كۆپلەپ ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. بۇلاردا 1938 - يىلىدىن 1942 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرلارنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ۋەتىنىدە كۆپ قېتىم ئىئانە توپلاش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغانلىقى تەكىتلەندى. بۇ ئىئانە پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇرلار «ئۆزلىرىنىڭ ئامانەت پۇلى، ئالتۇن، كۈمۈشلىرى، مەرۋايىتلىرىنى ئىئانە قىلغان» دىن سىرت، 4 مىليون يۈرۈش پاختىلىق جىلىتكە، 5 مىليون يۈرۈش كونا كىيىم، 200 مىڭ يۈەن پۇلنى خىتايغا ئەۋەتىپ بەرگەن. ماقالىلەردە يەنە، ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئوغۇللىرىنى ئەۋەتمەكچى بولغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭمۇ بارلىقى تىلغا ئېلىنغان.

خوجا نىيازھاجى قوزغىلىڭى يېڭىلا ئاخىرلىشىپ، ئۈچ ۋىلايەتتە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۇنياغا كېلىش ھارپىسىدا بولۇپ ئۆتكەن بۇ ئىشلار ھەققىدە توختالغان د ئۇ ق نەشرىيات-تەشۋىقات كومىتېتى مۇدىرى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى،ئەگەر شۇ زاماندا خىتاي مەغلۇپ بولغان تەقدىردە، ئۇيغۇرلارغا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ساقلاپ قېلىش پۇرسەتلىرى تۇغۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالدى.

پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى سۆزىدە، خىتاينىڭ بۈگۈن بۇ خىل تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇشىدىكى غەرەزلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي تۆھپىلىرىگە رەھمەت ئېيتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ فاشىزمغا قارشى كۈرەشكە قوشقان ھەسسىسىنى ياد ئېتىش، تەقدىرلەش ئەمەس، بەلكى «ئۇيغۇر ۋەتىنى ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى، ئۇيغۇر-خىتاي بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىدى» سەپسەتىسىنى ئىسپاتلاش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا بولغان ساداقىتىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.