بېيجىڭنىڭ چەكلىمىسى بىلەن ياۋروپانىڭ «دەست تۇرۇشى» ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشلەر
2022.02.10

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولغاندىن كېيىن، بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش مەزمۇنىدىكى پائالىيەتلەرمۇ ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەمدە تەشكىلاتلارنىڭ، شۇنىڭدەك مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر مۇھىم مەجبۇرىيىتىگە ئايلىنىشقا باشلىغان ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىگە قارشى بارلىق چۇقانلارنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن قولىدىغان كېلىدىغان ھېچقانداق ۋاستىنى ئايىمايۋاتقانلىقى ئۆز نۆۋىتىدە خېلى سالماقلىق سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى يېقىندىن بۇيان كۆپلەپ مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. بۇ مەسىلىلەرگە قاراپ چىقىش ئۈچۈن لوندون شەھىرىدىكى «سۈزگۈچلەر ئاچقۇچى» (Index on Censorship) تەشكىلاتى 10-فېۋرال كۈنى «بېيجىڭنىڭ چەكلىمىسى ۋە ياۋروپانىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئورنىدىن دەست تۇرۇشى» تېمىسىدا مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇردى.
سۆھبەت رىياسەتچىسى فلو ماركس خانىم ئۆزى بىلىدىغان ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنىڭ قىسمەتلىرىدىن مىسال ئېلىش ئارقىلىق، بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر رايونىدا قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان ھەمدە ھېچكىممۇ خاتىرجەم ياتالمايدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەنگەندە، ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئەنسىزلىكتىن خالىي بولالمايۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىرى ياۋروپادىمۇ ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ، ياۋروپانىڭ قىممەت قارىشى ۋە دېموكراتىيەسىگە ئېغىر خىرىسلارنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، ياۋروپادا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا نىسبەتەن ئۇنداق كۈچلۈك ئىنكاسنىڭ ئوتتۇرىغا چىقمايۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالنى يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.
يىغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى نۇسرەت غەنى بۇ مەسىلە ھەققىدە ئالدى بىلەن ئۆز قاراشلىرىنى شەرھىلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ پىكرىچە، ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر دېموكراتىيە ئاساسىدا بەرپا بولغان بولسىمۇ، خىتايدا زادى نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ئۇنچە چوڭقۇر چۈشەنمەيدىكەن. يەنە كېلىپ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كۆپ قىرلىق ۋە مۇرەككەپ ئىكەن. يەنە بىر ياقتىن خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ياۋروپادا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە ئالاھىدە زور كۈچ چىقىرىپ كەلمەكتىكەن. شۇڭا ئاسىيا دۆلەتلىرى خىتاينى چۈشەنگەن بىلەن ياۋروپانىڭ خىتاي ھەققىدىكى ئومۇمىي چۈشەنچىسىدە بەك چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا بولغىنى يوق. بۇ جەھەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەبىئىتىنى ئاڭلىتىشتا ناھايىتى كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ياۋروپا دۆلەتلىرىدە يەنىلا زور گۇمان مەۋجۇت. شۇ سەۋەبتىنمۇ قىرغىنچىلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆپ كىشىلەر قوبۇل قىلالماي كەلمەكتە ئىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسامۇ بۇ قېتىملىق يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئىدى. ئۇ پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غەنىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە ئىزچىل ئادالەتنى ھېمايە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلگەنلىكىدەك ئالىجاناپلىقى ۋە جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇش بىلەن بىرگە بۇ جەھەتتىكى ئەھۋال توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردى.
ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي قىسمەتلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا نۆۋەتتە ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ «دۆلەتسىز» سالاھىيەتتە تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ توختىماستىن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كېلىۋاتقان تەھدىتلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان قوللىنىپ كەلگەن «ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش» دىپلوماتىيەسى ياۋروپادا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى ئەنسىزلىككە گىرىپتار قىلماقتا ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇزۇن قولى» نۆۋەتتە ياۋروپانىڭ ھەممىلا يېرىگە سوزۇلۇپ دېموكراتىيەنى ۋەيران قىلىش، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنى كونترول قىلىۋېلىش، ئىقتىسادىي جەھەتتە ھۆكۈمەتلەرنى كونترول قىلىش ۋە بېسىم قىلىش دېگەنلەر بىلەن مەشغۇل بولماقتا ئىكەن.
بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «كودا ھېكايىلىرى» تورىنىڭ خادىمى ئىسابېللا كوكېرېل خانىم نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن مىسال ئالغان ھالدا بەزى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى قورقۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن. ئۇلار يەنە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرى ئۈستىدىن نورۋېگىيە دائىرىلىرىگە ماتېرىيال سۇنغان. ئەمما سەرسان بولۇپ يۈرگەن بۇ ئۇيغۇرلار ساقچىلار چاقىرتىپ كېلىپ ئەھۋال ئىگىلىگەندە، ئۆزلىرىنىڭ ئېيتقانلىرىنى ماددىي ئىسپاتلار بىلەن ئىسپاتلاپ بېرىشكە ئىلاجىسىز قالغان. يەنە بىر ياقتىن خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئەزالىرىغا قورقاق سېلىشنى باشلىۋەتكەن. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق يالغان ئۇچۇر تارقىتىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنى، مەجبۇرىي ئەمگەكنى، شۇنىڭدەك لاگېر سىستېمىسىنى يالغانغا چىقىرىشقا زور كۈچ چىقارغان. بۇمۇ ياۋروپا سىياسىي ساھەسىنى ئىككىلەندۈرۈپ قويۇۋاتقان بىر مۇھىم ئامىل بولۇپ قالغان.
بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللار قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن، ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇنداق ئاشكارا خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ھېمايە قىلىشتا تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىش كېرەكلىكى تەكىتلىنىپ، بۇ جەھەتتە ئەنگلىيەنىڭ نېمىلەرنى قىلالىشى ھەققىدە سوئال ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپلا قالماستىن، نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ كومۇنىستىك قىممەت قارىشىنى ياۋروپاغا كېڭەيتىش، شۇ ئارقىلىق ياۋروپادىكى دېموكراتىيەنى ھالاك قىلىش ھەمدە ياۋروپانىمۇ ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ پىكرىچە، بۇ جەرياندا خىتايلارنىڭ ياۋرپادىن تېخنىكا ئوغرىلىشىمۇ ئەۋج ئالماقتا ئىكەن. خىتايلارنىڭ تەبىئىتىنى بەكمۇ ياخشى چۈشەنگەن ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر بۇ ھەقتە ياۋروپانى كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ خىتاي ھەققىدىكى گۇمانىدا تېخى ئۇنداق زور ئۆزگىرىش پەيدا بولمىغان. بۇنداق ئەھۋالدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە خىتاينىڭ تەبىئىتىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇشتۇرۇش بەكمۇ مۇھىم ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئۇيغۇر قاچقۇنلىرىغا، جۈملىدىن ئىدرىس ھەسەنگە ئوخشاش ئۈچىنچى بىر دۆلەتتىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا، شۇنىڭدەك تايلاندا يىل-يىللاپ قاماقخانىدا يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى بەكمۇ مۇھىم ئىكەن.
ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى نۇسرەت غەنى خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتلىرى قاتارىدا ئۇلارنىڭ ئۆزىگە جازا قويغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا پاناھلىق بېرىش سانىنى ئاشۇرۇشقا قايىل قىلىش نۆۋەتتە بەكلا مۇھىم ئىكەن. ئۇلار ھازىر بۇ مەسىلىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بىر قاتار ئىش بىرلىكى قۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ھال ئەينى ۋاقىتتىكى يەھۇدىيلارنىڭ ياۋروپادا قاچ-قاچ بولغاندىكى ئەھۋالىغا بەكمۇ ئوخشاپ كېتىدىكەن.
شۇنىڭدىن كېيىنكى سوئال-جاۋاب بۆلىكىدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى مەيدانى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خاتا ئۇچۇرلار بىلەن قايمۇقتۇرۇشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر سىياسىي ساھەدىكىلەردىن باشقا ئىلمىي ساھە خادىملىرىغىمۇ جازا ئېلان قىلىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن دۇنياغا دۈشمەن بولۇۋاتقاندا دۇنيانىڭ بۇ ھەقتە ئىتتىپاقلىق ئورنىتىشى قاتارلىقلار ھەققىدە پىكىرلەر بولدى.
يىغىندىن كېيىن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۆتكەن 30 يىل جەريانىدا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چۈشەنچىسىدە غايەت زور ئۆزگىرىشنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدەك رېئاللىق ئەمەلىيەتتە ياۋروپانىڭ خىتاينى چۈشىنىشىدە مەلۇم بىر باسقۇچنىڭ تامام بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان كەلگۈسىدىكى مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلسىنىڭ مۇھىم ئورۇن ئىگىلىشىگە قارىتا يەنىلا زور دەرىجىدە ئۈمىدۋار ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا دۆلەتلىرى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قانداق داۋام قىلدۇرۇش مەسىلىسىدە كۆپ قېتىملاپ مۇزاكىرىلەردە بولغان بولۇپ، بۇ مەسىلە ھازىر ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئەستايىدىل ئويلىشىۋاتقان تېمىلاردىن بولۇپ قالماقتا ئىكەن.