خىتاي-ياپون ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق توشۇلغان قورال-ياراقلار

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015.09.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
yapongha-qarshi-ghelbe-parat-2.jpg

ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتتىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 3-سېنتەبىر، بېيجىڭ. AFP

yapongha-qarshi-ghelbe-parat-3.jpg

ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتتىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 3-سېنتەبىر، بېيجىڭ. AFP

yapongha-qarshi-ghelbe-parat-4.jpg

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن زور كۆلەملىك پاراتتا ھەربىي كۈچلىرىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە. 2015-يىلى 3-سېنتەبىر، بېيجىڭ. AFP

yapongha-qarshi-ghelbe-parat-5.jpg

ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتتىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 3-سېنتەبىر، بېيجىڭ. AFP

yapongha-qarshi-ghelbe-parat-6.jpg

ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتتىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 3-سېنتەبىر، بېيجىڭ. AFP

بۇ يىل 3-سېنتەبىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1949-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشتا ۋە فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغۇچى دۆلەتلىك سالاھىيىتىنى نامايان قىلىدىغان ھەربىي پارات ئۆتكۈزدى. ھەربىي پاراتتا خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى ۋە دۆلەتنىڭ ھەربىي-سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقى نامايان قىلىنغانلىقى، ھەتتا بىر قىسىم ئەڭ ئىلغار قوراللىرىنىڭ نامايان قىلىنغانلىقى ھەققىدە كۆپلەپ يېزىلدى.

1937-1945-يىللىرى ئارىسىدا خىتاينىڭ ياپونىيە مىلىتارىزمىنىڭ ئىشغالىيەتچى قوشۇنلىرىغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە قىلىشىدىلا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ياردىمىنىڭ. جۈملىدىن مەزكۇر ئىككى دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ ياپونىيە قوشۇنلىرىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە مانجۇرىيە، كورېيە قاتارلىق جايلاردا مەغلۇپ قىلىپ، تەسلىم بولۇشقا قىستىشىنىڭ ئالاھىدە رول ئوينىغانلىقى تارىخچىلار تەرىپىدىن تەكىتلەنمەكتە.

سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي 1937-يىلى، 21-ئاۋغۇست كۈنى «ئۆزئارا ھۇجۇم قىلماسلىق شەرتنامىسى»ئىمزالىغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ ياپونىيەگە قارشى ھەربىي ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئاساس سېلىندى. ئەنە شۇ شەرتنامە ئاساسىدا شۇ يىلى، 14-سېنتەبىر كۈنى جۇڭگو تەرەپ ۋەكىللىرى موسكۋادا سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي-تېخنىكا ياردىمىگە ئېرىشىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ خىتايغا تۆۋەن ئۆسۈم بىلەن قەرز ھېسابىدا قورال-ياراق،ئوق-دورا ۋە باشقا ئەشيالارنى بېرىشكە ماقۇل بولغان.

رۇسىيە تارىخچىلىرىدىن گورباچوفنىڭ يېزىشىچە، 1937-يىلىدىن 1941-يىلىغىچە بولغان بەش يىل جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا بەرگەن قورال-ياراقلىرىنىڭ قىممىتى 122 مىليون 500 مىڭ دوللار بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى خىتايغا جەمئىي 1235 دانە ھەر خىل تىپتىكى ئايروپىلان، يەنى 777 دانە ھۇجۇمچى ئايروپىلان، 408 بومباردىمانچى ئايروپىلان، 100 مەشىق ئايروپىلانى، 14 مىڭ دانە ستانكىۋاي ۋە قول پىلىموتى، بۇنىڭ ئۈچۈن 210 مىليون پاي ئوق، 31 مىڭ 600 ھاۋادىن تاشلىنىدىغان بومبا، 2 مىليون پاي زەمبىرەك ئوقى، 180 مىليون پاي مىلتىق ئوقى، 82 دانە تانكا، 600 رېمونت زاۋۇتى، 1255 ئاپتوموبىل ۋە يەنە تراكتور قاتارلىقلار بەرگەن.

سوۋېت ئىتتىپاقى يەنە 300 ھەربىي مەسلىھەتچى ۋە 5000 ھەربىي خادىمنى شۇنىڭدەك ئۇچقۇچىلارنى ياردەمگە ئەۋەتكەن بولۇپ، سوۋېت مەسلىھەتچىلىرى ئۇرۇش سەپلىرىگە قوماندانلىق قىلىشقا مەسلىھەتچىلىك قىلغان. سوۋېت ئۇچقۇچىلىرى كۆپ ھاۋا جەڭلىرىگە قاتنىشىپ ياپون ئايروپىلانلىرىنى يوقاتقان ئىدى.

رۇس تارىخچىسى نېخنىڭ يېزىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا بەرگەن بارلىق ئوق-دورىلىرى ۋە قورال-ياراقلىرى ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق ئۆتىدىغان «ز» يولى دەپ ئاتالغان يول ئارقىلىق توشۇلغان بولۇپ، قورغاستىن كىرگەن بۇ يولدا سوۋېت ئاپتوموبىللىرى قورال ۋە ئوق-دورىلارنى ھەم ھەربىي خادىملارنى توشۇغان ئىدى. بۇ، يول خىتاينىڭ بىردىن-بىر قورال-ياراق كېلىش مەنبەسى بولۇپ قالغان ئىدى.

تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى يەنە 1945-يىلى، 8-ئايدا بىر مىليون 200 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى مانجۇرىيەگە كىرگۈزۈپ، ياپونىيە ئارمىيەسىنى تارمار قىلغان ئىدى.

ئۇنىڭ ئالدىدا بولسا ئامېرىكا ئارمىيىسى ياپونىيە قوشۇنلىرىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا تارمار قىلىپ، ئاساسلىق كۈچىنى يوقاتقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.